بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بەختى ئىسىمىلىك بىر بالا ئۆتكەنىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەي دادىسىمۇ ئېغىر كرسەلبۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ.جان ئۈزۈش ئالدىدا بەختىنى قېشىغا چاقىرىپ،ساندۇرقىنىڭ تېگىدىن ساقىدەك بىر تاشىنى ئېلىپ؛
-بالام،بۇ خاسىيەتلىك تاش،مەندىن ساڭا قالىدىغان مىراس مۇشۇ.مەن بەگىنىڭ ئېتىزىدا ئىشىلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇسىساپ كېتىپ سۇ ئىچىكىلى بۇلاققا باردىم.قارىسام بۇلاقتا بىر نىمجان بېلىق لەيلەپ يۈرۈپتىكەن،بېلىققا ئىچىم ئاغىرىپ،ھەر كۈنى نان تاشلاپ بىرىپ،بېلىقىنى ساقايتىقانىدىم.بۇ تاشنى ئەنە شۇ بېلىق ماڭا بۇلاقنىڭ تېگىدىن ئاچىقىپ بەرگەن.بېلىق تاشىنى بېرۋېتىپ؛(سەن ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلىدىڭ،ياخشىلىققا ياخشىلىق،بۇ تاشنى ئال،ئېسىڭىدە چىڭ ساقلا،بۇ 77خىل دورىدىن ياسالغان تاش،جېنى تېنىدىن چىقىمىغان ھەر قانداق كېسەلگە مۇشۇ تاش چايقالغان سۇ ئىچۈرۈلسە،كېسەل سەللىمازا ساقىيىدۇ)دىگەنىدى.مەن بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ئەمدى ئېسىمگە كەلدى.ئۆزۈمگە ئىشلەتمەيمەن،چۈنكى ساقيىپ يەنە بەگىنىڭ زۇلىمىنى،يوقسۇزلۇقىنىڭ دەردىنى تارتىشىنى خالىمايمەن،-دەپتۇ-دە، تاشىنى بەختىكە بىرىپ جان ئۈزۈپتۇ.بەختىنى بايلارنىڭ زۇلمىنى كۆپ كۆرگەچكە،كەمبەغەل-يوقسۇللارغا جانكۆييەر يىگىت بۇلۇپ ئۆسۈپتۇ.كەمبەغەللەردىن كىم-ئاغرىپ قالسا،ھېچقانداق ھەق ئالماي ئۇلارنى خاسىيەتلىك تاش بىلەن ساقايتىپ قويدىكەن.كەمبەغەللەرمۇ بەختىنى ناھايىتى ياخشى كۆردىكەن .ئۇنىڭىدىن خەۋەر تاپقان باگ تاشىنى قولغا كىرگۈزۈشىنىڭ كويغا چۈشۈپتۇ، بەگنىڭ قارا نىيىتىنى بىلىگەن بەختى باشقا يۇرۇتقا باش ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.چۆللەرنى بېسىپ،دەريالارنى كېچىپتۇ.شۇنداق مېڭىپ كېتىۋېتىپ،يولدا يېرىمجان بۇلۇپ ياتقان بىر چاشقاننى كۆرۈپتۇ ۋە؛-(بۇمۇ خۇدانىڭ بىر مەخلۇقى،ساقايتىپ قوياي)دەپ ئويلاپ،بېلىدىكى قاپقىدىن سۇ ئېلىپ تاشنى چايقاپ چاشقانغا ئىچۈرگەنىكەن ئۆلەر ھالدا ياتقان چاشقان شۇ ھامان سىلىكىنىپ قوپۇپ بىر ئايلىنىپتۇ ۋە زۇۋانغا كىرىپ؛ ئىز تورى بەك ياخشى
ئوزۇن ئىزدەپ يۈرگىنىمىدە بىر ھارۋا،
بېسىپ كېتىپ مېنى قويدى بۇ ھالغا.
قۇتۇلدۇردۇڭ يىگىت مېنى قويدى بۇ ئۆلۈمدىن،
نېمە كېرەك ساڭا ئېيىتىن كۆڭلۈڭدىن؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
كېرەك ئەمەس سەندىن ماڭا ھېچنېمە،
كەت ئۇۋاڭغا،مېڭىدىن سەن غەم يېمە. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
دەپ يولىغا مېڭىپتۇ، ئەمما، چاشقان بەخىتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ؛ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كېتىپ بارسام ئات دەسىسىدى بېلمىدىن،
بەك قىينالدىم جېنىم چىقماي تېنىمىدىن.
كېلىپ ئۆلەي دېگىنىمىدە جان بەردىڭ،
تارتىنىغىن نېە كېرەك مېنىڭىدىن ؟
دەپ بىر تال تۈكىنى بەختىگە بېرىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
بەختى تۈكنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ.يەنە خېلى كۆپ يوللارنى باسقاندىن كېيىن،ئالدىدا تولغىنىپ ياتقان بىر نىمجان يىلان ئۇچراپتۇ.بەختى (بۇمۇ خۇدانىڭ بىر جانۋارى)دەپ.ئۇنڭىغا خاسىيەتلىك تاشىنىڭ سۈيىدىن ئىچۈرپتۇ،ھايال ئۆتمەي يىلانمۇ سەللىمازا ساقىيىپتۇ-دە،قۇيرۇقى بىلەن تىك كۆتۈرلۈپ،بەخىتكە قاراپ مۇنداق دەپتۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كېتىپ بارسام ئات دەسىسىدى بېلىمىدىن،
بەك قىيىنالدىم جېنىم چىقىماي تېنىدىن.
كېلىپ ئۆلەي دېگىنىمىدە جان بەردىڭ،
تارتىنىمىغىن نېمە كېرەك مېنىڭىدىن؟
بەختى يىلانغا قاراپ؛
سورىمايمەن يىلان سەندىن ھېچنېمە،
خوش قال ئەمدى،سەن مېنىڭىدىن غەم يېمە.
دەپ مېڭىپتۇ،بەخترى ئىككى چامدان ماڭمايلا،يىلان بەختىنىڭ ئالدىنى توسۇپ؛ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سورىساڭ ھېچ نەرسىنى مېنىڭىدىن،
بىردەم توختا،ساڭا بېرەي تىلىمىدىن.
ئېغىر كۈنلەر چۈشەر بولسا بېشىڭىغا،
كۆيدۈر تىلىنى،مەن بارىمەن قېشىڭىغا. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
دەپ تىلىنى ئۈزۈپ بەختىگە بېرىپ كېتىپتۇ.بەختى بۇنىمۇ پوتىسىغا تۈگۈپ يولىنى داۋام قىپتۇ.
بەختى يەنە مەنزىل ئېشىپ كېتىپ بارسا،بىر نەرسىنىڭ (غوڭ-غوڭ)قىلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ،ئەمما ئۆزى كۆرۈنمىگۈدەك،شۇنداق قارىسا،قاناتسىز بىر ھەرە ئۇچالمايدىغان پىرقىراپ ياتقۇدەك.بەختى ھەرىگىمۇ خاسىيەتلىك تاشىنىڭ سۈينى ئىچۈرۈپتۇ،ھەرە بىردەمدىلا قانات چىقىرىپ،بەختىنىڭ بېشىدىن نەچچە ئايلىنىپ ئۇچۇپرۇ-دە،شۇنداق دەپتۇ؛ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قامچا تېگىپ ئايرىلىغاچقا قاناتتىن،
پەرۋاز قىلىپ ئۇچالماستىن ياتاتتىم.
قانات بېرىپ قۇتۇلدۇردۇڭ ئازابتىن،
تارتىنىمىغىن نېمە كېرەك ئېيىت مەندىن؟ ئىز تورى www.iz.la
بەختى ھەرىگە قاراپ؛ www.iz.la
كېرەك ئەمەس سەندىن ماڭا ھېچنېمە،
گۈل تېرىپ يەپ،ئەلگە ھەسەن بېرىۋەر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دەپ ئۆز يولىغا مېڭىپتۇ.ئەمما ھەرە بېشىدا غوڭۇلداپ بىللىلا ئۇچۇپ كېلىۋاتقۇدەك.بەختى توختاپتۇ.شۇ چاغدا ھەرە؛ ئىز تورى بەك ياخشى
توختاپ تۇرغىن سەۋر قىلىپ ئادەمزات،
ھېچبولمىسا يۇلۇپ بېرەي بىر قانات.
ئېغىر كۈنلەر چۈشەر بولسا بېشىڭىغا،
شۇنى كۆيدۈر،مەن بارىمەن قېشىڭىغا. ئىز تورى www.iz.la
دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
بەختى يەنە ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.بىر جەزىرە كېتىپ بارسا،ئۆزى قۇراملىق بىر يىگىت يول ئۈستىەدە ئىڭىراپ،(ئاھ)چېكىپ ياتقۇدەك،ئاغرىق ئازابىدىن رەڭگى سارغىيىپ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،كالپۇكلىرى گەز باغلاپ كېتىپتۇدەك.بۇنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېچشىقان بەختى دەرھال تاشنى چايقاپ سۈينى يىگىتىكە ئىچۈرگەنىكەن،يىگىت ساللىمازا ساقىيىپتۇ ۋە بەختىكە كۆپ رەھمەت ئېيىتىپتۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-بۇرادەر،مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردۇڭ،-دەپتۇ يىگىت،-بۇ خالىس ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ئۆمۈرۋايەت قۇل بولىمەن.
-مەن ئاتا-ئانىسىز بىر يېتىم-مۇساپىرمەن، باشقىلارنى قۇل قىلىشىنى خالىمايمەن،ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ،ئۆمۈرلۈك دوسىت بولايلى.
بەختىنىڭ بۇ تەكلىپى يىگىتىكىمۇ يېقىپتۇ.ئىككى دوسىت بۇلۇپ يولغا چۈشۈپتۇ،تاپىقىننى تەڭ يەپ،تاغ-داۋان،چۆل-خەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆسۈپ،بىر چوڭ شەھەرگە كەپتۇ.بۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ بىر قىزى بۇلۇپ، 15يىلىدىن بېرى ئېغىر كېسەل ئىكەن.پادىشاھ قىزىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن،ئۇنىڭ قىلمىغان ئامالى،كۆرسەتمىگەن تېۋىپى قالماپتۇ،قىز ساقايماپتۇ.ئاخىر پادىشاھ (ئەگەر كىمىدە-كىم قىزىمىنى ساقايتىسا، شۇ كىشىگە قىزىمىنى ھەم پادىشاھلىقىىمنى بېرىمەن)دەپ ئۆزىنىڭ باشقۇرشىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە جاكار قىپتۇ،لېكىن بۇ كېسەلگە داۋا تاپىدىغان كىشى تېخىچە تېپىلىماپتۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ھېلىقى يىگىتىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ-دە، بەختىنىڭ خاسىيەتلىك تېشىنى ئوغۇرلاپ توپتوغرا ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا ؛
-قىزىڭىزنى مەن ساقايتىمەن،-دەپتۇ.
پادىشاھ خۇشاللىقىدىن قىن-قېنىغا پاتماي يىگىتىنى قىزىنىڭ ھوجرسىغا باشلاپ كىرىپتۇ.يىگىت خاسىيەتلىك تاشنى چايقاپ سۈينى قىزىنىڭ ئاغزىغا تېمىتقانىكەن ،قىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ.ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بەختى ناھايىتى غەزەپلىنىپتۇ ،بىراق ھېلىقى ساختىپەز دوستى پادىشاھقا كۈيئوغۇل بۇلۇش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇنىڭىغا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن ؟!بۇنى ئويلاپ بەختىنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا ،بىردىنىلا يولدىكى چاشقان،يىلان،ھەرىلەرنىڭ بەرگەن سوۋغىلىرى ئېسىگە چۈشۈپ،بەختىدە ئۈمىد پەيدا بوپتۇ.بەختى چاشقاننىڭ تۈكىنى كۆيدۈرگەنىكەن، ھايال ئۆتمەي چاشقان، بەختى بېشىدىن ئۆتكەننى ئېيىتىپ بېرىپتۇ.چاشقان ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كىيىن ؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-تاڭ ئاتقاندا تاش قولۇڭدا بولىدۇ،-دەپ چىقىپ كېتىپتۇ.
بەختى تاش قولۇمغا كىرىسىلا يەنە بىر ئامال قىلىمەن ،دەپ ئويلاپتۇ، بىر چاغدا ئۆيدە ۋىچىرلىغان ئاۋاز پەيدا بوپتۇ-دە، چاشقان بەختىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاغزىدىن تاشىنى چىقىرىپ،خوشلىشىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
بەختى يىلاننىڭ تىلىنى كۆيدۈرگەنىكەن،دەرھال يىلان پەيدا بوپتۇ بەختىگە؛ساڭا قانداق ياردىمىم كېرەك؟-دەپتۇ.بەختى بولغان ئەھۋالنى ئېيىپتۇ.يىلان بىر ئاز ئويلىنىپ؛
-سەن پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئالىسەن،پادىشاھمۇ بولسەن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تاشىنى ئېلىپ قاچقان قاراقچىنى زەھىرىم بىلەن چېقىپ ئۆلتۈرىمەن، ئاندىن كىيىن پادىشاھىنىڭ قىزىنى چاقىمەن.بۇنى سېنىڭ قولۇڭدىكى خاسىيەتلىك تاشتىن باشقا ھېچ نەرسە ساقايتالمايدۇ،-دەپتۇ.
بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتە-ئۆتمەيلا پۈتۈن شەھەردە(پادىشاھقا كۈيئول بولىدىغان يىگىت ئۆلۈپ، پادىشاھىنىڭ قىزى يەنە بۇرۇنقى كېسەل ھالىغا كېلىپ قاپتۇ)دېگەن سۆز تارقىلىپتۇ.
ئەتىسى جاكارچىلار يەنە كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ، پادىشاھىنڭ پەرماننى ئاڭلىتىپتۇ. ئۈچۈنىچى كۈنى بەختى ئوردىغا بېرىپ،پادىشاھقا قىزنى ساقايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.پادىشاھ بەختىنى قىزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزۈپتۇ،بەختى قىزىنى ساقاپتىپتۇ.قىز بۇ كېلىشىكەن،زېرەك يىگىتنى كۆرۈپ ئاشىق بۇلۇپ قاپتۇ،بەختىڭىمۇ قىزغا كڭلى چۈشۈپ قاپتۇ.ئۇلار سىردىشىپ-مۇڭدىشىپ،خۇشال-خۇرام پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.بىراق ،پادىشاھىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرى ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بەختىنىڭ كەمبەغەللىكىنى باھانە قىلىپ،پادىشاھنى ۋەدىسىدىن قايتۇماقچى بوپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن باشتىكى پىكىرىدىن يېنىپ،بەختىگە نۇرغۇن مال-دۇنيا بەرمەكچى بوپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان بەختى،مەلىكە ۋە شەھەر خەلىقى پادىشاھقا قاتتىق نارازى بوپتۇ.پادىشاھ بىلەن ۋەزىر-ۋۇزۇرالار خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلاپ ئەندىشكە چۈشۈپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېڭىشىپ؛
copyright by www.iz.la
-بۇ يىگىتىنىڭ تېۋىپلىقىتا تەڭدىشى يوق ئىكەن،بىراق يۇرت سورىغۇدەك ئەقلى بار-يوقلۇقىنى سىنايمىز؛ئات ۋە ھەممە جابدۇق-سايمانلىرى ئوخشاش بولغان 40مەپىنى يىگىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزىمىز.يىگىت مەلىكىنىڭ قايسى مەپىدە ئىكەنلىكىنى تاپالىسا،بۇرۇنقى شەرىتنى ئادا قىلايلى،-ژدەپتۇ.
بەختى پادىشاھتىن پۈتۈن شەھەر خەلقى ئالدىدا ۋەدە ئېلىپ، بۇ شەرتنى قوبۇل قىپتۇ.ھەرىنىڭ قانىتىنى كۆيدۈرگەنىكەن،شۇ ھامان ھەرە كېلىپ بەختىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ،ھەرە بەختىدىن ئەھۋال ئۇقۇپ؛
بۇ چاغدا جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ بىر-بىرىگە ئوپمۇئوخشاش 40مەپە كېلىۋاتقۇدەك.بەختى كۆزىنى ئوبدان ئۇۋۇلىۋېتىپ،مەپىلەرگە قېتىلىغان ئاتلارغا زەن قۇيۇپ قاراپتۇ.بىر مەپە ئۆتۈپتۇ،ھەرە كۆرۈنمەپتۇ،20-30مەپىمۇ ئۆتۈپتۇ بوپتۇ،بەختى جىم تۇرغۇدەك.
مەيدانغا يىغىلىغان خەلقىلەر ھاياجانغا چۈشۈپتۇ،بەختىمۇ ئەندىشا قىلىشىقا باشلاپتۇ.38-مەپىمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.39-مەپە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندە، بەختى ئاتنىڭ بېشىدا مەپىنىڭ ئىچىدە مەلىكە ئولتۇرغۇدەك،بەختى مەپىنى ئۇدۇل ئوردىغا قاراپ ھەيدەپتۇ.مەيدانغا يىغىلىغان خەلقمۇ مەپىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ.پادىشاھ پۈتۈن خەلق ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىدىن يانالماي تەختتىن چۈشۈپ،بەختىگە پادىشاھلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.بەختى 40كېچە-كۈندۈز توي قىلىپ مەلىكىنى ئاپتۇ ۋە ئادالەت بىلەن يۇرىت سوراپتۇ
ئىز تورى بەك ياخشى