ئانىنىڭ غەزىپى

ۋاقتى:2011-06-02 11:56مەنبە: يوللىغۇچى: ئۆمەر ئىسمايىل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۈمەر ئىسمايىل

     يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلدا تۇختىماي ماڭغىنىمغىمۇ ئىككى سائەتتىن ئاشتى،ماشىنىنى پۇتۇن كۈن ئىجارىگە ئالغان مۇماي بىلەن ئۇغلى تىخىچە بىر ئىغىزمۇ زۇۋان سۇرمىگەنىدى،ئۆزەممۇ كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمىغاچقا يۇلۇچىلار گەپ سۇرىسا گىپىگە چۇشلۇق جاۋاپ بىرىپ قۇيۇپ ئارتۇقچە بىر نەرسە دىگۈم كەلمەيىتتى،بىراق بۇگۇن ئەھۋال باشقىچەرەك ،ماشىنامنى كۈنلۆك ئىجارىگە ئالغان مۇماي بىلەن يىگىت يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيۇلنى بۇيلاپ مىڭىشىمنى ئىيتىپ ماشىنىغا چىققاندىن بۇيان جىمجىتلا ئۇلتۇرۇشاتتى،ئۇلارغا بۇلغان قىزىقىشىم كۆچىيىپ ،قانداقتۇر ئۇلار سىرلىق ئادەملەردەك بىلىنىپ گەپ باشلىدىم.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


  _ شەھەرگىمۇ كەپ قالدۇق،قەيەردە تۇختايمەن؟
  _ ئۇيمان كۆلدە.
  _ قەيەردە ئۇ ئۇيمان كۆل دىگەن جاي. گەرچە بۇ شەھەرگە دائىم كىلىپ تۇرساممۇ ئۇيمان كۆل دەپ ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانىدىم.
  _ ئالدىمىزدىكى يۇل ئىغىزىدا تۇختىسىڭىز بۇلىدۇ.  دىدى يىگىت بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
  _ مۇشۇ جاينى ئۇيمان كۆل دەمدا؟ ، نەدىمۇ كۆل بۇلسۇن بۇ يەردە،ئىچىمەن دىسە ئۈستەڭ سۈيىمۇ تىپىلمايدىغان يەركەنغۇ بۇ.
    ماشىنا تۇختىشى بىلەن يىگىت بىلەن مۇماي ماشىنىدىن چۇشتى،ھەم مىنىڭ بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئىيتىپ يۇلنىڭ چىتىگە چىقىپ بىر نىمىلەرنى دەپ مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ماشىنىغا قايتىپ كەلدى. www.iz.la
  _ سىزگە يەنە 50يۇەن قۇشۇپ بىرەيلى ،بىزگە بىر ئىشتا ياردەم بەرسىڭىز؟ .  يىگىتنىڭ چىرايىدىن مىنىڭدىن ئۇتۇنۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
 _ ئالدى بىلەن نىمە ئىش قىلىپ بىرىمەن ،شۇنى دەڭ ،ئاڭلاپ باقاي.
 _ سىزگە راستىنى دىسەم مەن بۇ مۇماينىڭ خۇشنىسى ئىسمىم پەرھات،بۇ يەرگە ئۇنىڭ قىزىنى ئىزلەپ چىققان، بىچارە مۇماينىڭ قىزى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى ئىككى ئاي بۇپتىكەن،ئىزلەپ ھىچيەردىن تاپالمىغان، بىرسى ئۇنى بۇ يەردە كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپتىكەن،مۇماي يىغلاپ تۇرۇپلىۋالدى،ئامال يۇق شۇ قىزنى ئىزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق، خاپا بۇلماي مۇنۇ ئادرىستىكى ئۆيگە مەن بىلەن بىرگە كىرىشىپ بەرگەن بۇلسىڭىز بۇپتىكەن.

copyright by www.iz.la


_ مەن كىرمىسەممۇ ئۇدۇل كىرىپ سۇرۇشتۇرسىڭىزلا بۇلمىدىمۇ؟
_ سىز راسلا بۇ يەرگە كىلىپ باقمىغانمۇ؟ ،مەن تىخى شۇپۇرلاردىن بۇ يەرنى بىلمەيدىغانلار يۇق دەپتىكەنمەن.
  يىگىتنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ تىخىمۇ ھەيران قالدىم.
_ بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
_ چۇشۇڭە ماڭغاچ پاراڭدىشايلى.
   مۇمايغا ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۇلتۇرۇپ تۇرۇشنى ئىيتىپ قۇيۇپ ئالدىمىزغا قاراپ ماڭدۇق،ئۇ گەپ باشلىدى.
_ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە بۇ يەر كۈندۇزى چۆلدەرەپ قالغىنى بىلەن ئاخشىمى ئاۋاتلىشىپ كىتەرمىش،پۇتۇن شەھەردىكى باي غۇجاملار ،ھەرخىل يۇلدىكى كۈڭۈل ئاچىدىغانلار بۇ يەرگە كىلىپ كىچىنى ئۇتكۇزۇپ كىتىدىكەن،تىخى ئىدارە ئورگاندىكى بىرىنچى قۇل باشلىقلارنىڭ ھەر ئىسىل ماشىنلىرى بۇ يەردە ئۇچرەتتە تۇرۇپ كىتىدۇ دەيدۇ تىخى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


