ئاپتورى؛ تۇدىمۇھەممەد سەئىدى
_ سىز بىلەن توي قىلغىلى ئالتە يىلدەك بولدى، مېنىڭچىغۇ ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان. لېكىن، ئاتا-ئانام "خوتۇنۇڭ تۇغمىدى، پەرزەنت يۈزى كۆرمىسەڭ بولمايدۇ" دەپ تۇرىۋالدى، مېنىڭ بېشىم بەك قاتتى...
سەمەرنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ گېپى ھۆرنىسانى گاڭگىرىتىپ قويدى. بۇ بەخىتلىك نىكاھنىڭ شۇنداقلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن بىرىلگەن بىشارەت ئىدى. چىدىغۇسىز ئازاپ ھۆرنىسانى چەكسىز قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمدۈردى.
ھۆرنىسامۇ ئەسلىدە بۇ سۆزنى سەمەرگە ئۆزى دىمەكچى ئىدى. بىراق سەمەرنىڭ بۇنداق ئالدىراپ سۆز ئېچىشى ھۆرنىساغا تاسادىپىي تۇيۇلدى. بەخىت ئىچىدە ئالتە يىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن بۇ بىر جۈپلەرگە كۆز تەگدىمۇ قانداق ھۆرنىسا تۇغمىغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسى ۋەيران بولماقتا ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ مەنمۇ شۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرەتتىم، مېنىڭ قىلمىغان زىماتىم قالمىدى. نە سەۋەپكىن، ھېچ بىلمىدىم، مەيلى، ئۆزۈمنىڭ شورى، ئايرىلىپ كېتەيلى، سىزگە بەخىت تىلەيمەن، _ ھۆرنىسا شۇ سۆزلىرى بىلەن سەمەرنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلدى.
سەمەر ئوتتۇز ياشلارغا بېرىپ قالغان تىجارەتچى ئىدى. ھۆرنىسا قايسىدۇر بىر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ مەكتەپكە بېرىش ئالدىدا سەمەرنىڭ كۆزى ھۆرنىساغا چۈشتىمۇ ياكى ھۆرنىسا سەمەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ، بۇ بىر جۈپلەر چىقىشىپ قالدى. ھۆرنىسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كەچتى. ھەر ئىككىلىسى مۇھاببەتنىڭ شىرىن پەيزىگە مەستخۇش بولۇپ توي قىلىشقانىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نىكاھتىن ئاجىرشىشنىڭ ھەممىسى تراگېدىيە بولىۋەرمەيدۇ. بەزىدە نىكاھنىڭ بوزىلىشىمۇ بىر قېتىملىق ھەيدەكچىلىك بولۇپ، تراگېدىيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بەخىتلىك تۇرمۇشقا سەۋەپچى بولۇپمۇ قالىدۇ.
قەلبى پۈتمەس-تۆگىمەس دەرت-ھەسىرەتكە تولغان ھۆرنىسا ئىرى سەمەرنىڭ ئۆزى بىلەن ئايرىلىپ بىر ھەپتە ئۆتمەي توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بوشىشىپلا كەتتى. دۇتار ھۆرنىسانىڭ كۈدىلىك ھەمرايىغا ئايلاندى. ھۆرنىسا بېغىغا چىقىپ خىلۋەت جايدا، بەزىدە ئىچكەركى ئۆيدە دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىش بىلەن قەلبىدىكى دەردلىرىنى چىقىرىدىغان بولىۋالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۆرگەن ئادىمىڭ،
ھامان كۆزنىڭ قارىسى.
قاچان پۈتىدۇ دوستلار،
مۇھاببەتنىڭ يارىسى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئايرىلغۇمىز يوق ئىدى،
تەقدىر بىزنى ئايرىدى.
ئەجەپ چاغدا ئايرىلدۇق،
بۇنىڭ يوقمۇ دورىسى؟... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يىللار ئۆتمەكتە ئىدى. ھۆرنىسانىڭ قەلبىنى سەمەر ئەسىر قىلىۋالغاندەك دەردكە تولغان قەلبىنى مۇھاببەت ناخشىلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئۇستا سازەندىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
ھۆرنىسانىڭ دۇتارغا تەڭكەش قىلىپ ئېيىتقان ناخشىلىرى سورۇنلاردا داڭ چىقاردى.
ھۆرنىسا بارا-بارا سورۇنلار ئارقىلىق خەلق ئىچىگە تۇنۇلۇشقا باشلىدى. ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ھۆرنىسانىڭ ھەسرەتلىك ناخشىلىرى ئېيتىلىدىغان بولدى.
