ئاننىڭ بالا ئالدىدىكى ئورنىنى،قەدىرى-قىممىتىنى ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس،ئىنىسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئاننى ھۆرمەتلەپ، ئاسىراپ،قەدىرلەپ كەلىگەن،ئاننىڭ پەرزنىت ئالدىدا كاتتا پەزىلىتى ئۇلۇغ ئورنى يۈكسەك قەدىر-قىمممىتى بار ،بالىغا ئانا چاڭقىغاندا قانائەت،زارلانغاندا بەخت،ئاداشقاندا كومپاس،قەھرىتاندا ئڭت-سىقىلىغاندا ئەرك،ئەلىمىگە دەرمان،زەئىپلىكىگە قۇۋۋەت،ئىللىتىگە خىسلەت،ئاددىيلىقىغا كارامەت،نادانلىقىغا دانالىق،ئەمگىكىگە شەرەپ بېغىشلىغۇچى بۈيۈك ئىنىسان. copyright by www.iz.la
نادانلار ئانىسى قازا قىلىغاندا(ئانا)دەپ يىغىلاپ،قەبرىسى ئەتراپىنى سۈپۈرىدۇ-يۇ،ھايات چېغىدا باش-كۆزنى يۇيۇپ-تاراپ، بىر تال جىگىدە ياد ئەتمەيدۇ،ئۇچرىشىپ قالسا سالام-سەھەت قىلىشىدىن تۇنۇشۇمىنىڭ ياشانغان ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىپ قالدىم، تونۇشۇپ بۇ مەزلۇمغا ئازار بىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغانلىقىنى، ئايالىنىڭىمۇ چۆمۈچنى قازانغا،قۇشۇقىنى تاۋاققا ئۇرۇپ،جالدىقىسىنى چېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇ ئانا ياشلىرىنى ئېقىتىپ ئېسەدەپ سۆزلەپ بەردى.ئىچ ئاغرىقىدا كۆزۈمىگە لىقىدە ياش كەلدى... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا قېرىپ ھاياتلىق بەتلىرى ئازلايدۇ،بۇ مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بېقىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.سەن شۇ دەقىقىدە ئاناڭنىڭ يېنىدا زاھىر بۇلۇشۇڭ كېرەك،چۈنكى سەن بۇ مەزگىلىنى بىخوتلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزسەڭ، ئاناڭ يالغيزلۇقتا مۇڭلىنىپ سېنى سېغىنىپ قالسا، جخمىغىنە ياش تۆكۈپ،ئاياغ تىۋىشىڭىنىڭ ئاڭلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىۋەرسە،ئېنىقىكى.ھايات سەپىرىڭ مىسكىنىلىكىنى ھامىنى ئىستەپ تاپىدۇ. نېمىشىقا دەمسەن!؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سەن ئاۋۋال بۇنىڭىغا جاۋاب بەر، كېچە-كېچىلەپ سېنى سېغىنىپ ،سېنىڭ غەمخورلۇقىڭىنى تىلەپ ۋۇجۇدى ياپراقىتەك ئاجىز تىتىرەپ تۈن نىسبىگىچە غېرىپلىقىتا مۇڭلىنىپ ئۇخلاپ قالسا ۋە بۇ ئۇخلاش ئاخىرى چىڭىغا چىقىپ،ئاناڭ يېنىڭىدىن غىپىلا قىلىپ غايىپ بۇلۇپ كەتسە،ۋۇجۇدۇڭ دھشەتلىك سىلىكىنىمەمدۇ؟!ئەلۋەتتە شۇنداق ھالەتكە كېلىسەن.ئاناڭىنىڭ پاك ھەم ئۇلۇغ تاۋۇتىنى كۆتۈرگىنىڭىدە ھەر قانچە روشەن .ئۆتكۈر كۆزلىرىڭمۇ جۇدالىق زارىدىن پۈتكەن قان-ياش بىلەن غۇۋالىشىدۇ.ئۇستىمۇتۇت ئۆزۈڭنى تولمۇ بىچارە،كۈچسىز ھېس قىلىسەن،پۇت-قولۇڭ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. چۈنكى ساڭا مادار،كۈچ-قۇۋۋەت بولغان پەرىشىتدەك ئاناڭ ئەمدى يېنىڭىدا يوق،لەھەتكە يېقىن كەلدىڭ،ۋۇجۇدۇڭ دەرد-ھەسىرەت،جۇدالىقىتىن لەرزىگە كېلىپ،مېھىرىبان ئاناڭنىڭ مېيتىنى باغىرڭىدا ئېلىپ،سوغۇق ھەم ئېغىر توپراق ئاستىغا تىزلىنىپ تۇرۇپ قويسەن.قەبرىسىتانلىقىتىن ئۆتكىنىڭىدە ئىسكىلىتلارنى كۆرسەڭ تېنىڭ سۈركىنىپ كېتىدىغان ئادەم ئەمدى بىر جەسەتنى قۇچاقلاپ باغرىڭىغا باستىڭىغۇ؟!ئانا دېگەن ئەنە شۇنداق سالمىقى ئېغىر ئۇقۇم. بۇ ئۇقۇمنىڭ يۇقلۇقى سېنىڭ روھىڭىدا خېلى جىق يوقلۇقلارنى پەيدا قىلىدۇ، كىيىن بۇ يوقلۇقنى ھەر قانچە كۈچەپمۇ تولدۇرالمايسەن .سەن ئاشۇ ئەرۋاھلار ماكانىغا ئاناڭنى كۈمۈپ قويۇپ قايتىپ كەلگىنىڭىدا ۋۇجۇدۇڭ سېغىنىش ۋە پەلپۈنۈشتىن قاتتىق جاراھەتلىنىدۇ،تاكى سەنمۇ شۇ يەرگە كەتكۈچە بۇ جاراھەت ساقايمايدۇ.كۆز ئالدىڭىغا ئاپئاق روماللىرى، سەن يامىتىپ بېرىش ئېغىر كېلىپ شۇ پېتى كىيىپ يۈرگەن ياتا ئاياغلىرىنى، يەڭگۈشلەپ بېىرش تەس كەلگەن قىڭغىر-قىيسىق ھاسا تايقى كېلىۋالىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇڭ-ھەسىرەتتە قوللىرىڭ تىتىرىگەن ھالدا بۇلارنى سىلايسەن، پۇرايسەن، كۆزلىرىڭ ياش، ۋۇجۇدۇڭ لەختە-لەختە بۇلۇپ كېتىدۇ، ھەر قانچە بەرداشلىق بېرەي دېسەڭمۇ. مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسەن.ئاناڭ ھايات چاغدا ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەي يۈرگىنىڭ، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولماي يۈرگىنىڭ ئەمدى يەلكەڭدىن چىڭ باسىدۇ، قايسى يۈرگىنىڭ ئەمدى يەلكەڭدىن چىڭ باسىدۇ، قايسى كۈچكىن بۇ دەمسىنا؟!بۇ سېنىڭ روھىڭ،ئاناڭىنىڭ ئاق دىلىدىن ساڭا ئۇدۇم قالغان روھ،ئەنە شۇ روھ ئۆتمۈشۈڭنى،ئاناڭ ساڭا مۇھتاج بولغاندا قېچىپ يۈرگىنڭىنى، ئورۇق قوللىرى بىلەن تىتىرەپ تۇرۇپ نان ئۇۋاقلىرنى ئاغزىغا سالغان ھالىتىنى، سېنىڭ مەئىشەتلىك، كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشىڭىنى كۆزۈڭىگە نىقاپ تۇرۋالىدۇ. قانچە نىقتىغانسېرى مېھىرىبان ئاناڭنى شۇنچە سېغىنىسەن،ۋادارىغ! بۇ سېغىنىش ئاخىرى كېلىپ سېنى كەم سۆز، ئېغىر مىسىكىن بەكلا دەرد تارتقاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئانا دەردى دېگەن ئەنە شۇنداق يامان. سېنىڭ بۇ يامانلىققا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. www.iz.la
بەس!يىگىتلىكىڭىدە، ساقال- سۇباتلىق پەسلىڭىدە ئاناڭ يېنڭىدا بولسا، يېنىڭىغا مەھكەم تارت. باغرىغا چاپلىشىۋال، يېنىڭىدا بارىنى ئاناڭنىڭ ئالدىغا تۆكىكىن، ئاناڭ سېنىڭ ئۆزىگە بىر نېمە قىلىشقا كۈچى يەتكۈدەك ئادەم بولغىڭىغا قاراپ خۇشاللىنىدۇ.
قاچانكى سەن ئاناڭغا سايىدەك ئەگىشىپ يۈرۈشىنى بىلىسەڭ، پەرۋانىدەك ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ تۇرساڭ، شۇ پۈتۈن كېيىنىكى كۈنلەردە ئۆز روھىڭىنى قۇتقۇزىدىغان كۈچنى تاپقان بولسەن، مانا بۇ ئاتا-بالا مېھىرىدىن پۈتكەن ھايات قانۇنىيىتى. copyright by www.iz.la
خەير-ۋۇجۇدى ئاق، دىلى ئاق، ئاقلىققا تۆرىلىپ، ئاقلىققا تەلپۈنگەن بالىلار، چۈشلىرىڭىلاردا ئاناڭلارنىڭ خىزىتىنى قىلغىنىڭىلارنىڭ مۇكاپاتىغا تەڭرىدىن ساۋاب كۆرۈڭلار... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇساجان پالتا مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق