تاماق قۇتىسىدىكى خەت

ۋاقتى:2011-06-16 12:46مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى.ئۇنىڭغا:‹‹ئېرىم ،مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىدى.ئېرى خەتنى كۆرۈپ :‹‹بۇ ،خوتۇنۇمنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغىنى بولسا كېرەك›› دەپ ئويلىۋىدى،لېكىن نەچچە ئاي ئۆتكۈچە تاماق قۇتىسىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭ خېتى چقىپ تۇرىدىغان بولدى.
ئېرى كۆڭلىدە بىرەر ئىش قىلىپ ،ئۆزىنى خوتۇنى ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ،زاۋۇتقا ھەر كۈنى ئىككى سائەت بالدۇر بېرىپ ،پاسكىنا ئامبارنى تازىلاشنى قارار قىلدى.كىشىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن،ئۇ مۇشۇ ئالاھىدە ۋاقىتنى تاللاپ تازىلىق قىلىپ ،باشقىلار ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن بارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئۇنىڭغا دەرھال درىكتۇر ئىشخانىسىغا بېرىشنى ئۇقتۇردى.‹‹مەن ئىشنى خاتا قىلىمىغان تۇرسام،دېرىكتۇر نېمىشقا مېنى چاقىرىتقاندۇ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-مەن بۇنىڭدىن 20 ئىلگرىلا سىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.ھېچكىم دېققەت قىلمايدىغان ئورۇندا،ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم ئىشلىمەيدىغان ئىشنى ئىشلەپ نەچچە ئون يىلىنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدىڭىز.مەن سىزگە چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!-دېدى دېرىكتۇر.
-دېرىكتۇر ،لېكىن مەن …
سىز ئاۋۋال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭىزنى ئىشلەپ تۇرۇڭ.
ئەتىسى بۇ ئەر بۆلۈم باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.بۆلىۈم باشلىقى بولغاندىن كېىين،ئۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا زاۋۇت تازىلىقىنى ئۆزى قىلىدى.
‹‹مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››
خوتۇنى 20 يىلىدىن بۇيان ئۇدا تەكرارلىغان بۇ سۆز ئۇنى ئۇزۇن كىشلىك ھايات يولىدا باشتىن-ئاخر گۈزەل غايە -ئىستەكلەرگە ئىگە قىلىپ تۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى›› 2007-يىلى 21-دېكابىر

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
75%
ناچار
(1)
25%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...