_ مۇنداق دەڭ ،ئەسلى بۇ يەرمۇ بىزنىڭ ناھىينىڭ سالىكۇسىدەك بىر يەركەندە.
_ شۇنداق، ئەمدىكى گەپ بىز ئۇ ئۇيگە كىرگەندە قىزنى قانداق ئىزلەيمىز، نىمە دەيمىز؟ مەسىلە مۇشۇ يەردە.
_ ئۇدۇللا كىرىپ قىزنى سۇرىساق ،يۇقلا دەپ يۇلغا سالىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە بىزمۇ كۈڭۈل ئاچىدىغانلار سىياقىغا كىرىۋالايلى.
  ئىككىمىز شۇنداق كىلىشىپ بىرەر يۇز مىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن كۆزۇم تۇيۇقسىز يۇل بۇيىدىكى «ئۇيمان كۆل ساقچىخانىسى» دىگەن ۋىۋىسكىغا چۇشۇپ تۇختاپ قالدىم،ھەم يىگىتكە دىدىم.
_ بىز نىمىشقا ئالدى بلەن ساقچىخانىغا كىرمەيمىز؟ ساقچىلار بۇ يەردە كىم بار كىم يۇق ھەممىنى بىلىدىغۇ؟

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


_ مىنىڭمۇ يادىمغا كەلمەپتۇ دىسە. -دىدى يىگىت جاۋابەن. 
  ئىككىمىز مۇماينى چاقىرىپ بىرلىكتە ساقچىخانىغا كىردۇق،چۇڭ يۇل ياقىسىغا جايلاشتۇرۇلغان ئىككى ئىغىز چاققانغىنە قەلەي ئۆيدىن تۇزۇلگەن بۇ ساقچىخانىنىڭ نۇۋەتچىلىك ئۆيىدە سىمىزلىگىدىن ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئاسما مايكا كىيىۋالغان كىلەڭسىز بىر ساقچى بىزنى كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭغا كىلىش مەقسىتىمىزنى ئىيىتتۇق.
_ قانچە ياشقا كىردىلە ؟
_ 65 كە كىردىم بالام ،دۇنيالىقتا مۇشۇ بىر تاللا قىزىم بار ئىدى،ماڭا ياردەم قىلىپ قىزىمنى شۇ يەردىن ئاچىقىپ بەرگەن بۇلسىلا سىلىگە مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار.....  . مۇماينىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئۇققىلى بۇلمىدى،بىچارە مۇماي يىغلاشقا باشلىغانىدى. www.iz.la
_ سىلى ھازىرچە قايتىپ تۇرسىلا ،بىرەر خەۋىرى بۇلسا سىلىگە يەتكۆزەيلى .  نۇۋەتچى ساقچى بىزنى تىزرەك يۇلغا سىلىشنىڭ كۇيىغا چۇشكەنىدى.
_ ئاكا ،بىز نەچچە يۈز كىلۇمىتىر يۇل يۈرۈپ ھىچنىمىنى ئۇقماي قايىتساقمۇ بۇلماس،ھىچبۇلمىسا بىزگە ئۇنىڭ بار ياكى يۇقلىقىنى ئىيتىپمۇ بىرەلمەمسىز؟  بىچارە مۇماينىڭ بۇ يەرگە كەلمىگى ئاسانمۇ؟.   قانداقلارچە ئۇنىڭغا يىلىنىش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلغىنىمنى ئۆزەممۇ سەزمەپتىمەن، ئۇ بىردەم بىشىنى ساڭگىلىتىپ جىم تۇرۇۋالغاندىن كىيىن مۇمايغا قاراپ كەسكىن ھالدا مۇنداق دىدى.
 _ قىزلىرى مۇشۇ يەردە بار،ياخشىسى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسىلە،بەرىبىر ئۇ ھازىر سىلىنى تۇنۇمايدو،ئۇ پۇتۇنلەي باشقىچە دۇنيادا ياشاۋاتىدو،سىلى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتسىلىمۇ ئۇ ئىككى كۈندىن كىيىن يەنە قىچىپ چىقىدو. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ جىنىم بالام ماڭا بىر ياردەم قىلىپ قۇيسىلا ،مەن ھىچبۇلمىسا ئۇنى بىر قىتىم بۇلسىمۇ  كۆرۇۋالاي ئىككى ئىغىز گىپىمنى دەۋالساملا بۇلاتتى. مۇماي ساقچىنىڭ ئالدىدا تىزلانغانىدى.
 _ تۇرسىلا تۇرسىلا، نىمە قىلىپ يۇرۇيدو بۇ مۇماي ئەمدى. ساقچى مۇماينى ئۇرنىدىن تۇرغۇزۇپ ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرغۇزۇپ قۇيدى.
_ سىلەر بۇ يەرگە كىرىڭلار.    پەرھات بىلەن ئىككىمىز ساقچىغا ئەگىشىپ ياندىكى ئىشخانىغا كىردۇق.
_ سىلەر دىگەن قىز ھەقىقەتەن بۇ يەردە، قۇلۇڭلاردىكى ئادرىستا بار،بىراق مەن سىلەرگە تۇتۇپ بىرەلمەيمەن،قالغان ئامالىنى ئۆزەڭلار قىلىڭلار.
_ نىمىشقا تۇتۇپ بىرەلمەيسىز، ئەجىبا سىلەر ساقچىلار بۇنداق ئىشلارنى باشقۇرمامسىلەر؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ ئۇنداقلارنى بۇگۇن تۇتساق ئەتىسى جەرىمانە تۇلەپ ئاچىقىپ كىتىشىدۇ،بىرنى تۇتساق ئونى پەيدا بۇلىدۇ،ئەڭ يامىنى تەۋەلىگىدە ۋەقە چىققان ،ياخشى باشقۇرالمىغان دەپ بىزنىڭ مۇكاپاتىمىزنى تۇتۇشىدۇ،بىرەر ئىش چىقسىلا باش ئاغرىقى بىزگە بۇلىدو. سىلەرگە ياردەم قىلغىم بار ،لىكىن قىلالمايمەن،قالغىنىنى ئۆزەڭلار بىلىڭلار.
    ساقچىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىم،ئىچىمدە ھەي! شەكىلۋازلىق قاچانمۇ تۇگەر دىگەنلەرنى ئۇيلىدىم. مۇماينى ئىلىپ ساقچىخانىدىن يىنىپ چىقتۇق،ساقچىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن گەرچە قىزغا نىسپەتەن ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولغان بۇلساقمۇ لىكىن مۇمايغا ھىچقايسىمىز قايتايلى دىيەلمىدۇق، بىچارە مۇماي قىزىنىڭ دەردىدە تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


