گال پىچاق

ۋاقتى:2011-04-13 10:47مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

خۇ فاشەن

جاڭ جېجې ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى بولۇپ، خېلى نامى بار ئۆسمە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى. شۇڭا كىشلەر ئادەتتە ئۇنى جاڭ ‹‹پىچاق›› دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا كەسىپداشلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە تېببىي ئەخلاق
جەھەتتىمۇ باشقىلارنى خېلىلا بېسىپ چۈشىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئىچىدە ئەمەلدارلارمۇ، نام – ئابرۇيلۇق ئەربابلارمۇ، ئاددى پۇقرالارمۇ بار.جاڭ دوختۇر ئادەتتە ئەزەلدىن بىمارلارنىڭ قىزىل بولىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ بۇ ناھىيەدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

ئىز تورى www.iz.la


   بىر كۈنى ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئېرى بىلەن بىللە جاڭ دوختۇرنى ئىزدەپ كەلدى. بۇ ئايال ئۇنىڭ بىمارى بولۇپ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىۋەتكەن ئىدى. بىمارنىڭ يولدىشى جاڭ دوختۇرغا ئايالىنىڭ قورسىقىنىڭ تۈنۈگۈندىن بېرى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۆتۈندى. جاڭ دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئوپېراتسىيەدە ئۆسمە قالدۇقلىرى قالغان بولسا، قايتا ئۆسۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن گۇمان قىلدى، شۇنداقلا ئۆز ھۆكۈمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنى B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈپ بېقىشقا بۇيرىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ چىقتى. جاڭ دوختۇر بىمارنىڭ يولدىشىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   — خاتىرجەم بولۇڭ، چوڭ مەسىلە يوقكەن، پەقەتلا كىچىك بىر ئۆسمە قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىپتۇ، قايتا ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىپ ئېلىۋەتسەكلا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ، – دېدى.
   ئوپېراتسىيە باشلاندى. گەرچە بەدەننىڭ يېرىمى ناركوز قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئايالنىڭ رەڭگىرويى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ توختىماستىن قورسىقىنى تۇتۇپ ئىڭراپ ياتاتتى. جاڭ دوختۇر بىمارنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، قولىدىكى ئوپېراتسىيە پىچىقىنى تۇتقىنىچە، كېسىلگەن جايغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. كېسىلگەن جايدا قىپقىزىل قانغا بويالغان بىر پارچە داكا تۇراتتى. ئەسلىدە بۇ داكا ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە ئېلىۋېتىلمەي ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. ئوپېراتسىيە ئۆيىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسىمۇ، لېكىن جاڭ دوختۇر چىلىققىدە قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىۋاتاتتى. ئوپېراتسىيەدىن چىققاندىن كېيىن ئىشخانىدا ئۇنىڭ ئۈچ ياردەمچىسى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   — جاڭ دوختۇر، غەم قىلماڭ، بىز بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمايمىز.
   — بىز بۇ ئىشنى دېمىسەكلا، بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەرگىز بىلمەيدۇ، يەنە ئۇلار بىزگە رەھمەتمۇ ئېيتىدۇ.
   — ئەگەر بىز بۇ ئىشنى ئېيتساق، سىزنىڭ نام – ئابرويىڭىزغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە دوختۇرخانىمىزنىڭ ئابرۇيىغىمۇ بىۋاستە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە يەنىلا بۇ ئىشنى ئۇلارغا ئېيتمايلى.
   — شۇنداق، ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلسە، بىزنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ.
   — بولدى، سىلەر چىقىپ كېتىڭلار، مەن ياخشىراق ئويلىشىۋالاي، – جاڭ دوختۇر ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە ئىشارە قىلدى.

ئىز تورى www.iz.la


   ‹‹ئەگەر بۇ ئىشنى ئۇلاردىن يوشۇرسام، ئىناۋىتىمگە تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىسام، ئۇلار مېنى كەچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن نامىممۇ چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشنى ئاشكارىلىسام، ئۇلار مېنى كەچۈرۋېتەرمۇ؟ دوختۇرخانا بۇ ئىشقا نېمە دەر؟ باشقىلار ماڭا قانداق باھا بېرەر؟›› جاڭ دوختۇرنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇ خىياللار ئەكس ئەتمەكتە ئىدى.
   ئايال ھوشىغا كەلدى. جاڭ دوختۇر ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا كېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن يۈزىگە قاتتىق ئۇرۇلغان شاپىلاق كۈچىدىن ئىككى كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئىز تورى www.iz.la
   — ئەبلەخ! سەن زادى قانداق دوختۇر؟ – ئايالنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى...
   جاڭ دوختۇر بارلىق مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدىدى. بۇ ئىش پۈتۈن ناھىيەگە پۇر كەتتى. ھەممە كىشى ئۇنى مەسئۇلىيەتسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان گال دوختۇر دەپ تىللىدى. جاڭ دوختۇر شۇندىن تارتىپ ئۆيىدىن سىرتقىمۇ چىقماي ۋاقتىنى ئۆيدە گۈل ئۆستۈرۈش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزدى.ئۇنىڭ كونا دوستلىرى ئۇنىڭدىن شۇ قېتىملىق ئىشىغا پۇشايمان قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
83.3%
ناچار
(2)
16.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئانا قەدىرى

    ئاننىڭ بالا ئالدىدىكى ئورنىنى،قەدىرى-قىممىتىنى ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس،ئىنىسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئاننى ھۆرمەتلەپ، ئاسىراپ،قەدىرلەپ كەلىگەن،ئاننىڭ پەرزنىت ئالدىدا كاتتا پەزىلىتى ئۇلۇغ ئورنى يۈكسەك قەدىر-قىمممىتى بار ،بالىغا ئانا چاڭقىغاندا قانائەت،ز...

  • ھايات ياخشىلىق دەرىخىدۇر

    بىر قانغۇ كىشى كېچىسى يول يۈرگەندە دائىم پانۇس كۆتۈرۋالىدىكەن،باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدىن؛ -كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ؛ -سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېن...

  • كاۋاپچىنىڭ كەچۈرمىشى

    سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرت...

  • ئوتتا تاۋىلانغان مۇھەببەت ھىكايىسى

    ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ، بىر ئانا قۇشنىڭ زور ئوت ئاپىتىدە ، ئۆزىنىڭ تېخى ئۇچۇرما بولمىغان بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىش يولىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك بىر تەسىرلىك ۋەقە تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە سۈرەت بېرىلگەن . بۇ...

  • گال پىچاق

    خۇ فاشەن جاڭ جېجې ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى بولۇپ، خېلى نامى بار ئۆسمە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى. شۇڭا كىشلەر ئادەتتە ئۇنى جاڭ پىچاق دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا كەسىپداشلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپلا قالم...

  • تازلىقى يوق لەغمەن

    ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ دەپ...

  • كۆك كەپتەر

    تومۇزنىڭ تەپتى يەر جاھاننى كۆيدۈرەتتى. ئاسفالت يول ئۈستىدە گىرىمسەن نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇراتتى.ئېرىگەن قارا مايىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئېھسان ئىككى تەرىپىگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى. يۈزلىرى...

  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...