قۇربانجان توختى ئازىق
بىر قىز بىر يىگتىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇلار ئىككىسى بىر مەزگىل مۇھەببەتلىشىپ ، ئاخىرى توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ . توي يېقىنلاشقانسېرى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قاپتۇ . قىز يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە ، دائىم ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ ، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلماقچى بولىدىكەن ، لېكىن، يىگىت بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدىكەن . ھەر قېتىم زىددىيەت پەيدا بولغاندا ، ئوغۇل قىزغا ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويىدىكەن . قىز مۇشۇنداق غەمكىن يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قىزنىڭ ئانىسى قىزىغا ئىچى ئاغرىپ ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچى بولۇپ ئۇنى دەريا بويىغا باشلاپ بېرىپتۇ . ئانا قولىغا بىر سىقىم قۇمنى ئېلىپ، قىزغا كۆرسىتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: ‹‹ قىزىم، قارا، ئالقىنىمنى ئېچىپ قويساممۇ قۇم چۈشۈپ كەتمىدى ›› . قىز راستىنلا ئانىسىنىڭ قولىدىكى قۇمنىڭ بىر دانىچىسىنىڭمۇ چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ . ئارقىدىنلا، ئانىسى قۇمنى ئالقانلىرىدا چىڭ سىقىپتىكەن ، قۇملار بارماق ئارىلىقلىرىدىن تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ . چىڭ سىققانسېرى تۆكۈلۈۋاتقان قۇملارنى كۆرگەن قىز بىردىنلا ‹‹مۇھەببەتنىڭ مۇشۇ قۇمغا ئوخشايدىغانلىقى ، ئۇنى چىڭ سىققانسېرى ئۇنىڭدىن ئوڭايلا ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى›› دەك بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ قىز كۆپ ئۆزگىرىپتۇ. يىگىت بىلەن ئانچە كارى بولماي ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ . يىگىتنىڭمۇ قىزغا بولغان ئىپادىسى ئۆزگىرىپتۇ .
www.iz.la
يۇقىرىقى قۇرلارنى ئۇقۇۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆڭلۈم بىردىنلا يۇرۇپ كەتتى . مەندە ھاياتقا، ياشاشقا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم ئۈمىد تۇغۇلدى . ئادەم بەزىدە ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈرەش قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ نەرسە ئەكسىچە قولدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تەمشەلگەن بولىدىكەن . بىز ئۈزلۈكسىز ئېرىشىش يولىدا تىرىشىۋاتقاندا بىلىپ–بىلمەي نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بەزىدە، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە ئېرىشىمىز دەپ ، ئۆزىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز . گەپ بىزنىڭ مانا مۇشۇ ئېرىشكەنلىرىمىز، يوقىتىشلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى قانچىلىك بىلىشىمىزدە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كىشىلىك ھاياتتا كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن ھەممىلا نەرسىگە ئېرىشىپ بولغىلى بولمايدۇ . ئېرىشىشنى ئىستەيدىكەنمىز، يوقىتىشنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا، قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ۋاز كېچىش ھەرگىز يوقىتىشقا باراۋەر ئەمەس . ھېلىقى قىزنىڭ يىگىت بىلەن ۋاقتىنچە كارى بولماسلىقىنى بىز دەۋاتقان ۋاز كېچىش ، دېسەك بولىدۇ . ئۇ ھەرگىزمۇ يىگىتنى يوقىتىپ قويۇشنى ئويلاپ باقمىغان .
نۇرغۇن ياشلار مۇشۇ مەسىلىگە كەلگەندە بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي تولا جېدەللىشىدۇ. مەيلى، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بولسۇن ياكى نىكاھ قۇرۇپ بولغان ياشلار بولسۇن، ھەمىشە بىر–بىرىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت توغرا مەقسەتتە ، توغرا بولمىغان نەتىجىگە مۇيەسسەر بولۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللار كۆپىنچە قىز–ئاياللاردا يۈز بېرىدۇ . ئۇلار ئەرلىرىگە (يىگىتىگە) مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىدا ، ئۇلارنىڭ نەدە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ، كىملەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە تولا تېلېفون قىلىپ ئەرلەرنى جىيلە قىلىۋېتىدۇ . ئاياللارنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئاپىرىن ئېيتىشقا بولىدۇ .چۈنكى ، ئەرلەر نىكاھ قۇرۇشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئۆزى ياراتقان بولسا، نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئاياللار قۇرۇپ چىقىدۇ . ئەرلەر بولسا بۇ ۋەزىپىنى بىۋاستە ئورۇنلىغۇچى، خالاس . بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىلا ئەرنىڭ كۆڭلىگە بىردەك يېقىپ كېتىشى ناتايىن.
ئىز تورى www.iz.la
كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋېلىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ . شۇڭا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالماسلىقى ، ئىلمىي مۇناسىۋەت بەرپا قىلىپ ، ئۇلارغا كۆڭۈلدە ئىگە بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك . بۇ خىل كۆيۈنۈشنى ئەرلەرنىڭ قۇلىقىغا ئەمەس، دىلىغا سېلىش كېرەك.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!