پىنىھاندىكى پاجئەلىك سۆيگۈ

ۋاقتى:2011-05-05 12:58مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ھاياتىمىزدا ھەرخىل ئۇچىرشىشلا بولۇپ تۇرىدۇ.
بەزىللىرى بىزنىڭ خاتىرىمىزدىن تېزلا چىقىپ كەتسە،بەزىللىرى بىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك،ئۇنتۇلغۇسىز يالداما بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يىگىت بىلەن قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىمۇ دەل شۇنداق تاساددىبىي ئۇچىرشىشدىن باشلانغان ئىدى...
يىگىت ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ماشىنا ساقلاۋاتاتتى،ئۇدۇلدىكى يولدىن بىر قىز ئۆتۈپ،ماشىنا ساقلاش ئۈچۈن يىگىتنىڭ قېشىغا كىلىپ تۇردى.
بىردەمدىن كىيىن،ماشىنا بېكەتكە كىلىپ توختىدى،يىگىت بىلەن قىز تەڭلا چىقىپ،ئىشىككە قىسىلىپ قالدى،قىز ئەندىكىپ ئارقىغا ياندى ھەم يىگىتكە لەپپىدە بىرنى قارىۋىتىپ،يۈزلىرى قىزارغان ھالدا بوشغىنە:"سىز ئاۋۋال چىقىۋىلىڭ بولمىسا."دىدى.يىگىتمۇ خىجىل بولغان ھالدا بېشىنى قاشلىغىنىچە:"كەچۈرسىز،سىز ئاۋۋال چىقىڭ ھە."دىگىنىچە ئارقىغا يېنىپ قىزغا يول بوشاتتى.قىز تېزلا ئاپتۇبۇسقا چىقتىدە،ئەڭ ئاخىردىكى بوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى.ئاپتۇبۇستا بىرلا بوش ئورۇن بولغاچقا،يىگىت ئارقىغا سۈرۈلدىدە، قىزنىڭ قېشىدا ئۆرە تۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىز سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،دەرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇردى.يىگىت ئەمدى قىزغا تۇيدۇرماستىن بىر قۇر سەپ سېلىشغا باشلىدى.قىز ئىنتايىن تەبىئىي ئىدى،ئۇنىڭ ئىگىز قىلىپ بىر بوغىۋالغان قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى،ئاپپاق يۈزلىرىگە ياراشقان قوشما قاشلىرى، يوغان شەھلا كۆزلىرى،ئېقىپ چۈشكەن بۇرنى،ئويماقتەك ئاغزى ئۇنى تېخىمۇ ئوماق قىلىپ كۆرسىتىۋەتكەن ئىدى.كىيىملىرى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما رەتلىك پاكىزە بولغاچقا،قىزغا باشقىچە سالاپەت قوشقان ئىدى.ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم سۈيىنەتتى.يىگىت قىزغا مەسىتخۇش بولغاندەك،كۆزىنى ئۈزمەن قاراپ تۇرىۋەردى،ئەكىسچە قىز بولسا بۇنىڭدىن بىخەۋەر،ئۇ تولىمۇ پەرۋاسىزلارچە دەرىزە سىرتىغا قاراپلا ئولتۇراتتى.

www.iz.la

ئاپتۇبۇس ئىككى بېكەت ماڭغاندىن كىيىن توختىدى،قىز لىككىدە ئورنىدىن تۇردى-دە،ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدى.ئەسلىدە يەنە ئىككى بېكەتتىن كىيىن چۈشىدىغان يىگىت،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قىزنىڭ ئارقىسىدىن تەڭ چۈشتى.قىز تېز-تېز قەدەم ئالغىنىچە،ئۇدۇلدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.يىگىتمۇ ئەگىشىپ كىردى.يىگىت بىر بۇلۇڭدا قىزنى مارىلاپ تۇردى.قىز بولسا ھەدەپ بىر كىتاپلارنى ئىزدەۋاتاتتى.يىگىت كۆڭلىدە:"ماڭا ئوخشاش كىتاپخۇمار قىز ئىكەندە،بىر قاراشتىنلا بىلىملىك ئىكەنلىگى چىقىپ تۇرمامدۇ.بىر تۇنىشىۋالسام بوپتىكەن.ھەي ئىسمى نىمىدۇ؟"دەپ ئويلاپ قالدى.ئالدىراش ئىشى بار يىگىت ئىسىنى يىغدى-دە،قىزغا يېنىشلاپ-يېنىشلاپ قاراپ،كۆزى قىيمىغان ھالدا چىقىپ كەتتى.

ئىز تورى بەك ياخشى


كەچتە،قىزنى تولا ئويلاپ ئۇيقۇسى قاچقان يىگىت، بىر كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قېلىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ راست ئىكەنلىكىگە بۈگۈن ئىشەنگەن ئىدى.
يىگىت كۆڭلىدىن:"بۇ قىزنى بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللە ئەتراپىدا كۆرمەپتىكەنمەن،بەلكىم يېڭى كۈچۈپ كەلگەن ئوخشايدۇ ياكى بىرەرسىنىڭ ئۆيىدىن چىققانمۇ تېخى،ئۇچىرشىش قايتا نىسىپ بولارمۇ ھە"دىگەنلەرنى ئۆتكۈزۈدى .يىگىت ئەتىمۇ بېكەتتە قىز بىلەن قايتا ئۇچىرشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى،ئۇنى يەنە بىر كۆرگىسى كەلدى.
ئەتىسى سەھەردىلا يىگىت يەنە ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كىلىپ تۇردى،نەچچە ئاپتۇبۇس ئۆتۈپ كەتتى،لىكىن قىز تېخىچە چىقمىغان ئىدى.
يىگىت ئۈمۈتسىزلىنىپ،"قايتىپ كىتەي" دەپ تۇرىشىغا،قىز توساتتىنلا يولدىن ئۆتۈپ بېكەتتە توختىدى.يىگىت قىزنى كۆرەلىگەنلىگىدىن بەكمۇ خوشال بولدى.
ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇلار ئاپتۇبۇسغا چىقتى،يىگىت قىزدىن يەنىلا كۆزىنى ئۈزمىدى. قىز يەنە كىتاپخانىدا چۈشۈپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈن ئۆتتى.يىگىت قىزغا ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلىشتىن خىجىل بولدى.تۆتىنجى كۈنى،يىگىت ئاخىرى پۈتۈن غەيرىتىنى يىغىپ قىزغا گەپ قىلدى.ئىچىدە بولسا ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتاتتى.
"سىز كۈندە كىتاپخانىغا بېرىپ ماتىريال كۆرىدىكەنسىز ھە؟"دىدى يىگىت.
"ھەئە،ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان"لا دىدى قىز باشقا ئارتۇقمۇ گەپ قىلماي.
ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باسقاندىن كىيىن،يىگىت يەنە گەپ باشلىدى:"ئىسمىڭىزنى سوراپ باقسام بولارمۇ؟"
"نىگارە"دەپ جاۋاپ بەردى قىز.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


"مىنىڭ ئىسمىم ئەسقەر"دىدى يىگىت قورۇنغاندەك.
شۇ كۈندىن باشلاپ يىگىتنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىسىم ئۇيۇلدى. "نىگارە"
ئۇ قىزنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرۈپ قالدىكى،قىزنى كۈندە بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىكەتكە كىلەتتى.قىزمۇ يىگىتگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويىدىغان بولدى.يىگىتنىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى كۈنسايىن ئاشتى.
بىر كۈنى يىگىت قىز بىلەن نىمىلا بولمىسا چوڭقۇر تۇنۇش مەخسىتىدە ئۆيدىن چىقتى،لىكىن قىز تۇيۇقسىز بىكەتكە كەلمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى..يىگىتنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى،ئۇ كۈن-كۈنلەپ بىكەتتە قىزنى كۈتتى.ھىلى كىلەر،مانا كىلەر.لىكىن ئۇ قىز تۈگۈل قىزنىڭ سايىسىمۇ يوق."زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟ئۆيىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتامدۇ يا؟"دەپ ھەرخىل خىياللارنى قىلدى يىگىت.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئۇ ئاخىرى مىڭ تەستە باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ قىزنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى تاپقان شۇ كۈنى،تۇيۇقسىز يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ ئورنىدىن يىقىلدى.يىگىتنىڭ تۇغما يۈرەك سانجىق كىسىلى بولغاچقا،يىگىتنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭدىن"يېنىغا دورا سالغانمىدۇ"دەپ ئەنسىرەپلا يۈرەتتى،يىگىت سەللا جىددىيلەشسە ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كەتسىلا كىسىلى قوزغىلاتتى.ئۇ كۈنى يېنىغا دورىسىنى سالمىغان ئىكەن.ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ ئاخىرى ھۇشىغا كەلدى.
يىگىتنىڭ ئاپىسى يىغلىغىنىچە كىلىپ يىگىتنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى.يىگىت ئاغزىنى ئارانلا ئۆممىلىتىپ گەپ قىلىۋاتاتتى.:"ئاپا،قۇلۇمدىكى تېلغۇن نۇمۇرى يېزىلغان قەغەن قېنى؟"

ئىز تورى بەك ياخشى


"مانا بالام ئەسقەر.نىمە نۇمۇرى ئىدى ئۇ؟ھەجەپمۇ چىڭ سىقىمدىۋاپسەنغۇ بالام؟"دىدى ئاپىسى.
"......"يىگىت جاۋاپ بەرمىدى.نىگارەنى ئاپىسىغا نىمە دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ؟ دوستۇم،ئادەتتىكى تۇنۇشۇم،مەن ياخشى كۆرىدىغان قىز...؟
يىگىت پەقەتلا قىزنىڭ ئىسمى بىلەن تېلغۇن نۇمۇرىنىلا بىلىدۇ.لىكىن قىزنىڭ ھازىر نەدە،نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟
"توغرا،مەن ئۇنىڭغا تېلغۇن ئۇرۇپ باقاي"دەپ ئويلىدى يىگىت.قولىغا تېلغۇننى ئالدى-دە،نۇمۇرلارنى بىردىن-بىردىن تەستە باستى.ئۇنىڭ تېلغۇن تۇرۇپكىسىنى خۇددى ھازىرلا يەرگە چۈشۈپ كىتىدىغاندەك چىڭ تۇتىۋالغان جانسىز قوللىرى شۇ قەدەر تىترىدىكى،يۈرۈگىمۇ تەڭ تىترەپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

دۇت-دۇت قىلغان ئاۋازىدىن كىيىن،تېلغۇن ئاخىرى ئېلىندى:"ۋەي،ياخشىمۇسىز؟"دىگەن تۇنۇش ئاۋازدىن يىگىتنىڭ يۈرىگى ئىنتايىن تېز سوقۇپ كەتتى.يىگىت گەپمۇ قىلماي تېلغۇننى قۇيىۋەتتى.ئەتىسى يىگىت قىزغا يەنە تېلغۇن ئۇردى لىكىن گەپ قىلماي جىم تۇراتتى.تېلغۇندىن قىزنىڭ باتنىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:"كىمۇ زادى سىز؟تېلغۇن قىلغان ئادەم گەپ قىلىڭ،تازىمۇ بىر".گگپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي،ئېغىر ئۇھسىنىپ تېلغۇننى يەنە قۇيىۋەتتى.يىگىت ئۆزڭنىڭ ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى،رەھىمسىز شۇم كېسەلنىڭ ئۆزىنى ئاز كۈنگە قالماي مەڭگۈگە يىقىتىپ،بۇ دۇنيادىن ئىلىپ كىتىدىغانلىقىمۇ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.بۇ ئەھۋال ئۇدا نەچچە كۈن داۋام ئەتتى.ئۇ قىزغا نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى،ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئۇ دۇنياغا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كىتىشنى ئويلىدى.يىگىت ئاپىسىغا نىگارە توغرىسىدا گەپ قىلىپ بەردى.بىچچارە ئاپا ئوغلىغا نىسىپ بولمىغان بەخىت ئۈچۈن ئېچىنىۋاتاتتى.نامىزىدا ئوغلىنىڭ ياخشى بۇلۇشىنى تېلەيتتى.دوختۇرلار بولسا "ئۆيگە ئەكىتىپ بېقىۋىلىڭلار"دىدى.بىچچارە ئاپا ئوغلىغا قاراپ قان-قان يىغلىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى


قىزمۇ بىرنەرسىنى كۆڭلى سەزگەندەك تېلغۇننى قۇيىۋەتمەي،قارشى تەرەپنىڭ ئىغىر ئەلەملىك ئۇھسىنغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا كۈنۈپ قالغان ئىدى.يىگىت بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىپ باراتتى،شۇنداقتىمۇ قىزغا تېلغۇن قىلىشنى توختاتمىدى.تاكى ئەڭ ئاخىرقى تىنىغىغىچە قەدەر شۇنداق قىلدى.
ئۇ شۇ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا،كېسەل كارۋىتىدا جان تالىشىپ ياتقان شۇ مىنۇتتا،قىزغا يەنە تېلغۇن قىلدى،ھەم تېلغۇن تۇرۇپكىسىدىن قىزغا سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاتتى،"چىك،چىك،چىك،چىك..." تېلغۇن ئۈزۈلدى.قىزنىڭ يۈرۈگى نىمىدىندۇر ئەندىكىپ كەتكەندەك گۈپۈلدەپ تېز سوقتى.
ئارىدىن 3 كۈن ئۆتتى،ھېلىقى ناتۇنۇش نۇمۇردىن تېلغۇن كەلمىگەن قىزنىڭ كۆڭلى غەش بولدى"كىم بولغىيتتى؟لىكىن مەن تۇنۇيدىغاندەكلا"دەپ ئويلايتتى قىز.قىز ئۇ نۇمۇرغا قايتۇرۇپ تېلغۇن ئۇردى.چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئۇھسىنغان ئاۋازدىن نىمىلەرنىدۇر ھېس قىلغان ئىدى.تېلغۇن ئۇزاق سايرىغاندىن كىيىن،تېلغۇننى"ۋەي"دەپ ياشتا چوڭراق بىر ئايال ئالدى.قىز گەپ قىلماي تېلغۇننى قۇيىۋىتەي دەپ تۇرىشىغا،ئايال يىغلامسىرىغىنىچە:"گەپ قىلىڭ،جېنىم قىزىم نىگارە،مەن ئەسقەرنىڭ ئاپىسى،سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار،بىز كۆرەشسەك بولامدۇ؟"دىدى.قىز ئەسقەر دىگەن تۇنۇش ئىسىمنى ئاڭلاپ بىرخىل بۇلۇپ قالدى.قىزمۇ ئۆزىنىڭ يىگىتنى قانداقلارچە ياقـتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئىدى.ئەمما ئارلىقتا چوڭ ئاپىسى ئاغرىپ قېلىپ،چوڭ ئۆيدە چوڭ ئاپىسىغا قارىغان ئىدى.شۇڭا يىگىتنى قايتا كۆرەلمىگىنىگە كۆڭلى پاراكەندە بولغان ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار كۆرۈشتى.بېشىغا ئاپپاق ياغلىق چىگىۋالغان بۇ ئاپپاينى كۆرگەن نىگارە،قاققان قوزۇقتەك جايىدا جىم تۇرۇپلا قالدى.ئەسقەر ئاپىسىغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتتى.
ئاپپاي قان-قان يىغلاپ تۇرۇپ،بولغان ھەممە ئىشلارنى قىزغا بىرمۇ-بىر قىلىپ سۆزلەپ بەردى.قىزمۇ بۇلارنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى.بۇ ئىشلار قىزغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى.
يىگىت كېسەل بىلەن جان تالىشىۋاتقان ئاخىرقى شۇ دەقىقىدىمۇ"نىگارە"دىگەن ئىسىمنى كۆپ تەكرارلىغان ھەم قىزغا مۇنۇ بىر پارچە خەت قالدۇرغان ئىدى.
خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق يېزىلغان :
"نىگارە ياخشىمۇسىز؟

