بىر يىلى قىشتا ناھايتى قاتتىق جۇت بۇلۇپ، چارۋامال يېگۈدەك ھېچ نەرسە بوۋاي ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلىغا ئوغلىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىنى ھەمراھ قىلىپ،يىلقىلارنىڭ دېرىكىنى ئېلىشىقا يولغا ساپتۇ.يىگىت دوستى بىلەن يىلقىلارنى خېلى ئۇزۇن ئىزدەپتۇ لېكىن تاپالماپتۇ.ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول يېنىشىقا كۆڭلى ئۇنمىغان يىگىت ئېگىز بىر تاغىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپتۇ،قارىسا ئۇ يەرچە ئوت-چۆپلەر ناھايتى قۇيۇق ئۆسكەن بۇلۇپ ،دۈمبىسىدە تۇخۇم توختىغىدەك سانسىز يىلقىلار قۇلۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوتلاپ يۈرگىدەك.دەل شۇ چاغدا بىر بۆرە پەيدا بۇلۇپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىقىنىچە بىرلا سەكىرەپ بىر قۇلۇننى چىشىلەپ ئېلىپ قېچىپتۇ.يىگىت بۆرىنى قوغلاپ بىر چاغدا بۆرىگە يېتىشىۋاپتۇ ۋە بۆرىنى ئۇرماقچى بۇلۇپ تايقىنى كۆتۈرگەنىگە، بۆرە يىگىتىكە قاراپ خۇددى ئادەمگە ئوخشاش؛ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-مېنى ئۇرما!-دەپ ۋارقىراپتۇ.
يىگىت كۈتۈلمىگەن بۇ ھادىسىدىن ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، بۆرە بولسا ئۆز يولىغا كېتىۋېرىپىتۇ. شۇ چاغدىلا يىگىتىنىڭ دوستى ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ.
-بۆرىنى نېمىشىقا ئۇرۇپ يېقىتىمىدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.-ئۇ خۇددى ئادەمگە ئوخشاش زۇۋانغا كېلىپ،ئۆزىنى ئۇرماسلىقىنى ئېيىتىپ يالۋۇردى،-دەپتۇ يىگىت.
-نەدىكى گەپلەرنى قىلىسەن،بۆرىنىڭ ئادەمگە ئوخشاش سۆزلىگىننى كىم ئاڭلاپتىكەن؟-دەپتۇ دوستى.
ئۇلار يەنە بۆرىنى قوغلاپ مېڭىپىتۇ، ئېتى ھېرىپ قالغان دوسىتى خېلى ئارقىدا قاپتۇ،يىگىت بولسا بۆرىگە يېتىشىپ بۆرىنى ئۇراي دەپ تايقىنى كۆتۈرۈپتىكەن،بۆرە يەنە؛ copyright by www.iz.la
-مېنى ئۆلتۈرۈش نېيىتىڭىدىن يانغىن . مەن ساڭا چىرايلىق، ساھىبجامال كىچىك سىڭىلىمىنى بېرەي، بۇ دۇنيادا سېنى بارلىق مۇراد-مەقسىتىڭىگە يەتكۈزەي!-دەپ يېلىنىپتۇ.
يىگىت يەنە ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇپتۇ. دوستى يېتىپ كېلىپ؛
-نېمىشىقا بۆرىنى ئۆلتۈرمەيسەن؟ ئەگەر ئۆلتۈرگۈڭ كەلمىسە ئاتتىن چۈش، مەن بۇ ئاتنى مىنىپ بۆرىنى قوغلاپ تېرىسىنى سشىلىپ كېلەي،-دەپ كايىپتۇ.
-بۇ قېتىم بۆرىنى چۇقۇم ئۆلتۈرىمەن،-دەپتۇ يىگىت،
يىگىت بۆرىنى يەنە قوغلاپ مېڭىپتۇ. قوغلا-قوغلا بىر چاغدا بۆرىگە يېتىشىپتۇ.
بۆرە كەينىگە قاراپتۇ ۋە؛
-ھەي ئادەمزات، كەينىمىدىن قورقماي ماڭ.مەن ساڭا چىرايلىق ئەقىللىق سىڭىلىمىنى بېرىمەن، ئۆلگۈچە سېنىڭ خىزمىتىڭىنى قىلىمەن،- يىگىت دوستى يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭىغا؛ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-سەن ئۆيگە قايتىپ كەتكىن، مەن بېشىمىغا كەلگىننى كۆرۈپ تەۋەككۈل دەرياسىغا ئۆزۈمىنى ئېتىپ باقاي. ئانام ھەرگىز غەم قىلىمسۇن ، مەن چۇقۇم قايتىپ بارىمەن،-دەپ بوغلان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرپتۇ.يېگىتىنىڭ دوستى؛
-ھەي دوستۇم، سەن ئەقلىڭىدىن ئازدىڭمۇ؟ ئىنىسان بالىسىنىڭ بۆرىدىن خوتۇن ئالغانلىقىنى نەدە كۆرۈۋىدىڭ؟-دەپ ھەيران قاپتۇ.
-مەن بۇ ئىشىتا پىشانەمگە پۈكۈلىگەننى كۆرەي، ئاتامغا مېنى بىر ئايدا كېلىدۇ، دەپ قويارسەن،-دەپتۇ يىگىت.
شۇنىڭ بىلەن يىگىتىنىڭ دوستى كەينىگە يېنىپ قايتىپ كېتپتۇ. يىگىت بۆرىگە ئەگىشىپ يولغا راۋان بوپتۇ.ئۇلار تاغۇ تاشلاردىن ئېشىپتۇ، دەريالارنى كېچىپىتۇ، ئاخىر بىر يەرگە كەلگەندە بۆرە بىر دۆڭنى ئايلىنىپ ئۆتۈپتۇ-دە، يوغان بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ئIكۈردىن بىر سېرىق چىشى بۆرە چىقىپ يىگىتنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ، ئۆڭكۈرگە باشلاپ كىرىپتۇ.
يىگىت بىرىنچى ئىندا بۆرە بالىلىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. بۆرە بالىلىرى يىگىتىنى كۆرۈپ خىرىس قىىلپ ئېتىلىغانىكەن. سېرىق بۆرە ئۇلارغا قاراپ خىرقىراپ بىر نېمە دەپتۇ،بۆرە كۈچۈكلىرى دەرھال جىمىپ قاپتۇ. ئىككىنىچى ئىنىدا كۆك ياللىق قېتى بىر ئەركەك بۆرە بىلەن كۈل رەڭ قېرى چىشى بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ يىگىتنى توسۇپتۇ.
-بۇ قىزىڭلارنىڭ لايىقى، بىزنى قىشتىن سالامەت چىقارغان مۇشۇ يىگىتىنىڭ ئاتلىرى ئىدى.-دەپتۇ سېرىق بۆرە.
قېرى بۆرىلەر ئۈنچىقىماسلىتىن كەينىگە يېنىشىپتۇ، سېرىق بۆرە يىگىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچىنىچى ئىنىغا كىرىپتۇ. بۇ يەردە ھەر خىل يېمەك-ئىچىمەكلەر تەييار تۇرغۇدەك. سېرىق بۆرە؛ ئىز تورى www.iz.la
-قېنى،مەرھەمەت، قورسىقىڭىمۇ ئاچقاندۇ. بۇلاردىن خالىغانچە يېگىن!-دەپتۇ يىگىتىكە.
كەچقۇرۇنلۇقى سېرىق بۆرە چىرايلىق بىر ئاق چىشى بۆرىنى باشلاپ كىرىپتۇ ۋە يىگتىكە قاراپ؛
-مانا بۇ سېنىڭ لايىقىڭ،-دەپلا چىقىپ كېتىپتۇ. ئاق بۆرە دەرھال ئۈستىدىكى بۆرە تېرىسىنى يېشىپ تاشلىغانىكەن، ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار. شۇنداق چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىپتۇ ۋە يىگىتكە تەبەسسۇم بىلەن نەزەر ساپتۇ. سۇ كۈنىدىن باشلاپ بۆرە قىز ھەر كۈنى يىگىتىنىڭ يېنىغا كىرىپ تېرىسىنى يېشىپ تاشلاپ قىزغا ئايلىنىدىكەن، ئىككسى كۆڭۈل ئېچىشدىكەن، مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى تېتىشىدىكەن ئەتىگەنلىكى قىز يەنە بۆرىگە ئايلىنىپ بۆرىلەر بىلەن بىللە نەلەرگىدۇر كېتىدىكەن، مۇشۇ يۇسۇندا بىر ئاي بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، يىگىتىنىڭ ئۆز ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتى بوپتۇ.ئانا بۆرە يىگىت بىلەن بۆرە قىزنى ئۇزاتقاندا، كىچىككىنە بىر بىلەي تاشىنى يىگىتىكە بېرىپتۇ ۋە؛
copyright by www.iz.la
-بۇ بىلەي تاشىنى يېنىڭىدىن ئايرىما، بېشىڭىغا كۈن چۈشىسە يەرگە تاشلاپ دەسىسەپ تۇرۇپ تىلىكىنى ئىزھار قىلىساڭ، خالىغان نەرسەڭ تەييار بولىدۇ. خوتۇڭىنىڭ بۆرە تېرسىنى 40كۈن ئۆتمەي تۇرۇپ تاشلىۋەتمە، بولمىسا ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋالىسەن،-دەپ ئاگاھلاندۇرۇرپتۇ،
يىگىت ئاق بۆرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار كەچقۇرۇنلۇقى بىر قونالغۇغا كەپتۇ، يىگىت ھېلىقى تاشىنى يەرگە تاشلاپ دەسىسىگەنىكەن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر ئاق ئۆي پەيدا بوپتۇ،ئىچىگە كىرىسە تۈرلۈك-تۈمەن تائاملار تەييار تۇغۇدەك،ئۇلار غىزالاردىن تويغۇچە يەپ، ئۇيقۇسىنى قانغۇچە ئۇخلاپ، ئەتىسى يەنە يولىنى داۋام قىپىتۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يىگىت ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىن كىيىن، يىتىلەپ كەلگەن ئاق بۆرىنى ئىشىك ئالدىغا باغلاپ قويۇپ ئۆزى ئۆيگە كىرپتۇ، ئۇنىڭ خوتۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانىسى؛
-كېلىن قېنى ؟ دەپ سوراپتۇ.
-ئەنە ئىشىكىنىڭ ئالدىدا،-دەپتۇ يىگىت.
مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك، ياش-قېرىلار(لېكىن كۆرىمىز)دەپ كېلىشىپتۇ. ئۇلار ئىشىك ئالدىغا كېلىپ باغلاقلىق تۇرغان بىر ئاق بۆرىنى كۆرۈپ نېمە دىيىشىنى بىلمەي قايتىپ كېتىشىپتۇ، ئاق بۆرە كۈندۈزى ئاشىك تۆۋىدە ياتىدىكەن، كىچىسى چىراغ يىقىلىشى بىەلن بۆرە تېرسىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىپ يىگىتىكە قاراپ شوخ كۈلكىسى بىلەن نازلىنىدىكەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يىگىت كۆپ ۋاختنى خوتۇن بىلەن ئۆتكۈزۈپ،تالا-تۈزگە كەمدىن كەم چىقىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ .مەھەللىدىكىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ؛(بۇنىڭ بۆرىگە ئۆيلىنىۋالغانلىقىنى قارىمامدىغان، بۆرە دىگەن يىرتىقۇچ تۇرسا، ھازىر ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ياۋايلىشىپ قالدى)دەپ كۈلۈشىپتۇ. بەزىلەر؛(ھەي بۆرىنىڭ ئېرى!)؛ بەزىلەر(يول بولسۇن بۆرە يىگىت!)دېيىشىدىكەن. كىشىلەرنىڭ مۇنداق زاڭلىق قىلىشىلىرىنى ئاڭلاش يىگىتنى قاتتىق ئازابلاپتۇ، شۇڭىلاشقا ئۇ تالا تۈزگە پۈتۈنلەي چىقىمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ، شۇڭا ئۇ 37بولغان كىچىسى خوتۇنى ئۇخلاپ قالغان پەيتتە تېىنى ئېلىپ ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۋېتىپتۇ. بۇرنىغا تېرە ھىدى كىرىگەن بۆرە قىز چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ-دە،ئەھۋالىنى بىلىپ ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاپ؛
-ۋاي ئىسىپ!يامان قىلدىڭىز،يەنە ئۈچ كۈن تاقەت قىلىسىڭىز بولماسمىدى؟ئانامىنىڭ گىپىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟-دەپتۇ.
ئەتىسى ئەتگەندە يىگىت بىلەن كېلىن تالاغا چىقىپتۇ. مۇنداق پەرى سۈپەت چىرايلىق چوكاننى كۆرگەن كىشىلەر ھەيرانۇھەس بۇلۇشۇپ، ئاغزىنى جامدەك ئېچىشىپ قاراپ قاپتۇ.
يىگىتىنىڭ ئاتسى بۇ ئەھۋالىدىن خۇشال بۇلۇپ، ئەل-يۇرتىنى چاقىرىپ يەتتە كېچە كۈندۈز توي قىلىپ بىرىپىتۇ.
(بوۋاينىڭ ئوغلى ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزغا ئۆيلىنىۋاپتۇ...)دېگەن سۆز پۈتۈن شەھەرگە پۇر كېتىپىتۇ، بۇ سۆزلەر ئاخىرى پادىشاھقا ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ ئۇ قىزنى كۆرۈپ باقماقچى بۇلۇپ نۆكەرلىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ بوۋايىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
copyright by www.iz.la
ئۆيدە كېلىنىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىكەن. دەرۋازەنىڭ قاتتق ئۇرۇلغان ئاۋازدىن بىر پېشكەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىنى سەزگەن كېلىن ئىشىك ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇنى كۆرگەن شاھىەنىڭ يۈرىكىگە ئىشىق ئوتى تۇتشىپتۇ، بېشى ئايلىنىپ، يىقىلىپ كېتىشىكە تاس قاپتۇ. شاھىنىڭ ھالىنى پەملىگەن كېلىن؛
مېنىڭىدەك بىر ئاددىي ئايالدىن نېمانچىلا قورقۇپ كېتىلا؟-دەپ كۈلۈپتۇ.شاھ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرالماپتۇ ۋە دەرھال كەينىگە بۇرلۇپ ئوردىغا قايتىپ كېتىپتۇ.
بىراق ، شۇ كۈندىن باشلاپ شۇ نازىنىندىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان، ئۇنى كۆز ئالدىدىن بىردەممۇ نېرى قىلمايدىغان، باشقا ئىشىقا قولى بارمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ.ئاخىرى بوۋايىنىڭ كېلىننى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۆڭلۈگە پۈتۈپتۇ. ئۇ بىر ھېلىگەر مۇماينى تېپىپ ئۇنىڭىغا مەقسىتىنى ئېيىتىپتۇ. www.iz.la
ئۇ ئايالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوۋايىنىڭ ئوغلىنى كۆزدىن يوقىتىش لازىم.ئېيىتىشىلارغا قارىغاندا ، ئۇلۇغ بۇۋىلىرىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئات بېشىچىلىك ئالتۇننى دېڭىزغا چۆكتۈرۋەتكەنىكەن. سىلى ئۇ يىگىتىنى شۇ ئالتۇننى تېپىپ كېلىشىكە بۇيرۇسىلا، يىگىت ئالتۇننى ئىزدەپ بېرىپ . ئاخىرى ھالاك بولىدۇ-دەپتۇ دەللە.
ئەتىسى پادىشاھ يىگىتنى چاقىرىپ كېلىپ، ئات بېشىچىلىك ئالتۇننى دېڭىزدىن تېپىپ كىلىشىكە بۇيرۇپتۇ. يىگىتىنىڭ بېشى قېتىپ ئۆيىگە كەپتۇ ۋە شاھ تاپشۇرغان بۇ ئىشىنى خوتۇنىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
-قايغۇرماڭ،-دەپتۇ بۆرە قىز ئېرىگە تەسەللىي بېرىپ،-بۇنىڭ ئامالى بار شاھىتىن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت سوراڭ، خۇدا خالىسا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئايال ئېرىگە بازاردىن ھەر خىل يىپەك ۋە زەر يىپلارنى ئەكەلدۈرۈپ كەشتە تىكىشكە باشلاپتۇ، بىر كېچە-كۈندۈز شۇنداق چىرايلىق، نۇرلۇق بىر گۈل تىكىپتۇكى، ھەتتا كېچىسى ئۆينىڭ ئىچى يۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇ بۈگۈن گۈلىنى ئېرىگە بېرىپ؛
بۇ گۈلنى تورغا باغلاپ دېڭىزغا تاشلاڭ، بۇ گۈلىنىڭ يېنىغا ئادەتتىكى بېلىقىلار يېقىنلاشمايدۇ. چۈنكى بۇ گۈلىنىڭ قەدىرنى بىلمەيدۇ، پەقەت شاھ بېلىقىلا كېلىدۇ. شاھنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى چۆكتۈرۋەتكەن ئالتۇننى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ. ئۇنىڭ بېلىق شاھ بۇلسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەۇ، گۆرۈ ئۈچۈن ئۇنىڭ قانىتىدىن ئازراق تۇلۇۋېلىپ، ئۇنى تۆش يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىڭ،-دەپتۇ.يىگىت دېڭىز ياقسىغا بېرىپتۇ ۋە ھېلىقى گۈلىنى تورغا باغلاپ دېڭىز نۇرلىنىو، كۆپۈك چېچىپ دولقۇنلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ ئارىدا بىر بىلىق گۈلگە بېلىق يېقىن كەپتۇ-دە، گۈلنى چىشلەيمەن دەپ تورغا چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىت تورغا تارتىۋېلىپ ھېلىقى بېلىقىنى قىرغاققا چىقىرىپتۇ. بۇ بېلىق يىگىتىنىڭ خۇتۇنى ئېيىتىقان شاھ بېلىق ئىكەن. شاھ بېلىق؛
-مەن ساڭا پۈتۈن ئۆمۈرىڭىزگە يېتىپ ئاشقۇدەك دۇنيا بىرىمەن. مۇراد مەقسىتىڭىگە يەتكۈزىمەن، مېنى قۇيۇۋەتكىن!-دەپ يالۋۇرۇپتۇ.-ئەگەر دېڭىزىنىڭ تەكتىدىن ئات بېشىچىلىك ئالتۇننى چىقىرىپ بەرسەڭ سېنى قويۇۋېتىمەن، بولمىسا ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن،-دەپتۇ يىگىت.
شاھ بېلىق ئالدى بىلەن ئالتۇننىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ كېلىشىكە ۋەدە بىرىپتۇ،يىگىت شاھ بېلىقىنىڭ قانىتىدىن بىر تال يۇلىۋېلىپ. شاھ بېلىقىنى دېڭىزغا قۇيۇۋېتىپىتۇ.
شاھ بېلىق دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ ھەممە بېلىقىنى يىغىپ، دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئات بېشىچىلىك بىر پارچە ئالتۇن بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ، لېكىن ھېچقايسى بېلىق بۇنى بىلىمەيدىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
-بېلىقىلارنىڭ ھەممىسى كەلدىمۇ؟-دەپتۇ شاھ بېلىق.
500ياشلىق بىر قېرى بېلىقلا كەلمىدى،-دەپتۇ خىزمەتكار بېلىق. شاھ بېلىق ئۇنىمۇ چاقىرىپ كېلىشىكە بۇيرۇپتۇ؛
مۇلازىم بېلىق ھېلىقى قېرى بېلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ؛
-سېنى شاھ چاقىرىۋاتىدۇ،-دەپتۇ.قېرى بېلىق ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاقمۇ سالماپتۇ. شۇنىڭىدىن كىيىن شاھ بېلىقىنىڭ ياساۋۇللىرى قېرى بېلىقىنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بوپتۇ، شۇ چاغدىلا ياساۋۇللار شاھ ئىزدەۋاتقان ھېلىقى ئات بېشىچىلىك ئالتۇننى كۆرۈپ قاپتۇ.قېرى بېلىق ئەنە شۇ ئالتۇننى بېسىپ ياتقاچقا، ئۇنىڭ قۇۋۋىتىدىن 500يىل ياشايدىكەن.
مۇلازىم بېلىقىلار ئالتۇننى ئېلىپ كېتىشىكە قېرى بېلىق جان تەسلىم قىپتۇ، شاھ بېلىق ۋەدىسى بۇيىچە ئالتۇننى يىگىتىكە بېرىپتۇ، يىگىتىمۇ ئۇنىڭ قانىتىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. شاھ بېلىق يىگىت بىلەن خوشلىشىپ دېڭىز ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ.پادشاھ ھېلىقى مۇماينى يەنە چاقىرىتىپ؛
-يىگىت ئالتۇننى تېپىپ كەپتۇ، سەن ئۇنى شۇ يەردە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ دېمىگەنمىدىڭ؟ مېنى ئەخماق قىلىغىنىڭ ئۈچۈن كاللاڭنى ئالمەن!-دەپ كايىپتۇ.
مەسىلىھەتىم بار ئاڭلاپ باقسىلا.ئاتىلىرىنىڭ بىر توپ يىلقىسى يوقالغانىدى، ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ يىلقىلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ يىگىتىنى شۇ يىلقىلارنى تېپىپ كېلىشىكە بۇيرۇسىلا. يىگىت يىلقىلارنى تاپقان ھالەتتىمۇ، ھەيدەپ بۇ يەرگە ئەكىلەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يىلقىلار ياۋايىلىشىپ كەتتى.
شاھ يىگىتىنى شۇ كۈنىلا چاقىرتىپ يىتكەن يىلقىلارنى تېپىپ كېلىشىكە بۇيرۇپتۇ، يىگىت ئۆيگە كېلىپ شاھىنىڭ يېڭى ئەمرىنى خوتۇنىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. يىگىتنىڭ خۇتۇنى ئۇنىڭىغا مۇنداق دەپتۇ؛
www.iz.la
-مانا بۇ تاياقىنى ئېلىپ(بىسىمىپللا)دەپ يولغا چىقىڭ. سىز كۈنچىقىشقا قاراپ تۇرۇپ،(يا،شاھى مەردان!)دەپ توۋلىسىڭىز، بۇ تاياق سىزنى باشلاپ ماڭىدۇ ۋە يىلقىلار ئوتلاپ يۈرگەن جايغا ئاپىرىدۇ. يىلقىلارنىڭ ئارسىدا بىر ئايغىر بار، سىز ئۇنىڭىغا بىرلا سەكرەپ مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يالىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇنى تاياق بىلەن راسا ئۇرۇڭ، ھەرگىز كۆزىگە ئۇرۇپ سالماڭ. ئايغىر ئاخىر سىزگە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭىدىن كىين ئۇنى راسا چاپتۇرۇپ، توپتوغرا شاھىنىڭ سارىيىغا بېرىڭ، باشقا يىلقىلارمۇ سىزگە ئەگىشىپ بارىدۇ.
يىگىت خوتۇنىنىڭ ئېيىتىقانلىرى بۇيىچە ئىشنى پۈتكۈزۈپ،يىلقىلارنى شاھ سارىيىغا ئەكىلىپتۇ. ياۋايىلىشىپ كەتكەن ئاتلار شاھ شارىيىنى ئوپۇر-توپۇر قىلىپ چاڭ-توزانغا كۆمۈۋېتىپتۇ. شاھ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاپتۇ، ئاخىر بۇ ئاتلارنى كەلگەن جايىغا ھەيدۋېتىشىنى بۇيرۇپتۇ. شاھ قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، مۇمايىنى جازالىماقچى بوپتۇ. مۇماي شاھ ئالدىدا تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇپ ؛
www.iz.la
-شاھىم، رەھىم قىلىسىلا، يىگىتىنى يەنە بىر ئىشىقا بۇيرۇپ باقسىلا، ئەگەر ئۇ بۇ ۋەزىپىنىمۇ ئورۇنداپ كەلگۈدەك بولسا ئاندىن كاللامىنى ئالسىلىمۇ رازىمەن،-دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شاھ ماقۇل بوپتۇ. مۇماي ئۇنىڭىغا؛
-ئاتىلىرى ۋاپات بۇلۇپ يەتتە نەزىرسىنى ئۆتكۈزلىگەندە، بىر قارا قوشقا سويۇلغانىدى. سىلى يىگىتىكە ئەنە شۇ قارا قوشقارنى تېپىپ كىلىشىنى بۇيرۇسىلا،-دەپتۇ . شاھ يىگىتىنى چاقىرىتىپتۇ ۋە ئاتىسىنىڭ يەتتە نەزىرىسىگە سويۇلغان قارا قوشقارنى تېپىپ كېلىشىنى بۇيرۇپتۇ. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرۇپ ئۆيگە كېلىپ خوتۇنىغا؛
ئەمدى تۈگۈشىدىغان ئوخشايمەن، پادىشاھ ئاتىسىنىڭ نەزىرسىگە سۇيۇلغان ئاللىقاچاق يەپ تۈگىگەن قارا قوچقارنى تېپىپ كېلىشىمىنى بۇيرۇدى،-دىپتۇ.
www.iz.la
ئەگەر سىز ئانامىنىڭ گىپىگە كىرىپ، بۆرە تېرىسىنى كۆيدۈرمەي ئۈچ كۈن تاقەت قىلىپ تۇرغان بولسىڭىز، بېشىمىزغا بۇنچىۋالا كۈلپەتلەر كەلمەيتتى. ئەمدى سىزگە ياردەم قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئانامىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭىدىن مەسىلىھەت سوراڭ ،يىگىت شاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۈچ ئاي مەسلىھەت سوراپتۇ. شاھ رازى بۇلۇپ يەنە ئۈچ ئاي قۇشۇپ ئالتە ئاي مۆھلەت بىرىپتۇ. يىگىت ئەتىسى يولغا چىقىش ئالدىدا ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىش ئالدىدا خوتۇنى ئۇنىڭىغا؛
سىز ئۇ يەرگە بېرىپ كەلگۈچە شاھ مېنى تنىچ قويمايدۇ،شۇڭا سىز ھېلىقى بىلەي تاشىنى يەرگە تاشلاپ تىلىكىڭىزنى بايان ئەيلەڭ،بىر تۆمۈر ئۆي پەيدا بولسۇن ،مېنى شۇ تۆمۈر ئۆينىڭ ئاستىنىقى قەۋىتىگە يوشۇرۇپ قۇيۇڭ، سىزمۇ خاتىرجەم بېرىپ كېلىك،-دەپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىگىت بىلەي تاشىنى يەرگە تاشلاپ، بىر-ئىككى قېتىم دەسىسەپ چەيلىگەنىكەن، يوغان بىر تۆمۈر ئۆي پەيدا بوپتۇ،يىگىت بۇ ئۆينىڭ ئاستىنىقى قەۋىتىگە خوتۇننى يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۆزى يولغا راۋان بوپتۇ.
