بۆرە خىسلىتى(تەنھا بۆرە)

ۋاقتى:2011-04-24 11:33مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

                                                             [كۈچلۈك روھىي ھالەت] بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى قۇل قىلىدۇ، يۇقىتىدۇ.» بۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. بۆرە كۈچلۈك، قوي ئاجىز. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇڭا بۆرە قوينى يەيدۇ. تىمەن ۋە تەمبەل مايمۇن مايمۇنلار دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاجىز، ۋىجىك مايمۇنلار بولسا، ھۆكۈمراننىڭ ئايىغى ئاسىتىدا پايپېتەك بولىدۇ. ئىنسانلار گەرچە ھايۋانلارنىڭ سەرخىلى سانالسىمۇ، لېكىن جانلىقلار دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇق پرىنسىپىدىن خالىي بۇلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ناھايتى روشەن پەرقلىنىدۇ. ئايرىم شەخسلەر نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار تېنى كۈچلۈكلەر، تېنى ئاجىزلار، ئەقىللىقلەر ۋە ئەقىلسىزلەر دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، كۈچلۈكلەر زادى قانداق بولىدۇ؟ ھەقىقي كۈچلۈكلەر، كۈچلۈكلەرگە خاس روھىي ھالەتتىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كۈچلۈكلەرگە خاس روھىي ھالەت دېگىنىمىزدە، قانداقتۇر ئاكاڭ قارىغاي جاھاندا بىر دەپ قاراپ رەقىپى ياكى دوستلىرى ئالدىدا ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ھەتتا باشقىلارغا قىر كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ھولۇقۇپ پايپېتەك بولۇپ كەتمەي جەسۇرلۇق كۆرسىتىپ، نىشانغا يەتمىگۈچە بەل قۇيۇۋەتمەسلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ جەمىئىيەتتە ئالىدىغان رۇلى ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىمۇ بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. كۈچلۈكلەرگە خاس روھىي ھالەتنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق: بىرىنچى، ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارەت. بۆرىدە دەل مۇشۇنداق جاسارەت بار. چۈنكى ئۇ، كۆزى چۈشكەن ئوۋنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. يەنى مۇۋەپپىقىيەت پۇرسىتى گەرچە ئوندىن بىر ئۈلۈش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆز تىككەن ئوۋغا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئىككىنچى، ئۆزىگە خاس ماكان قۇرۇش، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھى. بۆرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىدۇ. بۆرە ئۆزى ھايات كەچۈرىدىغان ماكاننى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جەسۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدۇ. رەقىبى گەرچە ئۆزىدىن كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رەقىبىنىڭ قولىدا قىيما-چىيما بولۇپ كىتىشىدىن قىلچە ۋايىم يېمەيدۇ. ياپۇنىيە كىچىككىنە ئارال دۆلىتى. يەر مەيدانى، تەبئىي بايلىقلىرى جەھەتتە نۇرغۇن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نامراتلىق ۋە قالاقلىق ئىچىدە ئۆتىشى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىشلاردىن ئىدى. بىراق، ياپۇنىيلىكلەر كۈچلۈكلەرگە خاس روھىي ھالەتتە ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقتىكى ئەبگا ئەللەردىن بولۇپ قېلىشقا تەن بەرمەي، كۈچلۈكلەرگە خاس كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتەك جاسارىتىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئادەملەر ۋە دۆلەتلەر چوڭ ياكى كىچىكلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىدىلا پەرق قىلىدۇ. ئۈچىنچى، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرمەي ئۆزى ھەل قىلىش. بىزنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز «قوي مەدەنىيتى» ئەمەس بەلكى «بۆرە مەدەنىيتى»دۇر. چۈنكى بۆرەقىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە تايانمايدۇ، بەلكى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. بىز شۇنداق ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز: ئۇلار ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيتىنى باشقىلاردىن كۆرۈپ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا باشقىلار كاشىلا قىلدى، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ھەتتا ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئۇنىڭغا مۇۋەپپىقىيەت پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئاغرىنىدۇ. بەزىلەر ھەتتا ئەسەبىيلىشىپ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ، ئۆزىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا يەنە جەمئىيەتتە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ۋاھالەنكى كۈچلۈكلەر ئەزەلدىن باشقىلاردىن ئاغرىنمايدۇ. ئۇلار باشقىلاردىن ئاغرىنىشىمنىڭ ئورنى يوق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا رېئاللىققا مەردانە يۈزلىنىپ، ئۆز غايىسىنى ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھەرگىزمۇ كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ. باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە تايانمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئۈن-تىنسىز تىرىشچانلىق كۆرىسىتىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدىغانلىقى ۋە ئۆز ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغان ئادەمنىڭ ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تۆتىنچى، ئەيپنى باشقىلارغا ئەمەس ئۆزىدە قويۇش، باھانە كۆرسەتمەسلىك. كۈچلۈكلەردە قورساق كۆپۈكى بولمايدۇ. ئۇلار باشقىلارغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئۇچۇق-يۇرۇق ئېيتالايدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، باشقىلارنى سېسىتىدىغان، چۈشۈرىدىغان ئىشلاردىن ئەسلا مۇستەسنا ياشايدۇ. كۈچلۈكلەر ھېچكىمدىن ئاغرىمايدۇ. كۈچلۈكلەرگە خاس روھىي ھالەتىكىلەر مەغلۇپ بولۇپ كەتسىمۇ، رەقىبىگە قورسىقىدا غۇم ساقلىماي، سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن ئىزدەپ، ئىشنى ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشتىن باشلايدۇ. ھەمدە رەقىبىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىدىكى يېتەرسزلىكلەرنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، كېيىنكى ئېلىشىش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. بىراق، ئاجىزلارغا خاس روھىي ھالەتتىكىلەر ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان رەقىبىنى «ئۇنداق ئەخلاقسىز، مۇنداق پەس» دەپ ھاقارەتلەپ، ئۇنى جاھاندا بىر رەزىل ئادەمگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كۈچلۈكلەر ئۆزىگە، ئاجىزلار باشقىلارغا تايىنىدۇ. مەغلۇبىيەتتىن كېيىن كۈچلۈكلەر ئەيىبىنى پەقەت ئۆزىدىلا قويىدۇ. لېكىن ئاجىزلار بولسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن باھانە –سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەشىنچى، كۈچلۈكلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن تىرىشىش. دۇنيا، «بەرگەن كۈنۈڭگە شۈكرى» دەپ ئۆتىدىغان ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ سەھنىسى ئەمەس. ھاياتلىك چىرىغىنىڭ نۇرلىرى سەرخىللار ۋە غالىپلارنى يۇرۇتىدۇ. پەقەت ئادەتتىكى كىشىلەرلا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىنىگە قانائەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا سەۋەپ ئىزدەيدۇ؛ ھەمىشە گۇيا «تارىخشۇناسلار»دەك ھەرقانداق نەرسىنى قالاق ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرىدۇ. ئۇلار ھەمىشە «ھازىرقى كۈنىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى، تۇرۇۋاتقان جايىمىز باشقا قالاق، نامرات يەرلەرگە قارىغاندا مىڭ ئەلا» دېگەندەك گەپلەرگە ئامراق كېلىدۇ. ئادەتتكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكىچە ھوقۇقى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، لېكىن ئۇنداقلارنىڭ ساداسى ھاياتلىق سەھنىسىدىكى ئاساسى مېلودىيىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ دۇنيادا كۈچلۈكلەر مەيدانغا چىقمىسا، ئاجىزلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ھەقىقى قەھرىمان چىقمىسا، كىشىلەر قەھرىمانلارنى سۈنئىي يارىتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرگە خاس«قانائەتچانلىق» مەدەنىيتى ئادەمنى ھامان ھالاكەتكە باشلايدۇ. بىز دەل ئاشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتىمىز. مەسىلەن ئالايلى، مەلۇم بىر خىل ماھارەتتىكى مەغلۇبىيەت، مەلۇم بىر ئايرىمىلىققا تەۋە مەغلۇبىيەت بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇنداق مەسىلىلەر كەسكىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلماي ئۇنىڭغا باشتىن-ئاياغ سەل قارالسا، ئۇنداق مەغلۇبىيەتلىك تەقدىر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، مەغلۇبىيەت زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، ناچار شەيئىلەر ۋە ناچار ئادەملەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەسلىكىمز لازىم. بۇ گەرچە «ناھايتى قىيىن» بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھەرگىز مادار قىلماسلىقىمىز شەرت. قۇرۇپ كەتسۇن! «چۈشىنىش!» چۈنكى بىزگە كېرىكى بۆسۈش، ھەقىقىي تالانت، تىرىشچانلىق، غەلىبە ۋە ئاشۇ غەلىبىگە بولغان ئوتتەك ئىنتىلىش. ئالتىنچى، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش، «بېلىق تۇتۇش» نى ئۆگىنىش. كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن مۇۋەپپىقىيەت ئىمكانىيتى يارىتىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار پۇرسەتنىڭ ھامان ئالدىن تەييارلانغان كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. كۈچلۈكلەر «بېلىق تۇتۇش» نى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كامالىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق بوشلۇق ھاسىل قىلىشقا تەشنا كىشىدۇر. شۇڭا ئۇلار ئۆز ھالىدىن مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. بىراق، ئاجىزلارنىڭ ئىنتىلىدىغىنى-مۇقىم خىزمەت شارائىتى، جان ساقلىغۇدەك تاپاۋەت ۋە ئارامخۇدا تۇمۇش. ئەمما شۇنى بىلىش زۆرۈركى، تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ «سەرخىللارنى تاللاپ، ناچارلارنى شاللاش، ماسلىشىشچانلارنى ساقلاپ قېلىش» پرېنسىپىدىنئسقىلچە تايمايدۇ.

www.iz.la

[بۆرە خىسلىتى ناملىق كىتابتىن ئىلىندى . ھۇد ئېيىنىڭ 5-كۈنى ]

ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
92.3%
ناچار
(1)
7.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...