تەلەيلىك يىگىت

ۋاقتى:2011-06-08 11:21مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
      جامىس مېرلىنىڭ قوللىرى تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭدىن:
   — تۇنجى قېتىم مەشغۇلات قىلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ — دەپ سورىدى.
   — ياق!، — دېدى ئۇ يالغان ئېيتىپ ۋە ئۆزىنى بۇ ئىشلارنى قىلالايدىغاندەك كۆرسەتمەكچى بولۇپ، — كۆزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايمەن، — دېدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى مۇرەككەپ گرافىكلارغا تىكىلگەن بولۇپ، كۆڭلىدە بولسا يېنىدىكى كىشىنىڭ ئۆز سۆزلىرىگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىككىيلەن بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشتى. جامىسنىڭ خىزمەتدىشى پۈتۈن زېھنى بىلەن كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇراتتى، بارماقلىرى بولسا كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئوينايتتى، تۇرۇپ – تۇرۇپلا يۇقىرى ئاۋازدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قوياتتى. جامىس بۇ خىزمەتدىشىنى دوراپ ئۈستەل يېنىدىكى مىكروفونغا چېتىپ قويۇلغان تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا تاقىۋالدى. ئۇ، ‹‹مۇشۇنداق قىلسام ھېچبولمىغاندا كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئىش قىلىۋاتقان بولارمەن››، دەپ ئويلىدى. ئاندىن ئۇ يەنە ئېكراندىكى سان - سېپىرلارغا، سىزىقچىلارغا، چېسلاغا، شەھەر ئىسىملىرىغا، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان مەخسۇس ئاتالغۇلارغا پۈتۈن زېھنى بىلەن قاراپ چىقتى. ئەمما ئاتالغۇلارنىڭ زادى قانداق مەنىسى بارلىقىنى بىلەلمىدى. www.iz.la
   ئۇ تېز تاماقخانىدا ئىشلەۋاتقان چاغدا قۇلىقىدىن دائىم تىڭشىغۇچ ئايرىلمايتتى. بۇ يەردىكى خىزمەت ئورنىدىمۇ قۇلىقىدىن دائىم تىڭشىغۇچ ئايرىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى خىزمەت ئاشخانىدىكىدىن كۆپ مۇرەككەپ ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىدىغىنى ھامبۇرگ بولكىسى بىلەن مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى ھەققىدىكى پاراڭلار بولماستىن، بەلكى قانداقتۇر ‹‹كۆرسەتكۈچ 2000 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى، سېتىۋەت، سېتىۋەت، ھەممىنى سېتىۋەت!›› ياكى ‹‹كۆرسەتكۈچ قايتا ئۆستى! سېتىۋال! سېتىۋال! سېتىۋال›› دېگەندەك سۆزلەر ئىدى. ئۇ يالغاندىن بىلگەن قىياپەتتە كۇنۇپكا تاختىسىنى بىر نەچچىنى بېسىپ باقتى، ئەمما ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئېكراندا تۇرۇپ نۇرغۇن رەقەملەر پەيدا بولاتتى، يەنە تۇرۇپلا يوقاپ كېتەتتى. ئۇ ئىككى سائەتچە ھەپىلىشىپمۇ رەقەملەرنىڭ باش - ئايىغىنى پەرق ئېتەلمىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ھېلىقى خىزمەتدىشىغا:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   — قاراڭ، بۇ خىزمەتمۇ كىشىنى زېرىكتۈرىدىكەن، — دىدى.
   — بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، بۈگۈن تېخى تىنچ بىر كۈن بولدى، — دېدى خىزمەتدىشى، — ياخشىمۇ سىز، ئىسمىم داۋىد بىدسون. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى بازارنىڭ ئېچىلىشى بىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز، ھەممىسى ئاسىيا پاي بازىرىنىڭ يېپىلىش ئالدىدىكى پەيتنى تۇتۇۋېلىشنى ئويلايدۇ، بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىز.
   ئەمەلىيەتتە، جامىس ھېچنىمىنى بىلمەيتتى. جامىس باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغانلاردىن ئەمەس، ئوقۇغان ئالىي مەكتىپى ئانچە داڭلىق مەكتەپلەردىن بولمىسىمۇ، بەكمۇ ناچارمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ سودا - ئىقتىساد كەسپىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشتى. ئۇ پەقەت غەمسىز، بىپەرۋا ياشىغۇسى بار ئىدى، ئۇلۇغۋار غايىسىمۇ يوق ئىدى. بىراق دادىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى باغلىغانىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر تېز تاماقخانىدا ئىشلىدى. دادىسى ئۇنىڭ كىشلىك تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسىدىن ئىنتايىن خاپا ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   — جامىس، ئادەم غايىلىك بولۇشى، ئىشىدا ئۇتۇق قازىنىشى كېرەك، —دەيتتى.
   ئوغلىنى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقسىكەن، دېگەن دادا ئامالسىز جامىسنىڭ تاغىسى — لوندون پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابتىن ياردەم سورىدى...
   ئۈچ كۈندىن كېيىن، جامىس مانا مۇشۇ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالدى. تەلەي دېگەن شۇدە، ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدەك ئۆگىنىشتە قىينالغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ئۆتكەلدىن يەنىلا ئۆتۈپ كەتتى. قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ، بۇ ئىشلارنىڭ تولىمۇ ئاسانلىقىنى ھېس قىلدى. پەقەت تىڭشىغۇچتىكى ۋە ئېكراندىكى بۇيرۇققا ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسىلا بولاتتى. ئۇ قانچىلىك كۆپ مەبلەغنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماستىن، خۇددى كۆكتات بازىرىدا سەۋزە، چېچەك كاپوستا سودىسى قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئولتۇراتتى. ناۋادا ئۇ قارار چىقارمىسا بولمايدىغان سودا بولۇپ قالسا، يېنىدىن تەڭگە پۇلنى چىقىرىپ ئاسمانغا ئېتىپ ئوڭ چۈشسە سېتىۋېلىش، تەتۈر چۈشسە سېتىشقا ھۆكۈم قىلاتتى.