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


سىزگە خەت يازغانلىقىمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتامسىز؟
بەزى گەپلەرنى سىزگە يۈز-تۇرانە دىيىشكە ئۈلگۈرمەيمەن،چۈنكى بۇ خەتنى سىز ئاپام ئارقىلىق قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىڭىزدا،مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان بولىمەن.مىنى قايتا كۆرەلمەيسىز،مەنمۇ سىزنى ھەم شۇنداق.
سىزنى تۇنجى كۆرگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ،سىزگە كۆڭلۈمدە بولغان پىنھان مۇھەببەت ئويغانغان ئىدى.لىكىن جۈرئىتىم ئاجىز كىلىپ قالدى.سىزگە مۇھەببىتىمنى ئىزھارمۇ قىلالمىدىم.
لىكىن،سىزگە كۆڭۈل سۆزۈمنى دىيىشنى،سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ باغچىلارنى سەيلە قىلىشنى،كەچلىرى بىللە يۇلتۇز ساناپ،ئاي سەيلىسى قىلىشنى،سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك خوشال قىلىشنى نىيىتىمگە پۈتكەن شۇ دەقىقىدە بولسا،مەن شۇ رەھىمسىز،شۇم كېسەل تەرپىدىن ۋاقىتسىز يىقىلدىم،قايتا ئورنۇمدىن قوپالمىدىم،ھەتتا سىزگە تېلغۇن قىلىپمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلىۋالغۇدەك مادارىممۇ قالمىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەن بەكمۇ ئامالسىز قالدىم.مىنى كەچۈرۈڭ جېنىم نىگارە،مەن خۇددى ئاقار يۇلتۇزدەك،كۆڭۈل ئاسمىنىڭىزدا تېزلا غايىپ بولماقچىمەن،مەڭگۈلۈك ئۆچمەكچىمەن.
لىكىن شۇنى مەڭگۈ ئىسىڭىزدە ساقلاڭ،"مەن سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن" سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرسەم،ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم ياتالايمەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

تىرىك دىسەم تىرىكلىگىمدە مەنا يوق،
ئۆلەي دىسەم جان چىقمىسا ئامال يوق.
كۈندە تەشۋىش،كۈندە خىيال،كۈندە غەم،
دەتلىرىمنى ئاڭلىغۇدەك دانا يوق.

ئىز تورى بەك ياخشى

خەيىر نىگارە،
بۇ دۇنيادا مۇرادىمىزغا يىتەلمىسكەكمۇ،ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ مۇرادىمىزغا يىتەرمىز.
اللا بەختىڭىزنى بەرسۇن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                                       ئەسقەردىن." بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بىچچارە قىز،تەغدىرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان بۇ ئېچىنىشلىق چاقچىقىدىن ئەس-يادىنى،خۇدىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى،كاللىسى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قالدى،يىغىسى توختىمايتتى.
قىز ئاپپايغا ئەگىشىپ يىگىتنىڭ قەبرىسىگە باردى.ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ قەبرىنى چىڭ قۇچاقلىدى.توپىلىرىنى يۈزىگە سۈردى:"مەنمۇ كىيىن بېكەتتە سىزنى  كۆپ كۈتكەن ئەسقەر،ئەمما ئۇچۇرتالمىدىم،لېكىن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن.تېلغۇندا بىرە قېتىم بولسىمۇ،"نىگارە"دەپ مېنى چاقىرغان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىۋالغان بولساممۇ ھە...ئاھ خۇدا بۇ نىمە قىسمەت ئەمدى؟ئاشىقلارنى ئۆز ۋىسالىغا يەتكۈزمەي،مەڭگۈلۈك داغدا قويدۇڭمۇ؟يۈزۈڭىزنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈشمۇ ماڭا نىسىپ بولماپتۇ،مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟مەن بۇ دەرتلەرگە قانداقۇ چىدارمەن؟ئەسقەر،سىز نەدە؟ئۆتىنەي،يېنىمغا قايتىپ كىلىڭ،ئەسقەر..." ئىز تورى بەك ياخشى
قىزنىڭ يۈرەكنى ئىزىدىغان ئېچىنىشلىق نالىسى،يىغىسى ئاستا-ئاستا،جىمجىت تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كەتتى.
مەيىن شاماللار قىزنىڭ ياغلىقىنى،چاچلىرىنى ئۇچۇرماقتا،قىز بولسا يۇم-يۇم يىغلىغىنىچە،قەبرىنى چىڭ قۇچاقلىقىنىچە ياتماقتا...
تۇپراق بېشى تېخىمۇ سۈرلۈك،تېخىمۇ غېرىپ كۆرىنەتتى.بەلكىم يىگىتنىڭ روھىمۇ قىز بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقاندۇ...
ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ئىرىشكىنىگە قارىغاندا،ئىرىشەلمەيدىغان نەرسىللىرى كۆپ بولىدىكەن.
ۋىسالغا يىتەلمىگەن بۇ بىچچارىلەرنىڭ پىنھان مۇھەببىتى،مۇشۇنداق پاجىئە بىلەن ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سەھرادىكى كۈلكە ساداسى

    ھېكايە ئەركىن سابىر ئاكاملار كېلىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟، يۇرتقا بېرىپ ئانامدىن تۇنجى سورىغان گېپىم شۇ. نەچچە ئايدا ئاران بىر كېلىدۇ، لېكىن كېلىپلا قايتىدۇ، دېدى ئانام. نېمىشقا؟ بىرەر دەم ئولتۇرۇپ تاماق يەپمۇ ماڭمامدۇ؟ ۋاي، تاڭەي، خۇددى مەن زەھەر سېلىۋېتىدىغاندەك،...

  • قۇياشقا خىيانەت قىلىغۇچى

    ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە روسىئان (ئەنگلىيە) قۇياشقا خىيانەت قىلىنغان شۇ كۈنى مارتىن خامپتون پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇ گۈللۈكنىڭ بېشىدىكى لاپاسنىڭ ئىچىدە ئۇيانبۇيان ماڭاتتى. مارتىن چىقىشماق ئاسان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلىم پەندىن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق تېم...

  • كۆيۈمچان دادام

    بوۋىلىرىمىز (ئاتا دېگەن تاغ،ئانا دېگەن باغ)دەپ توغرا ئېيتىقان.ھەقىقەتەن ئاتا خۇددى گىگانىت تاغقا ئوخشايدۇ. ئۇ ئائىلىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. مېنىڭ دادام ئەللىك ياشىلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بويلۇق،قوڭۇر چاچلىق،قاڭشارلىق،كۆزلىرىدىن قەتىئي...

  • ئۆزىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەم

    ئاپتور:مۇھەممدئىمىن ئابدۇۋەلى ئاھ، ئېسىت ! سەي شەنجاڭ ئۆلۈپ كەتتى، 35 يىللىق كادىر، 30 يىللىق رەھبەر ئىدى، بۇ ئالەمدىن ئۆزى كەتتى، تۇپراقتىن ئىزى يۈتتى، جىسمىمۇ، ئىسمىمۇ تەڭلا يوقالدى. ۋا، دەرىخ! نېمە دېگۈلۈك، ئىنسانغا ئورتاق قىسمەت شۇ تۇرسا؟ رەھمەتلىك 50...

  • گۈل دېگەن كۆڭۈل

    ئەتە پۈتۈن دۇنيادىكى قىز-ئوغۇللار ئۈچۈن تولىمۇ خاسىيەتلىك، تولىمۇ خوشاللىق بىر كۈن، شۇنداقلا قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدىغان، قەلب سىرلىرىنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاشكارلايدىغان شۇنداق قۇتلۇق بىر كۈن، يەنىئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىكۈنى.لى...

  • پىنىھاندىكى پاجئەلىك سۆيگۈ

    ھاياتىمىزدا ھەرخىل ئۇچىرشىشلا بولۇپ تۇرىدۇ. بەزىللىرى بىزنىڭ خاتىرىمىزدىن تېزلا چىقىپ كەتسە،بەزىللىرى بىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك،ئۇنتۇلغۇسىز يالداما بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. يىگىت بىلەن قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىمۇ دەل شۇنداق تاساددىبىي ئۇچىرشىشدىن باشلانغان ئىدى... يى...

  • سەكراتتىكى بوۋاي

    (غوپۇرجان پەتتار) تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ...

  • خاسىيەتلىك تاش

    بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بەختى ئىسىمىلىك بىر بالا ئۆتكەنىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەي دادىسىمۇ ئېغىر كرسەلبۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ.جان ئۈزۈش ئالدىدا بەختىنى قېشىغا چاقىرىپ،ساندۇرقىنىڭ تېگىدىن ساقىدەك بىر تاشىنى ئېلىپ؛ -بالام،بۇ خاسىيەتل...

  • سەھرا بازىرىدىكى( ھىكايە)

    ئابدۇرەھمان ئەزىز ئوغلى بۇ سەھرا بازىرى دائىملا شۇنداق قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىسى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنى ئۇماچتەك پاتقاق ، ئۇپىدەك يۇمشاق توپىلىق كوچىلىرىغا جەلىپ قىپ تۇرىدۇ . بۇ بازارنىڭ كوچىلىرى پاراللېل كەتكەن ئۇزۇن ئۇزۇن كوچىلار بولۇپ ، ئادەملەر خۇدد...

  • ئەينەك

    سىنىپىمىزدا بىر نەچچە كەپسىز بالا بار ئىدى.ئۇلار تەنەپپۇستا بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايتتى ياكى توپ تېپىشەتتى.شۇڭا سىنىپىمىزىنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىمۇ پات-پات چېقىلىپ تۇراتتى.مۇئەللىم قىلىغاندىن سىرت،تۈزۈم بويىچە ئەينەكنى تۆلىتىپ جايىغا سالدۇرۇپ قوياتتى. بۈگ...

  • مانا بۇ-مېنىڭ دادام

    يازلىق تەتىلىدە تۇرتۇمغا قاراپ يول ئالدىم.پويىزنىڭ رىتمىلق ئاۋازى مېنى زېرىكتۇرۇپ قويغان چېغى،قۇلۇمدىكى سۈرەتكە تويماي قاراپ ئولتۇرۇپ بىچارە دادامنى ئەسلىمەكتىمەن.ئۇ تولىمۇ جاپاكەش ئادەم.قارا،تېخى تەر بېسىپ قارىداپ كەتكەن ئاق كۆڭۈللىكى بىلەنلا سۈرەتكە چۈش...

  • قىزغانچۇق كالا

    ناھايتى گۈزەل،كەڭرى بىر يايلاق بار ئىكەن.بۇ يەردە ھەر خىل ھايۋانلار ئوتلايدىكەن.بىراق،بۇلارنىڭ تولسى قىزغانچۇق بولغاچقا،بىر -بىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىكەن ،بىرىنى بىرى ھەرگىز يېنىغا كەلتۈرمەي،يىراق-يىراقلاردا تارقاق ئويلايدىكەن،بىرى ئاچ قېلىپ ئۆلسىمۇ،يەنە بى...

  • قارچىغا بالىسى

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • تۇخۇمدىكى ھەقىقەت

    باغ سەيلىسى قىزىغان مەزگىلدە بىرنەچچىمىز يىراق سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مىھمان بولدۇق،تاماق تەييار بولغىچە مىھماندۇست تۇققىنىمىز بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ دەستۇرخانغا قويدى. بىز تۇخۇمغا ئېغىز تىگىپ تۇرۇپلا بىر دۇستىمىزنىڭ جىمجىت ئ...

  • بۆرە خىسلىتى(تەنھا بۆرە)

    [كۈچلۈك روھىي ھالەت] كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى قۇل قىلىدۇ، يۇقىتىدۇ. بۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. بۆرە كۈچلۈك، قوي ئاجىز. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇڭا بۆرە قوينى يەيدۇ. تىمەن ۋە تەمبەل مايمۇن مايمۇنلار دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ....