ئاشۇ يىلى قىزىم رەناگۈل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى.بۇ ئىش ئۇنىڭىغا ھار كەلدى بولغاي،كۆزىدىن ياش قۇرمىدى،ئۇ بەك تىرشىچان زېھىنى ئۆتكۈر ئىدى.قېرىشىقاندەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نەچچە ئاي قالغاندا،ئۇ ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ،دەرىسلەرنى ياخشى تەكرارلىيالماي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى.(بولدى يىغىلىما تەييارلىق سىنىپىتا يەنە بىر يىل ئوقۇپ،كېلەر يىللىق ئىمىتىھانغا قاتناشقىن)دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىساقمۇ ئۇنمىدى.
كۈنلەر،ئايلار ئۆتۈپ،كەچ كۈزدە قۇربان ھېيىت كەلدى.ھېيىتىنىