بۇرۇنقى زاماندا بۈككىدە ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كونا كەپىدە بىر ئائىلە كىشلىرى ياشايدىكەن .
كۈنلەر ئۆتۈپ ، بوۋاي ، مومايلار قېرىپ ئىش - ئەمگەكتىن قاپتۇ. ئۆيدە يەيدىغانلار كۆپ ، ئشىلەيدىغانلا ر ئاز بولغاچقا تۇرمۇشتا بىر ئاز قىيلىنىپ كۈنلىرى ئاچ - زارلىقتا ئۆتۈشكە باشلاپتۇ . بوۋاي بىر كۈنى ئوغلىغا ؛
- بالام ، ھۇرۇنلۇق ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ، ياشاش ئۈچۈن تىرىشش كىرەك. بىزدە ،" ئىشلگەن چىشلەيدۇ، ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ.؛ دېگەن گەپ بار . سەن دېگەن ئوغۇل بالا، بەل قويۇۋەتمە ! ھېلىتىن سىڭاريان ياتساڭ، كەلگۈسىدە بالاڭنى قانداقمۇ ئوقۇتسەن ؟ ھەرگىزمۇ " ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تازا، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تازا" دېگەندەك ئىش قىلما ! بولمىسا بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ياشىيالمايسەن ، - دەپ نەسىھەت قىپتۇ . ئوغۇل ؛ copyright by www.iz.la
- ماقۇل ، دادا ،- دەپتۇ ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇيقۇسىنى ئىچىپ ، رىزقىنى ئەمگەكتىن تېپىپ تۇرمۇشنى بىر ئازا ياخشىلاپتۇ . ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى يىگۈسى ، كىيگۈسى كەپتۇ ۋە دادسىغا ؛ www.iz.la
رازى بولساڭ جان دادا ،
باراي دەيمەن شەھەرگە .
ياخشى ئىشلەپ پۇل تاپسام،
ئىشلىتەرسەن ھۈنەرگە . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دەپتۇ ، دادسى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن ؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دادىل قەدەم باسقۇلۇق،
ئوغۇل دېگەن خەتەرگە.
سەندىن مەڭگۈ رازىمەن،
ئارىلاشمىساڭ زەھەرگە . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دەپ يولغا ساپتۇ . ئوغۇل ماڭا- ماڭا شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ ۋە ئاۋات جايدىن بىر دۇكان ئاپتۇ . ئۇ پىژغىرىم ئىسسىق ، قەھىرىتان سوغۇققا قارىماي ، ئويۇن - تاماششىغا زېھنىنى چاچماي ، دادسىدىن ئۈگنىۋالغان موزدۇزلۇق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، كۆپ پۇل تېپىپتۇ . پۇل تاپقانسىرى ھاكاۋۇرلىشىپ، مېھرى - مۇھەببەتنى ئۇنتۇپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپ ئوغۇل تاپقان پۇللىرنى ئىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئاتا -ئانىسى بىلەن سۇسلا كۆرۈشۈپتۇ . بوۋاي ، مومايلار ھەيران قېلىشىپتۇ - يۇ ، " بەلكىم ھاردۇق يەتكەندۇ " دېيىشىپتۇ. لېكىن شۇ كۈندىن باشلاپ ، ئۇلار ئوغلىنىڭ تاپا - تەنىسىدىن كۆڭلى ئازار يەپتۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
بىر كۈنى ئۇلار ئۆيدە شورپا سېلىپ ئاش ئېتىشىپتۇ . كېلىن بوۋاي - مومايلارغا ئاشنى ئۇسۇپ ماڭغانكەن ، ئوغۇل ؛
- ئۇلارغا زاغرا چىلاپ بەر ، - دەپتۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە قاراپ .
- ھېچنىمە ،- دەپ ئاچچىقلاپتۇ ئايالغا ،- ھېلىمۇ شۇنچە يىل باقتۇق يا كارغا كەلمىگەن ، ئۆتكەن قېتىم ئانامنى داۋالاتقان پۇل ئېسىڭدىدۇ؟ ئۇلارغا بېرىۋەرسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ ، - دەپتۇ .
- بىراق ئۇلار ئۆز ئاتا - ئانىڭىز تۇرسا، يەنە كېلىپ سىزنى بىقىپ چوڭ قىلغۇچە قانچىلىك جاپا تارتمىدى ؟ شۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ - دەپتۇ كېلىن .
- بولدى بەس ! بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ رۇخسىتىمسىز گۆش - ياغ ، دورىلارغا پۇل بۇزۇشقا بولمايدۇ ،- دەپتۇ ئوغۇل . ياندىكى ئۆيدە ياتقان بوۋاي بىلەن موماي بۇ گەپلەرنى ئاڭالاپ ئازابتىن تولغىنىپ كېتىپتۇ . ئۇلارنىڭ كۆز - ياشلىرىنى كۆرگەن نەۋرىسى بوۋاينىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ؛
- بوۋا ، نېمىشقا يىغلايسەن ؟ -دەپ ئۇنىڭ ئاپپاق ساقلىنى سىلاپتۇ . ئوغۇل بۇنى كۆرۈپ ؛
ئەمدى بوۋاڭنىڭ قۇچقىغا چىقما ، بولمىسا كىسەل يۇقۇپ قالىدۇ ،- دەپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىپتۇ . بوۋاي بىلەن موماي ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك لاسسىدە بوشىشىپ كېتىپتۇ ۋە ؛ " قېرىغاندا بۇ نىمە كۆگۈلۈك ؟ بىزنى بۇنچە خار قىلغۇچە جاننى ئالساڭچۇ ؟ " دەپ تەڭرىگە نالە قىپتۇ ...
كۈنلەر بىر - بىرلەپ ئۆتۈپتۇ . بوۋاي بىلەن موماي كۈنىدن - كۈنگە ئاجىزلىشىپتۇ . ئوغۇل ئۇلارغ تېخىمۇ توڭ تېگىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ . بىر كۈنى كەچتە موماي تۇيۇقسىز ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق قىينىلىپ كىتىپتۇ . بوۋاي نىمە قىلارنى بىلمەي ئوغلىنىڭ قېشىغا چىقىپ ؛
ئىز تورى www.iz.la
جېنىم بالام ، ئاناڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى ، ئۇ بەكلا قىينىلىپ كەتتى ، دەپ يالۋۇرۇپتۇ . ئوغۇل ؛
- دوختۇر ئۆتكەن قېتىمدىلا كېسلى ئېغىر ، بەك كۆپ پۇل كېتىدۇ دېگەن ، پۇل تۈگىسە بىز قانداق قىلىمىز ؟ نەۋرەڭنى نىمگە ئوقۇتىمىز ؟ - دەپتۇ .
بوۋاي ئوغلىنىڭ يۈرىكىنىڭ تاشتەك قېتىپ كەتكەنلكىنى ، ئۇنىڭغا يېلىنىش خۇددى تېرەكتىن مىۋە كۈتكەندەك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە ؛ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- ئاھ خۇدا، نەۋرەمگە ئىنساپ بەرگەيسەن ! - دەپ چىقىپ كېتىپتۇ . بۇ چاغدا موماي ئاللىقاچان جان ئۈزگەنكەن . بوۋاي موماينىڭ ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ يۇم - يۇم يىغلاپتۇ .
كۈنلەر قايغۇ - ھەسرەتتە ئۆتۈپتۇ . بوۋاينىڭ بىشىمۇ ياستۇققا يېتىپتۇ . ئالتە ئايدىن كىيىن ئوغلى سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ئوغۇل ھويلىسىدا ئويناۋاتقان ئوغلىنى ئەركىلتىش ئۈچۈن غۇلچىنى كەڭ ئىچىپ ئالدىغا كەپتۇ . بالا قېچىپتۇ ، ئوغۇل ھەيران بولۇپ ؛
- بالام ، نېمىشقا مەندىن قاچسىەن ؟ - دەپ سوراپتۇ . ئۇ ؛
- سەن ئەسكى ، مەنمۇ چوڭ بولغاندا سېنى باقمايمەن ، دوختۇرغا ئاپارمايمەن ،- دەپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇلنىڭ يۈرىكى پارە - پارە بولۇپ كېتىپتۇ ۋە دادسنىڭ قۇچقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!