_ قانداقلا بۇلمىسۇن كىرىپ باقايلى . دىدى پەرھات ماڭا قاراپ .
_ بۇلىدۇ.
  ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ ئەمدىلا مىڭىشىمىزغا باياتىنقى ساقچى مۇتۇسىكىلىتلىق كىلىپ ئالدىمىزنى تۇستى. ئۇ بىزنىڭ قىزنى ئىزلەپ ماڭغانلىقىمىزنى بىلىپ قالغان ئىدى.
  _ كىرگەندە لاييىگەكنى ئىزلەيمىز دەڭلار،بۇلمىسا چاندۇرۇپ قۇيىسىلەر. ئۇ شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى.
 چۇڭ يۇلنىڭ دۇقمۇشىدىن قايرىلىپ ئىككى يۇز مىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن سۇرئەتنى ئاستىلىتىپ ئىشىك نۇمۇرىنى سىلىشتۇرۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدۇق.
_ مۇشۇ يەر شۇكەن.  ماشىنىنى چەتتىرەك تۇختاتتىم.   مۇماينى ماشىنىدا قالدۇرۇپ ئىككەيلەن ماشىنىدىن چۇشتۇق. ئىز تورى www.iz.la
  يۇغان يىشىل ئىشىك ئىچىدىن ھىم ئىتىلگەن بۇلوپ ئىچىدە ئادەم باردەك ئەمەس،بىر خىل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۇرەتتى. ئۆزىمىزنى ئۇبدان دەڭسەپ يۈرىكىمىزنى تۇختىتىۋالغاندىن كىيىن ئىشىكنى قاقتۇق.
_ ئادەم بارمۇ؟
  خىلىدىن كىيىن ئىشىك ئىچىلىپ بىر كىچىككىنە قىز بىشىنى چىقاردى.تۇرقىدىن تۇلۇق ئۇتتۇرىنىڭ ئىككى ،ئۈچىنچى يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرىدەك كۆرۇنەتتى.
_ نىمە ئىشىڭلار بار؟
_ شۇ،بىرەردەم ئارام ئالايلى دەپ كەلگەن .دىدى پەرھات سەل دۇدۇقلاپ .
_ قەيەردىن كەلدىڭلار، سىلەرنى بۇرۇن كۆرۇپ باقماپتىمەنغۇ؟
_ بىز يىزىدىن كەلدۇق، ئەنە ئاۋۇ بىزنىڭ ماشىنىمىز.    قىز يەنىلا ئىشەنمىگەندەك تۇراتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_ لاييىگەك بىزنى قاچانلا كەلسەڭلار بۇلىدۇ دىگەنتى.  بۇ گەپنى قىلىۋىتىپ ئۆزەمنى كىنولاردا رۇل ئىلىۋاتقاندەكلا ھىس قىلدىم.
_ قىنى كىرىڭلار.
 ھۇيلا ئىچى قۇپقۇرۇق،يۇقىرى -تۇۋەن قىلىپ سىلىنغان ئۇننەچچە ئىغىز ئۆي بارئىدى.
_ ماۋۇ ئۆيگە كىرىڭلار، تىخى يىڭىلا تازىلىغان .  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىچىگە كىردۇق، ئۆي ئىچىدىن شۇنداق كۈچلۈك قاڭسىق ھاراق پۇرىقى بىلەن ،تام تۇرۇسقا سىڭىپ كەتكەن مۇخۇركا ئىسىنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.
_ لاييىگەك ھازىر يۇق، بىر خىرىدار بىلەن ئاخشام چىقىپ كەتكەن ،تىخى قايتىپ كەلمىدى. باشقا قىزلار ئۇخلاۋاتىدۇ،دەڭلار قايسىنى چاقىرىپ بىرىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، نىمە ئىشلار بوپ كىتىۋاتىدۇ بۇ جاھاندا،كۆز ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىشەنگۇم كەلمەيىتتى.
 _ بىز لاييىگەكتىن باشقىسىنى تۇنۇمايمىز،يەنە كىملەر بار؟
_ سىلەر بۇرۇن بىرلا قىتىم كەلگەنما؟
_ شۇنداق.
_ شۇڭا بىلمەيدىكەنسىلەردە، ھازىرچۇ لاييىگەكنى بىسىپ چۇشۇدىغان نۇرغۇن قىزلىرىمىز بار.
_ ئالدى بىلەن يەيدىغان نەرسە بۇيرۇتۇڭلار ،ئاڭغىچە قىزلار ئۇيغانسا سىلەرگە چاقىرىپ بىرەي بۇلامدا؟
_ بۇ ........   ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە تۇرۇپ قالدۇق.
_ سەل تۇرۇپ ،ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ بۇلغاندا ئاندىن بۇيرۇتايلى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئىككىمىز بۇ يەردە ئارتۇق ئۇلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يۇقلىقىنى دىيىشىپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلوپ ھۇيلىغا چىقتۇق.
_ نەگە ؟
_ ماشىنىدا سۇمكىلىرىمىز قالغان ئەكىرۋالايلى.  قىز بىزنى رەسمى قىلتاققا چۇشتى دەپ ئۇيلاپ قالغان بۇلسا كىرەك يان تەرەپتىكى ئۆيگە قاراپ تۇۋلاشقا باشلىدى.
_ تاسما بىلىق، مارجان بىلىق تىز چىقىڭلار ،مىھمان كەلدى.
 چۇڭ ئىشىكتىن چىقىپ ماشىنىنىڭ يىنىغا قاراپ ماڭدۇق،پەرھات تۇيۇقسىز تۇختاپ قالدى. ماشىنىنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئالا بۇلماچ كىيىم كەيگەن بىر قىز كىلىۋاتاتتى.
_ شۇ ،دەل ئۆزى شۇ. دىدى پەرھات پىچىرلاپ . ئىز تورى بەك ياخشى
_ كىم ؟
_ لاييىگەك، مۇماينىڭ قىزى شۇ.
       ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق.ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۇلتۇرغان مۇماي بىزنىڭ قىتىپ قالغىنىمىزنى كۆرۇپ كەينىگە قارىدى-دە ئالدىراپ ماشىنىدىن چۇشتى، لاييىگەك بىلەن مۇماينىڭ كۆزى ئۇچراشتى،لاييىگەك تۇساتتىن كەينىگە ئۆرۇلۇپ مىڭىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ قەدىمى بارغانسىرى تىزلىشۋاتاتتى.
_ تۇختا بالام،جىنىم بالام تۇختىغىن ،سەندىن ئۇتۇنۇپ قالاي . مۇماي كەينىدىن قۇغلىدى ،ئازراق ماڭغاندىن كىيىن سەنتۇرۇلۇپ يىقىلىپ كەتتى.
_ بالىلىرىم ،ماڭا ئۇنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بىرىڭلار !  .   مۇماينىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ چىدىيالماي قالدىم.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


_ تىز ماشىنا بىلەن قۇغلايلى .
   مۇماينى ماشىنىغا سىلىپ ئارقىغا بۇراپ لاييىگەكنىڭ كەينىدىن قۇغلاشقا باشلىدىم،ئۇ بىردەم-بىردەمدە بىزگە قاراپ قۇيۇپ كۇچىنىڭ بارىچە قىچىشقا باشلىدى،چايىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ماشىنىنى قاتتىق تۇرمۇزلىدىم،بىردەمدىلا ئالدى تەرەپتىكى چۇڭ يۇل تۇختاپ قالغان ماشىنىلار بىلەن لىق تۇلدى، لاييىگەك بىزدىن قىچىپ ئەمدىلا چۇڭ يۇلغا بۇرۇلىشىغا لىق يۈك باسقان چۇڭ تىپتىكى نىفىت  ئىشچىلىرىنىڭ ماشىنىسغا سۇقۇلغانىدى.
   مۇماي ماشىنىدىن چۇشۇپ تۇپلاشقان ئادەملەر  ئارسىغا كىرىپ كەتتى ،بىز ھاڭۋىقىپ نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق،خىلىدىن كىيىن ئىسىمىزگە كىلىپ كىشىلەر ئارسىغا قاراپ ماڭدۇق،بىچارە لاييىگەكنىڭ بەدىنى ماشىنىنىڭ چاقىغا بىر يۇگۇلۇپ چىققان بۇلسا كىرەك ئۇچەي باغرى چۇۋۇلۇپ كەتكەنىدى،مۇرىسىنىڭ ئۇستى قىسمىنى پەرىق ئەتكىلى بۇلمايىتتى،مۇماي يەردىكى قانغا مىلەنگەن جەسەتنى بىردەم قۇچاغلاپ تۇرغاندىن كىيىن چىچىلىپ تىتما-تىتما بۇلوپ كەتكەن جىگەر، يۇرەك قاتارلىق ئەزالارنى بىر-بىرلەپ تىرىشكەباشلىدى،لىكىن مۇماي ئازراقمۇ يىغلىمىغانىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

_ مۇما ،سىز بۇنداق قىلسىڭىز بۇلمايدۇ،بىز رەسىمگە تارتىپ ئەنزە تۇرغۇزىشىمىز كىرەك. كىچىكىپ كەلگەن قاتناش ساقچىسى ئۇنى ئاگاھلاندۇردى.
_ يۇقال،ئىت غالچا، ھەممىڭ يۇقال! قىزىمنىڭ ئۇلۇمىگە ھەممىڭ سەۋەپچى،ئىت نىجىس تام تۈشۈگىدىن چىققان گۇيلار.ھۇ بۇزۇق شەرمەندىلەر........
    مۇماي تۇختايدىغاندەك ئەمەس، بىرخىلدا ئەتراپتىكى ھەممە ئادەمنى قۇشۇپ ئاجايىپ سەت تىللار بىلەن تىللاۋاتاتتى،بارا-بارا ئۇنىڭ ئاۋازى پەرىق ئەتكىلى بۇلمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى،  شۇنداقتىمۇ ئۇ تۇختايدىغاندەك ئەمەس،ئەتراپتىكىلەرگە، بۇلوپمۇ ساقچى كىيىمى كەيگەنلەرگە قۇلىنى شىلتىپ بىرنىمىلەر دەۋاتاتتى، قاتناش ساقچىسى بىر ھازا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن نىرۋا كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىغا تىلىفۇن قىلدى.  ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
90.9%
ناچار
(1)
9.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...

  • تاغقا چىقىدىغان يول

    بۇرۇنقى زاماندا،بىر بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن.ئوغۇللارنىڭ چوڭى ساددا،ئوتتۇرانچىسى زېرەك،ئۈچىنچىسى قەيسەر ئىكەن.بوۋاي دائىم؛(ئوغۇللىرىم مەندىن كىيىن قالسا ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرەلەرمۇ؟)دەپ ئەنسىرەيدىكەن،ئۇ ئاخىرى ئوغلىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ. بىر كۈنى،بوۋا...