يىگىت يول مېڭىپ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپ،بۆرىلەرنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپ قېرى بۆرىگە ۋەقەنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. قېرى بۆرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ؛
-ئەگەر سەن سۆزۈمگە كىرىپ 40كۈن تاقەت قىلىغان بولساڭ، بۇ كۈنلەر بېشىڭىغا كەلمەيتتى. سەن ئەمدى پادىشاھىنىڭ ئاتسى كۆمۈلىگەن مازارغا بېرىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئاچقىن، ئاندىن ھەممە سۆڭەكلىرىنى يىغىن بۆشۈككە سېلىپ قاتتىق تەۋرەت،-دەپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىگىت مازارلىققا بېرىپ قەۋىرىنى ئېچىپ ، ھەممە ئۇستىخانلارنى يىغىپ بۆشۈككە سېلىپ تەۋرىتىشىكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا شاھىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەرۋاھى ناھايىتى بوش ئاۋازدا نالە قىلىپ؛
-مېنى نىمىشىقا تىنىچ ياتقىلى قويمايسەن، ساڭا نېمە لازىم؟-دەپتۇ.
ئوغلۇڭ مېنى تىنىچ قويماي مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ،-دەپتۇ يىگىت.
-ئوغلۇمىغا نېمە كېرەك ئىكەن؟-دەپ سوراپتۇ شاھ ئاتىسىنىڭ ئەرۋاھى.
-يەتتە نەزىرىڭىگە بىر قوچقار سويۇلغانىكەن، ئوغلۇڭ مېنى شۇ قوچقارنى ئەكىلىشىكە بۇيرۇدى،-دەپتۇ يىگىت.
-بۇ قانداق گەپ مەن ئۈچۈن بىر قوچقارغا چىدىماپتىمۇ؟-دەپتۇ ئەرۋاھ غەزەپىلىنىپ ۋە قوچقارنى گۆردىن ئىرغىتىپ تاشلاپ بېرىپتۇ. يىگىت قارىغۇدەك بولسا قورچقارنىڭ بىر پۇتى يوق تۇرغۇدەك.
ئىز تورى بەك ياخشى
-ئوغلۇڭ قوچقارنىڭ بىر پۇتى يوقكەن دېسە نېمە دەيمەن؟-دەپ سوراپتۇ يىگىت.
-مېنىڭ بېخىل ئوغلۇم قوچقارنىڭ بىر سېننى خوتۇنى بىلەن يېۋېلىپ نەزىرمىگە گۆشىنى مۇشۇ پېتى ئىشىلەتكەن. يوقال ئەمدى، مېنى ياتقىلى قوي-دەپتۇ،. ئەرۋاھ. يىگىت ئۆيگە قايتىپ شۇنداق قارىسا، شاھ تۆمۈر ئۆينىڭ ئۈستۈنكى بىر قەۋىتىنى بۇزدۇرۇپ بۇلۇپ، ئاستىنىقى قەۋىتىگە تېگىش قىلىغانىكەن. يىگىت قارا قوچقارنى يىتىلەپ، ئەرۋاھىنىڭ ئېيىتىقان سۆزلىرىنى شاھقا دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھ قاتتىق نۇمۇس قىپتۇ-دە، يىگىتىنىڭ تىنىچ-خاتىرجەم ياشىشىغا ئىجازەت بىرىپتۇ.
يىگىت ئۆزىنىڭ خوتۇنى ۋە ئاتا-ئانسى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەخىتىلىك كۈن كەچۈرۈپتۇ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە؛ ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى