ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا، يالتىراپ تۇرغان بىر ئوردېنغا ئېرىشىشىنى ئويلايتتى،ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىكى ئەڭ ئامراق ئىشىمۇ-مەيدىسىگە سىنىك يالتىلىغان يالغان ئوردېندىن بىرنى ئېسىۋېلىپ،ئەسكەرلەرنىڭىگە ئوخشايدۇ شەپكىسىنى كىيگىنىچە كېرىلگەن پېتى ئانىسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كوچىدا ئۇياقترىن-بۇياققا مېڭىپ تۈرۈش ئىدى.
ئۇ بەكلا دۆت بولغاچقا،ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ۋەن ئىدى.ھەتتا تولۇق ئوتتۇرنىمۇ پۈتتۈرەلمەي ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى ۋە كۈنلىرىنى لاغايلاپ يۈرۈپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.كىيىن خوتۇندىن تەليى چىقىپ چىرايلىققىنە بىر قىز بىلەن توي قىلىدى.تويدىن كېيىن ئۇلار پارىژدا تۇرۇپ قېلىشىتى،ۋاقىتىنىڭ ئۇزرىشىغا ئەگىشىپ خېلى جىق كىشىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ دوستىمۇ بۇلۇشتى،بۇ دوستلىرىنىڭ ئارسىدا مېنىسىتىر دەرىجىلىك پارلامېنىت ئەزاسىدىن بىرى ۋە ئىككى نەپەر بىرىنىچى دەرىجىلىك ئومېتسىر قاتارلىق مەرتىۋىلىك زاتلار بولۇشىغا قارىماي،ساكرمنتىنىڭ كۈنلىرى يەنىلا نىر خىل ناخۇشلۇق ئىچدە ئورۇۋاتاتتى.چۈنكى،كىچىكىدىن تارتىپلا كاللىسىغا ئورنىشىپ كەتكەن ھېلىقى ئىستەك مۇراسىم كىيمنىڭ مەيدىسىگە كىچىككىنە بولسىمۇ بىر تال ئوردىن تاقىۋېلىشىقا ئىمكان بولمىغانلىقىدىن قايغۇرۇپ يۈرەتتى.شۇڭا،بىكار ۋاقىتلىرىنى يەنىلا كوچىلاردا ئاچچىق يۇتۇپ لاغايلاپ يۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.بىراق،ھەر قېتىم كوچىدا كۆكرەكلىرىگە جىرىڭىشىپ تۇرىدىغان كۆركەم ئورېنلارنى ئېسىۋېلىشىقان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆرۈپ قالسا،يۈرىكى گويا بىرۋا پىچاق بىلەن تىلىۋاتقاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى،مۇشۇنداق چاغلاردا سىرتتا تۈرۈپ خۇيى تۇتۇپ قالسا،دەرھال ئۆيگە قايتىپ كېلىپ خوتۇننىڭ قوچقىغا ئۆزىنى ئاتاتتى-دە،خۇددى ئەقلىدىن ئاداشقان ئادەمدەك بىر نېمىلەرنى دەپ غىڭشىغىلى تۇراتتى.مانا بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ توختىماي غىڭىلداشلىرىغا چىدىمىغان خۇتۇنى بىردىنلا چېچىلىپ قالدى؛ -سىزگە زادى نېمە بولدى؟كۈن بويى كوتۇلداپ ھېچ توختىمايسىزغۇ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنى ئاڭلىغان ساكرېمنت غەزەبلىنىپ تېخىمۇ سۆزلەپ كەتتى؛
-بۇ جاھاننىڭ ھەممىلا يېى تەڭسىزلىك بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ! باشقىلار كۆكرەكلىكىرىگە كۆركەن ئوردېن-مېداككارنى تاقشىپ كوچىلاردا بەش-ئالتىدىن بولۇشىۇپ كېرىلىپ يۈرۈشىدىكەن،بىراق مەنچۇ؟مېنىڭ ھېچنېمەم يوق! بۇ ناھەقچىلىقىتىن جېلە بولۇپ ئۆلەيلا دېدىم!
كەچلىك تاماقتىن كېتىن ئۇ يەنە سىرتقا ماڭدى، بۇ قېتىم ئۇ ئۇدۇللا ئوردېن ساتىدىغان دۇكانغا كەلگەنىدى.ئۇ ئىشىكىتىن كىرىپلا ئەينەكلىك پۇكەي ئىچىگە تىزىپ قۇيۇلغان ھەر خىل نۇسخىدىكى رەڭگارەڭ ئوردېنلارغا بىر ھازا تەلمۈرۈپ قاراپ كەتتى،ئاندىن توساتتىن ئاشۇ ئوردېنلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى،ھېلىقىدەك دوستلار ئارا جەم بولىدىغان زىياپەتلەردە مەيدىسىگە پالىلىداپ نۇ چېچىپ تۇرىدىغان رەت-رەت ئورېنلارنى ئاسقان پېتى ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ،كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ماختاش ساداللىرى ئىچىدە گويا دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە مۇشەررەپ بولغان چولپاندەك ھەممىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈسى كەلدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(پاھ...نېمە دېگەن كۆركەم ئوردېنلار-ھە!بىراق، ھەقىقىي بىر ئوردېنغا زادى قانداق قىلىغناداق ئىرىشكىلى بولار؟...-ساكرېمنىت چوڭقۇر خىيالغا پاتتى،-ئۆمرىدە ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئادەمگە نىسىبەتەن بىرەر شەرەپ ئودېنىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش.لېكىن،مەدەنىيەت-سەنئەت ياكى مائارىپ ساھەلىرىدە تارقىتىلىغان ئوردېدىن بىرەرنى قولغا چۈشۈرگىلى بولماسمۇ؟...توغرا!...بۇ چارەا بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.)ئۇ ئويلىغانلىرىنى خۇتۇنىغا ئېيتىۋېدى،خۇتۇنى پەقەت مېيقىدا كۈلۈپلا قويدى؛
-نېمە؟سىز تېخى مەدەنىيە-مائارىپ ساھەسىدە ئوردېنىغا ئېرىشىشىنى ئويلاۋاتامسىز؟ئۇنىڭىغا نېمە قىلىپ ئېرىشمەكچىسىز؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خۇتۇننىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى ساكرېمنتنىڭ سەك ئوغسىنى قاينىتىپ قويدى.ئۇ خۇتۇنىغا ھۆركىرىدى؛
-ھەي قاپاقباش خۇتۇن!شۇڭا مەنمۇ بىرەر ئىش قىلاي دەۋاتىمەنغۇ؟!
خۇتۇنى ئامالسىز ئۇنىڭىغا بويسۇندى؛
-دېگىنىڭىزغۇ توغرا،-دېدى ئۇ،ئىشىقىلىپ مەن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمىدىم.
ساكرېمنىت بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن،كلۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان چارىسىنى خۇتۇنىغا ئېيىتتى؛
-سەن پارلامېنتتىكى ھېلىقى روسلىن ئەپەندى بىلەن ئوبدان تونۇشىسەنغۇ؟-دېدى ئۇ.-بىرىپ ئۇنىڭىغا ئېيىتىقىن،بەلكىم بىزگە شۇ كىشى ياردەم قىلىشى مۇمكىن.بۇنداق ئىشىتا ئۆزۈم بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقسام بىئەپ.سەن بېرىپ دەپ باقساڭ،نەتىجىسى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.
ئىز تورى بەك ياخشى
شۇنىڭ بىلەن ساكرېمنىت خانىم ئېرىنىڭ تاپشۇرمىسى بويىچە تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ پارلامېنىت ئەزاسى روسلىن ئەپەندىگە ياخشىچاق بولۇشقا باشلىدى؛كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ھەمراھ بولۇپ بىللەر باردى ۋە ئۇنى ئۆيگە بىر قانچە قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلدى.شۇ تەرىقىدە ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى.بىر كۈنى روسلىن ئەپەندى ساكرېمنتىقا مۇنداق دېدى؛
-سىز بۇ ئىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بىر پارچە ئىلتىماس سۇنۇشىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت تارىجىڭىزنى مەلۇم قىلىشىڭىز زۆرۈركەن.
-خىزمەت تارىخى؟!-ساكرېمنىت بۇ گەپتىن بەكلا ھەيران قالغانىدى.-مەن ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان تۇرسام.نەدىمۇ خىزمەت تارىجىم بولسۇن؟
لېكىن،ئۇ بىرەر ئوردېنىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشىقىمۇ تەييار ئىدى.شۇڭا،كۈچلۈك ئىرادە ۋە تولۇق-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن چوڭقۇر مەزمۇنلارغا باي بىر پارچە ئىلىمىي ماقالە يېزىپ چىقماقچى بولدى.بىراق،ماقالىنى يېزىش جەريانىدا قورساقتا ئوماچ يوقلۇقىدىن دەردنى يەتكۈچە تارتىپ،ئوتتۇرا قاپىبەلدە توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.ئاخىرى يەنە تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ بىر قەدەر ئاددىيراق تېمىدىكى ئىلىمى ماقالىدىن بىرنى ئاران دېگەندە پۈتكۈزگەندىمۇ بولدى .تېخى ئۆزى بىر قېتىم ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپمۇ كەتتى.ئاندىن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ باستۇرۇپ تەييارلىدى-دە،ھەر بىر پارلامېنىت ئەزاسىغا بىر نۇسخىدىن، مېنىستىرلارنىڭ ھەر بىرىگە 10نۇسخىدىن،رەئىس جۇمھۇرغا 50نۇسخا،پارىژىدا تۇرۇشلۇق گېزىتخانلارغا بەش نۇسخىدىن،ئايرىم-ئايرىم لىپاپلارغا قاچىلاپ پوچتىدىن سېلىرەتتى.بىراق،بۇ ماقالىدىن خۇددى يولۋاسنىڭ قارىىغا كىرىپ كەتكەن لوق گۆشتەك،زادىلا ئىنكاس بولمايۋاتاتتى،سۇنغان ئىلتىماسلىرىنىڭمۇ گويا دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك،ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايۋاتاتتى.لېكىن،بىر ئوبدان يۇېرى،شۇنىڭىدىن كىيىن روسلىن ئەپەندى ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇلۇپ كەتتى،ئۇ ساكرېمنتلارنىڭ ئۆيىگە دائىم كېلىدىغان ۋە ئۇىنىڭغا پات-پات ئوبدان مەسلىھەتلەرنى بېرىپ تۇرىدىغان بولدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
(روسلىن ئەپەندى ئۇنداق شەرەپ ئوردېنى دېگەنگە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان،-ئويلايتتى ساكرېمنىت ئىچىدى،-بىراق ئۇنىڭ ئوردېنىغا زادى قانداق يوللار بىلەن ئېرىشكىنىنى بىر خۇدا بىلىدۇ)روسلىن ئەپەندى بۈگۈنمۈ تاماقنى ساكرېمنتلارنىڭىكىدە يېدى.بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بۇ ئۆينىڭ كۈندىلىك مېھمىنىغا ئايلىنىو قالغانىدى،ئۇ كەيپىياتى راسا ئۆرلىگەندە ساكرېمنىتىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋېلىپ پەس ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى؛
-مەن سىزگە ناھايىتى ئوبدان بىر خىزمەت ئوقۇشۇپ قويدۇم،-دېدى ئۇ،-تارىخىي ئەسەرلەرنى توپلاپ،رەتلەش ھەيۇئىتى سىزگە بىر ۋەزىپە تاپشۇردى،ئۇلار سىزنى فىرانسىينىڭ ھەر قايسى جيلىرىدىكى كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ بىر قېتىم ئىلىمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىقا ئەۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.شۇڭا، ھەر ھالدا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ.ئېسىڭىزدە بولسۇن.بۇ قېتىمىقى كاماندىروپكا سىزنىڭ شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشىشىڭىزدىكلى بىردىنبىر پۇرسەت. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ساكرېمنت قاچىسىدىكى تامقىنىمۇ تۈزۈك يېيەلمىدى،كۆڭلىدە مۇنۇ پارلامېت ئەزاسى دوستىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېيتىتى،ئۇ ئەتسىدىن باشلاپ ئالدىراپلا سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىنلا يولغا ئاتلاندى.
تەكسۈرۈش جەريانىدا ئۇ خىزمەتنى تولىمۇ ئەستايىدىل ئىشىلدى.بىر كۈنى كەچتە ئۇ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئۆيدىن ئايرىلغىنىغا ھەپتە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.بۇ چاغدا خىزمىتىمۇ ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالغانىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەچ سائەت 9.00پويىزغا ئولتۇرۇپ،كېچە سائەت12.00لەر ئەتراپىدا ئۆيگە قايتىەپ كەلدى.يانچۇقىدا ئاچقۇچ بولغاچ،ئىشىكىنى قېقىپمۇ يۈرمىدى.چۈنكى،ئۇ خۇتۇننى توساتتىن خۇش قىلىۋېتىشىنى ئويلىغانىدى.ئۇ شۇ خىيال بىلەن ئۆزگىچە كۆرەڭلەپ قويدى.بىراق،ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىق تۇراتتى.ئۇ ئىشىكىنى بىر ھازا ئىتىتىرىپ ئاچالمىغاندىن كىيىن،ئامالسىز ۋارقىراشقا مەجبۇر بولدى؛ ئىز تورى www.iz.la
-راننا!ئىشىكىنى ئاچ!
(خوتۇنۇمنى چوقۇم قورقۇتىۋەتتىم بولغاي)ئۇ شۇنداق ئويلىدى،چۈنكى ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ كارۋاتتىن يىقىلىپ چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى، بەلكىم خۇتۇنى تېخىچە چۈشەكەۋاتسا كېرەك،ئۆزى بىلەن گەپلىشىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى، ئارقىدىن مۇنچىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىپ يېپىلغىنى ئاڭلاندى،ئاندىن بىر جۈپ يالاڭئاياغ پۇتنىڭ يۈگۈرگىنى ئاڭلاندى، يەنە ئۈستە ئۈستىدىكى ئەينەكڭ،قاچا-قۇمۇشلارنىڭ جىرىڭىشىغىنىمۇ ئاڭلاندى،ئاخىرى خۇتۇنى ئاران دېگەندە ئىشىكىن ئاچتى،چىرايىدىن ئالاقزادىلىك چىقىپ تۇراتتى.
-سىزمىدىڭىز؟-دېدى ئۇ كېكەچلەپ -سىزنى كېلەر دەپ ئويلىماپوتىكەنمەن.ئادەمنى شۇنچە خۇش قىلىۋەتىكىنىڭىز نى كۆرمەمدىغان! ئىز تورى www.iz.la
ساكرېمېنىت خۇتۇننى قىزغىلىق بىلەن سۆيۈپ قويدى ۋە بىر قانچە ئېغىز تىنىچلىق سورىدى.ئۇ سەپەت جەريانىدا بەكلا ھېرىپ كەتكەچكە.دەرھال يېشىنىپ ئۇخلىماقچى بولدى-دە، ھەر دائىملىقىغا ئوخشاش،كارۋىتىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان ئورۇندۇق ئۈستىدىكى پەلتۇنى قولىغا ئالدى ۋە ئۇنى تام تۈۋىدىكى كىيىم ئاسقۇغا ئېلىپ قويماقچى بولدىيۇ،بىردىنلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى، قولىدىكى پەلتۇنىڭ مۈرسىگە قىزىل رەڭلىك بىر تال سىيدام تاسما باغلانغان بولۇپ،يېنىدا چىرايلىق بىر ئوردېن چاقناپ تۇراتتى.
-بۇ...بۇ زادى نېمە ئىش؟-سورىدى ساكرېمېنت خوتۇنىدىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
بۇ چاغدا خوتۇنى بايقىدىنىمۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ ئالاقزادە بولغىنىچە ئېرىنمىڭ قولىدىكى پەلتۇغا ئېسىلىدى..بىراق ساكرېمنت پەلتۇنىڭ يېڭىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان بولۇپ،زادى قويۇپ بەرمەيۋاتاتتى.خوتۇنى بولسا پەلتۇنىڭ پېشىدىن تۇتۇپ بار كۈچى بىلەن تارتاتتى.
www.iz.la
-سىز...سىز...گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ... پەلتۇنى ماڭا بېرىڭ،-دەيتتى ئايال كېكەچلەپ،-ھازىر سەۋەبنى سىزگە دېيەلمەيمەن...بۇ بىر مەخپىيەتلىك...
غەزەپتىن چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ساكرېمنىت قەھرى بىلەن ۋارقىرايتتى.
-قېنى ئېيتە!بۇ پەلتۇ كىمىنىڭ؟ئۇ بۇ يەردە زادى نېمىش قىلدىۇ؟!...
-سىزنىڭ قەدرىلىكىم،-ئايال ئەمدى تولىمۇ سالماق ئاھاڭدا جاۋاب بەردى،-سىز ئوردېنىغا ئېرىشتىڭىز...
-نېمە؟بۇ راستما؟!..-قاتتىق ھاياجانلانغان ساكرېمنىت ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېنىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ قالدى،بۇ چاغدا قولىدىكى پەلتۇمۇ خۇتۇنى تەرىپدىن تارتىۋېلىنىپ چو ئىشىكاپنىڭ ئىگە كىرىپ بولغانىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارىدىن بىر ھازا ئكركەندىن كىيىن خۇتۇنى ئاجايىپ يېقىملىق جىلمايغىنىچە ئېرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
-ئۇ مەن سىزگە ئاتاپ تىككۈزۈپ قويغان يېڭى پەلتۇ.چۈنكى،سىز ئەمدى ئوردېنغا ئرىشتىڭىز ئەمەسمۇ؟بۇ دېگەن روسلىن ئەپەندىنىڭ بىزگە قىلىغان شاپائىتى.بىراق،بۇ ئىش يۇەنە بىر ئايدىن كىيىن رەسىمىي ئىلان قىلىنىماقچى بولغان...
ساكرېمېنت خوتۇنىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرېتىپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس-تاس قالدى،ئاندىن ھاياجاندىن ئاۋاز تىتىرىگەن پېتى؛
-روسلىن ئەپەندى...ئۇ...ئۇ مېنى ئوردېنغا ئېرشتۈر...دى،-دېدى.
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى بايا ھېلىقى پەلتۇنىڭ يانچۇقىدىن چۈ شۈپ قالغان بىر تال كارتوچكىغا چۈشتى-دە،ئالمان-تالمان يەرگە ئېڭىشىپ ئۇنى قولىغا ئالدى،ئەسلىدە بۇ نام كارتىسى بولۇپ،ئۈستىگە؛(روسلىن-پارلامېنىت ئەزاسى)دېگەن خەتلەر يېزىلىغانىدى. ئىز تورى www.iz.la
ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە(ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى)گېزىتىدە،ساكرېمىنىت ئەپەدىنىڭ (خىزمەتتە پەۋقۇلئاددە نەتىجە كۆرسەتكەنلىكى)ئۈچۈن (چەۋەنداز)دەرىجىلىك شەرەپ ئوردرنى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى خەۋە قىلىندى.