ھۆرنىسا ئىجىراسىدىكى ناخشىلار ۋ س د پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھۆرنىسانىڭ بوي-بەستى، چىرايى خېلى تۈزۈك ئىدى. يېقىندىن بىرى يەنە ھۆسنىگە ھۆسۈن قۇشۇلۇپ، تېخىمۇ جازىبىلىك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا دۇتارغا، ناخشىغا ئاشىق يىگىتلەر پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى.
ھۆرنىسا ئۆزى بەكمۇ ياخشى كۆرگەن سەمەردىن ئايرىلىپ كېتىشنى كىشىلىك ھايات سەھنىسىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئازاپ دەپ بىلەتتى، بۇ ھەقتە خېلى كوپ ناخشا ئوقۇپ، پىلاستىنكىغىمۇ ئالدى. پىلاستىنكىلار تىزدىن بازار تاپتى. ھۆرنىسا ئەتىراپىدا پەرۋانىدەك يۈرگەن بىرى بىلەن توي قىلدى.
تويدىن كېيىن ھۆرنىسادا غەيرىي ئۆزگىرىش بولدى. بۇ قېتىم يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي قۇرساق كۆتۈرگەنىدى. ھۆرنىسا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدى. بەخىت ھۆرنىساغا كۈلۈپ باقتى، ناخشىلىرى بازار تېپىپ خېلى كوپ پۇلنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالدى. ھۆرنىسا بىر ئوغۇل تۇغدى، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى سەمەن قويدى. مانا، كىچىك سەمەنجانمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالغانىدى. ئەپسۇس، بۇ بەخىتلىك نىكاھنى چاڭ باسماقتا ئىدى. سەمەننىڭ دادىسى ئاق تاماكىغا ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. ھۆرنىسا ئۇنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىش ئۈچۈن قانچە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق نىجاسەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بۇ بىچارە ئاق تاماكىنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ چىكىۋەتكەنلىكتىن، ئوغلىنى ۋە ھۆرنىسانى تاشلاپ بۇ دۇنيا بىلەن بالدۇرلا خوشلاشتى. ھۆرنىسانىڭ ھەسرەتلىك ناخشىسى يەنە باشلاندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھاببەت يۇلىدا،
ماڭا ھەمراھ ئايرىلىش.
جۇدالىقنىڭ دەردىدە،
يېشىم دەريا ئايرىلىش. www.iz.la
سەمەرمۇ ھۆرنىسادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، گەرچە توي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خوتۇن ھۆرنىسادەك چىقمىدى. تۇغىدىغان بۇ خوتۇن سەمەرنىڭ قۇلىغا چىققاندىن كېيىن تۇغمايدىغان بولۇپ چىقتى. سەمەر خوتۇنىنى تۇغۇشقا ئالدىراتتى.
- نىمە دەيسىز، مېنى «قېچىر» دېدىڭىزما، قېچىر دېگەن سىزمۇ تېخى، بىر تەكشۇرتۈپ بېقىڭا، بۇرۇنقى ئەرلىرىمگە نۇرغۇن بالا تۇغۇپ بەرگەنمەن....
سەمەر تەكشۇرۇتتى، ئەسلىدە چاتاق سەمەردە ئىدى.
دوختۇر سەمەرگە داۋالانغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ پەرزەنت يۈزى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سەمەر داۋالىنىشقا تۇتۇش قىلىپ مەركىزى شەھەرگە باردى. يولدا تۇساتتىن بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلەپ بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىۋالغان ھۆرنىسانى كۆردى. سەمەر سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بارلىق ئەھۋالنى بىلدى. سەمەر دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ساقىيىپ چىقتى. ئۇ كېيىن ئالغان خوتۇنىدىن يىرگىنىپ كەتكەنىدى. سەمەر بۇ خۇتۇندىن تەستە ئايرىلدى. بۇ خۇتۇن ھۆرنىساغا ئوخشاش ئوزىنىڭ بىر قۇر كىيىمى بىلەنلا چىقمىدى، بەلكى سەمەرنى قۇرۇقداپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن نىكاھنى بىكار قىلىشقا قۇشۇلدى. لېكىن، سەمەرنىڭ تىجارەتتە تەجىربىسى ۋە تالانتى بولغاچقا تېزلا قەددىنى رۇسلىۋالدى.
سەمەرنىڭ كۈنلىرى دائىم دېگۈدەك ئويدە ئولتۇرۇپ پىلاستىنكىدىن ھۆرنىسانىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ۋەي، پىلاستىنكا شىركىتىمۇ، مەن ھۆرنىسانىڭ ئىجىراسىدىكى «ھەسرەتلىك ناىشا»دىن ئىككى مىڭنى سېتىۋالماقچى، زاكاس قۇبۇل قىلسىڭىز. - دېدى سەمەر تېلىفۇندا. ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالدى. «ھەسرەتلىك ناخشا» نىڭ تېزلا بازار تاپقانلىغىنى بىلگەن ھۆرنىسا ئالدىراپ پىلاستىنكا شىركىتىگە كەلدى.
- خېنىم، سىز قايتىدىن «ئۇنتۇلماس ئاخشام» ناملىق پىلاستىنكىڭىزنى چىقىرىڭ، سېتىۋالىدىغان چوڭ خۇجايىنلار چىقتى. - دېدى پىلاستىنكا سودىگىرى.
ھۆرنىسا ئالدىراش ھالدا تەييارلىققا چۈشتى. «ھەسرەتلىك ناخشا» ، «ئۇنتۇلماس ئاخشام» لار قايتىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئەجەپ ئىش، بۇ پىلاستىنكىلار ئەجەپ سىرىتلاردا تارالماپتۇغۇ؟ - سورىدى ھۆرنىسا پىلاستىنكا سودىگىرىدىن.
- ھە ، ئەنسىرىمەڭ. ئۇنى بىر خۇجايىن سېتىۋالدى. بەلكىم چەت ئەللەرگە ياكى باشقا شەھەرلەرگە تارقاتتىمىكىن. - دېدى پىلاستىنكا سودىگىرى.
ھۆرنىسا پىلاستىنكا سېتىۋالغان خۇجايىننىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى سۇراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن، تېلىفۇن قىلدى. تېلىفۇندىمۇ ھۆرنىسانىڭ «ھەسرەتلىك ناخشا»سى ئاڭلاندى.
- خۇجايىن، مەن سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۈرۈشمەكچى، - دېدى ھۆرنىسا. خۇجايىن قۇشۇلدى.
ھۆرنىسا دىيىشكىنى بويىچە ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىچىگە كىردى - دە، ھەيران قالدى. بارلىق تاملارغا ھۆرنىسانىڭ چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى ئېسىلغانىدى. خۇددى كاتتا ئەرباپنىڭ كۆرگەزمەخانىسىغا ئوخشاش بىزەلگەن بۇ ئۆي ھۆرنىسانى دەپ ياسالغانىدى. ياڭراتقۇدىن ھۆرنىسانىڭ «ھەسرەتلىك ناخشا»سى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شام يېقىلغان چوڭ ئۈستەل ئالدىدا سەمەر ئولتۇراتتى. سەمەر ھۆرنىسانى كۆرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى. سەمەرنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سېرىلىپ چۈشتى. ھۆرنىسامۇ «ھسرەتلىك ناخشا»غا قۇشۇلۇپ سەمەرگە ئىختىيارسىز ئۆزىنى ئاتتى.
www.iz.la
- كەچۈرۈڭ، ھۆرنىسا....
- ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن كەچۈرۈم سوراش نەھاجەت. ھەر ئىككىلىمىز ئوخشاشلا بىردىن نىكاھلاندۇق. بىراق، مەن بىر بالىلىق بولۇپ قالدىم، بىر بالىلىق ئايالنى نىكاھيىڭىزغا ئالامسىز؟ - دېدى ھۆرنىسا.
- جان دەپ نىكاھيىمغا ئالىمەن، رازىمۇ سىز؟ - دېدى سەمەر.
- ھەسرەتلىك ناخشام بۇنىڭغا گۇۋاھ . - دېدى ھۆرنىسا.
- «ھەسرەتلىك ناخشا» يارىتىلىپ بولدى، ئەمدى «خۇشال ئاخشام» نى تەڭ يارىتايلى... - سەمەر ھۆرنىساغا پىچىرلىدى....
سۈتتەك ئايدىڭ كېچە، سەمەن كارۋىتىدا شىرىن ئويقۇدا ئۇخلاۋاتاتتى. ھۆرنىسا بىلەن سەمەر دەرىزە يېنىغا كېلىپ ئايغا كاراپ شېرىن ئەسلىمىلەرگە بەند بولدى....
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ ئاپيورنىڭ «بالدۇر تۇزىغان غۇنچە» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى.
ئىز تورى بەك ياخشى