- ئوبۇلچوڭنىڭ ئۆيىگە .
- قايسى ئوبۇلچوڭ ئۇ ؟
- يۇملاق بازاردىكى ماگزىننىڭ خوجايىنى .
- ھە، بىلدىم ، ئۇنىڭدا بىرەر ئىشڭ بارمىتى ؟
- مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى قۇرلۇشىغا پۇل كەملەپ قېلىپ، قۇرلۇش توختاپ قالدى . شۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن ئىئانە توپلىماقچى ئىدۇق .
- قارىغاندا ، ئوبۇلچوڭ مىجەز - خۇيلىدىن ئازىراقمۇ خەۋرىڭ يوقتەك قىلىدۇ. بوپتۇ، بېرىپ كۆرۈپ باق ، ئىشلىرىڭ ئوڭغا تارتقاي ئىلاھىم .
- نېمە ؟ ھەي توختاپ تۇرساڭچۇ ، گېپىڭنى ھېچ ... - " بۇ گەپچە ئوبۇلچوڭنى ئىزدىگەننىڭ پايدىسى يوقمۇ - قانداق ؟ قايتىپ كېتەيمۇ يا ؟ " - دېگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇ ئان كۆز ئالدىمدا ، مەكتەپنىڭ كونىراپ كەتكەن سىنىپلىرى ، بىر مۇنچە يېىردىن چاك كەتكەن تاملار ،قەدەمدە بىر قويۇلغان دىيەكلەر ... تورۇسلاردىن شۇرقىراپ چۈشۋاتقان توپىلار .... سەبىي بالىلارنىڭ ئوماق چىريلىرىدىن ئەكىس ئېتىۋاتقان ئەنسىرەش ئالامەتلىرى... بىر - بىرلەپ نامايەن بولدى ، " مەيلىلا، - دېدىم ئىچىمدە ، - بېرىپ كۆرۈپ باقاي " .
قەدىمىمنى تېز - تېز ئېلىپ ئوبۇلچوڭنىڭ دەرۋازىسدىن كىردىم . ھۇجرا ئۆيگە يېقىنلاشقاندا ، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن قىلىشىۋاتقان دەتالاشلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى :
- نەچچە كۈن بولدى ، مىجەزىم يوق ، دوختۇرغا كۆرۈنەي دېگەن ، پۇل بەرگەن بولسىلا .....
- ھەي خوتۇن ، ئاۋۇ تەكچىدە تۇرغان قىزىتما قايتۇرۇش ، ئاغرىق توختىتىش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش .... دېگەن سەرخىل دورىلارنى كۆرمىدىڭما ؟ ئېيتە قېنى ، زادى نەرىڭ ئاغرىيدۇ ؟ ئۆزۈملا بىر ....
- ئۇنداق دورىلار پايدا قىلامتى ؟ مېنىڭ دېگەن باشقا كېسەل .....
- ئەستا .... بوپتۇ ، ئالە مانى بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈن .
- ئاران بەش كوي ؟ بۇ پۇ ل نومۇر ئىلىشقىمۇ يەتمەيدۇ. ئىشەنمىسىلە ، ئۆزلىرى مەن بىلەن ...... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
" تاك ، تاك ، تاك ..."
- ھە، كىرىڭ !
- قانداق ئەھۋاللىرى ئوبۇل خوجايىن ، ئۆزلىرى ئۆيدىكەنلا.
ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن ئوبۇلچوڭ ئايالىنى سىرىتقا چىقىرۋەتتى ، ئاندىن مېنى ساپاغا تەكلىپ قىلدى ، ئۆزى ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ زۇۋان سۈرمىدى ، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالدى . يېشى 50 دىن ئاشقان ، ئوتتۇرا بوي ، تەمبەل ، چېقىر كۆزلىرى ئويناپ تۇردىغان ، كەكە ساقال بۇ ئادەمنىڭ قوللىرى بىلنەر - بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى . ئۇنىڭ نىمكەش كىيىملىرى مېنىڭ ئىلگىرىكى قىياسلىرىمغا ھەرگىز ماس كەلمەيتى .
- ھە ، ھە . ھىم - ... ئۇ ئاخىر سۆزلىدى ، - ئەپەندىم ، ئۆزلىرى قالتىس ساۋابلىق ئىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ كەپتىكەنلا ، مېنىڭمغۇ يار - يۆلەكتە بولغۇم بار ئىدى . بىراق ، دۇكان ھېساباتنىڭ قۇيرۇقى تېخى ئۈزۈلمىدى ... بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئېنىق جاۋاب بەرسەم قانداق ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭ " جاۋابنى ئېنىق بەرسەم " دېگەن ئاخىرىقى سۆزلىرى دىلىمغا ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چاچتى ، يېنىك نەپەس ئالدىم . بىر مۇنچە ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى . مەن ئوبۇلچوڭنى ئىزدەپ ، ئۇنى ماگزىننىڭ ئىسكىلاتىدىن تاپتىم . ئۇ مىنى كۆرۈپلا قولىدىكى پۇلنى قوينىغا تىقتى ، ئالدىمغا كېلىپ زورىغا ھىجايدى:
- ئەپەنددىم ، خاپا بولماي ھازىرچە قايتىپ تۇرسىلا ... كۆڭلۈم ئارمىدا ئەمەس ، ئەتە - ئۆگۈنچە سۆزلىشەيلى ، - دەپلا گەپنى ئۈزۈپ ، ئوغلىغا بۇيرۇق قىلدى ، - ھەي راخمان ، دۇككاننى تاقا !
- نېمىشقا ئەمدى ؟ كۈن ئەمدىلا ئاش ۋاقتى بولغان تۇرسا ،
- چاپسان بول لەقۋا، مەن دېگەندەك قېل ! ھېلى كۆزۈڭگە " چاشقان تۆشۈكى ساراي كۆرۈنۈپ " كېتىدۇ . باجگىرلار بىلەن بازار باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ تەرەپكە كېلىۋاتىمىش ....
دۇكان تاقالدى . ئۇلار خۇددى ھاۋاغا سىڭىپ كەتكەن ئىستەك غايىپ بولۇشتى ، مەن ئويلىنىپ قالدىم : " ئوبۇلچوڭ بۇ قېتىم ئەتە - ئۆگۈن سۆزلىشەيلى دېدى، بۇ بولىدىغان گەپقۇ . ئەتە - ئۆگۈن دېگەن ئەڭ قىسقا مۆھلەت ئەمەسمۇ ؟ بۇنداق ئىشلاردا ئاز - تولا قېلىن - قاتتىق بولمىسىمۇ .... "
بۇ قېتىم ئوبۇلچوڭنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا ئۇچرتتىم . ئۇ ھە دەپ كەنجى ئوغلىغا كايىۋاتاتتى :
- پۇل ، پۇل .... يەنە نېمە پۇلكەن ئۇ ؟
- دەرىسلىك كىتابنىڭ پۇلى .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- ئۇنى تېخى يېقىندىلا ئاپىرىپ بەرگەنغۇ ؟
- بۇ قىتىمقىسى كېلەر ماۋسۇمدا ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ پلى ئىكەن ، ئالدىن تاپشۇردىكەنمىز .
- پۇل يوق ، بولدى ئوقىمايسەن ، مەكتەپكە بارغۇچە بولما . گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ پاچىقىڭنىى .... - ئوبۇلچوڭ مېنى كۆرۈپلا سۆزىنىڭ ئاخىرنى بوغۇزىغا يۈتىۋەتتى . ئۇنىڭ چىرايىدا رەنجىش، بىزارلىق چىقىپ تۇراتتى . ئۇ مەن ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە خۇددى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك ۋالاقلاپ كەتتى ، - كۆرمەملا ئەپەندىم ماۋۇ كېلىشمەسلىكىنى ، يېقىندا باجخانا ، بازار باشقۇرۇش دېگەنلەر ماڭا ناھايىتى ئېغىر جەرىمانە قويۇۋەتتى . شۇنچە يالۋۇرساممۇ ، ئاخىر ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئالدى . بۇنى ئاز دەپ مەرھۇم ئاكامنىڭ يىلىمۇ توشۇپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر بەرمىسەم تېخى .... " كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال " دېگەندەك ماۋۇ كىسپۇرۇشنىڭ كىتاب پۇلى دەپ بېشىمنى ئاغرىتقىنىچۇ تېخى . تۆت بالىنى ئوقۇتسام بىرىمۇ قىردىن ئاشالمىدى . بولدى بەس ! ئۇ ئوقۇپ نەگە بارالايتىتى ؟ چوڭ بولۇپ قالدى ، ئەمدى سودا قىلىپ جان بېقىشنى ئۈگەنسۇن ، قانداق دېدىم ؟ جاھاندارچىلىقنىڭ يولى دىگەن شۇ .
ئۇنىڭ سۆزلىرى تۈگەپمۇ قالدى . ئاخىرىقى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ئېنىق بولدى . ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز ئىدى . مەن كەيىمگە بۇرۇلۇپلا دارۋازىدىن چىقتىم .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ، مەكتىپىمىزدە ئىئانە توپلاش يىغىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېچىلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتار رەقەملەر يېزىلغان قىزىل كونۋېرىتلاردا ، غازاڭدەك چۈشۋاتقان پۇللار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدىكى شىرەگە سىغماي قالدى . كاتىپ تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمەيتى . يۇرتىمىزدا مەرىپەتنى قوللىغۇچى مەردلەر نېمىدىگەن كۆپ - ھە ؟ ئۇلارنىڭ ئەزىم دەريادەك كۆڭۈل - كۆكسىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھىممەت كەۋسەرلىرى ، جاپاكەش باغۋەنلەر بىلەن ئۈمىدلىك غۇنچە - چىچەكلىرىنىڭ دىللىرىنى يايرىتىۋەتتى . ئەتىسى كەچقۇرۇن : " ئوبۇلچوڭ ئاكىسىنىڭ يىل نەزىرىسىنى ( گۈلدەستە ) رېستورانىدا ئۆتكۈزۈپتۇ ، پولۇ ، مانتا ، زىخ كاۋاپلار داستىخانغا تولۇپ كېتىپتۇ ...." دەپ ئاڭلىدىم . بۇ گەپلەرگە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى . لېكىن ، چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم .
ئىز تورى www.iz.la
( نىقابلانغان قاتىللار ) ناملىق پوۋېسىت - ھېكايىلەر دىن ئىلىندى .
ئاپتورى : ھۈسەن روزى تىرىك