بىر پاقا خالىي كۆلدە ئۆزى خان ، ئۆزى بەگ بولۇپ ياشايدىكەن ، گاھىدا سۇدا ئەركىن يايرىسا، گاھىدا كۆل ئەتراپىدا سەيلە قىلىدىكەن . ئۇ ھەتتا ئۈزۈپ بېرىپ كۆلنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئېسىل يېمەكلىكلەرنى تېپىپ يەيدىكەن ، قىشنىڭ غېمىنىمۇ ئوبدان قىلىدىكەن . شۇڭا يىل بويى خاتىرجەم، بەھۇزۇر كۈن كەچۈرىدىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ كۆلگە بىر ياۋا ئۆردەك چۈشۈپتۇ . بۇ ياۋا ئۆردەك قىشتا ئىسسىق جايلارغا، يازدا سالقىن جايلارغا كۆچۈپ ، تاپسا يەپ ، تاپالمىسا ئاچ يۈرۈپ ، ئەپلەپ–سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەنىكەن . ئۇ كۆلدە قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، بىر چەتتە تۇرغان پاقىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:
— ھەي، پاقىجان، كىچىك ھەم سېسىق كۆلدە ياشايدىكەنسەن . بىلەمسەن، مەن دېڭىز–ئوكيانلاردا ياشايمەن ، دېڭىز–ئوكياندا سەن كۆرۈپ باقمىغان ئېسىل يېمەكلىكلەر بار. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياشاشنى بىلمەيدىكەنسەن ، خالىساڭ مەن بىلەن ماڭ ، سېنى ئاشۇ باياشاد دۇنياغا باشلاپ باراي، — دەپتۇ.
ئەخمەق پاقا ياۋا ئۆردەكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتمەكچى بوپتۇ. ئەمما، ئۇ تولىمۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا ياۋا ئۆردەككە:
— سەن ئۇچالايسەن، ئەپسۇسكى مەن ... مەن ئۇچالمايمەن، — دەپتۇ.
— خاتىرجەم بول، پاقىجان، ئامالىم بار، — دەپتۇ ياۋا ئۆردەك. www.iz.la
— ياۋا ئۆردەك پاقىنى ئامال قىلىپ دۈمبىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۇچا–ئۇچا يىراقتىكى بىر دېڭىز بويىغا ئەكىلىپ قويۇپلا كېتىپ قاپتۇ .
پاقا دېڭىز بويىدا تەمتىرەپ قاپتۇ . قارىسا، دېڭىز سۈيى شاۋقۇن سېلىپ قەھر–غەزەپ بىلەن دولقۇنلاۋاتقۇدەك . دولقۇنلاردا يىرتقۇچ بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك . ئۇ سۇغا چۈشەي دېسە، يىرتقۇچلارنىڭ يەپ كېتىشىدىن قورقۇپتۇ ، قۇرۇقلۇقتا يۈرەي دېسە، ھاۋا ئىسسىپ ، چاڭقاپ ھالى قالماپتۇ . قىلمىشىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن پاقا يىغلاپ–قاقشاپ يوغان بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ياۋا ئۆردەكنىڭ كەينىگە كىرگەن ئەخمەقلىقىدىن پۇشايمان قىلىپ ، شۇ ئولتۇرغانچە كۈننىڭ ئىسسىقىدا قاق بولۇپ قۇرۇپ قاپتۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئېيتىپ بەرگۈچى: يېڭىسار ناھىيە ئوچار يېزىسىدىن: ھۆرلىقا مامۇت
خاتىرىلىگۈچى: يېڭىسار ناھىيە ئوچار يېزىسىدىن: قادىر نىياز