ئىز تورى www.iz.la


   مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇقلارنى قازاندى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خۇجايىنى ئۇنىڭغا ‹‹جامىس، قالتىس ئىش قىلدىڭ›› دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى. بىر كۈنى خوجايىنى ئۇنىڭ يېنىغا بىر بوتۇلكا شامپان ئېلىپ كېلىپ:
   — جامىس، بۇ ساڭا قىلغان سوۋغام. سىنگاپور بانكىسىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغان ئىشنى بەك چىرايلىق پۈتكۈزدۈڭ، — دېدى.
   جامىس خۇجايىنى بىلەن شامپان ئىچىشكە باشلىدى، شامپاننى ئىچىپ بولۇپ، ئۇلار يەنە قاۋاقخانىغا بېرىپ ئىچىشتى، ئاخىرى ھەر ئىككىسى مەست بولۇپ قېلىشتى. جامىس قاۋاقخانىدىن ئۇدۇللا ئىشخانىسىغا يېنىپ كەلدى. بىراق، قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە جامىس ئۇيغىنىپلا، ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ خوجايىنىدىن روخسەت سوراپ بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
   — چاتاق يوق، — دېدى خوجايىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تايلاندقا ساياھەتكە كەتتى.
   ئىككى كۈندىن كېيىن، جامىس بىر قاۋاقخانىدا ئىككى غەربلىكنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدى.
   — لوندوننىڭ ئاكسىيە سودىسى ھالاك بولايلا دەپ قاپتۇ.
   — ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، — دېدى يەنە بىرى.
   — قايسى بىر لەقۋا ئەسلىدە 100 مىڭ فوندستېرلىڭغا ئوننى سېتىۋالغىلى بولىدىغان پايدىن 10 فوندستېرلىڭغا 100 مىڭنى سېتىۋېتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ كالۋا ھېچقاچان خاتالىشىپ باقماپتىكەن، بۇ خاتا قىلىپ سالغان بىردىنبىر ئىشى ئىكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   جامىس دەرھال قاۋاقخانىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن بارلىق پۇللىرىنى ئېلىپ، يەنە قاۋاقخانىغا قايتىپ كىرىپ، قاۋاقخانا خوجايىنىدىن مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
90%
ناچار
(1)
10%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...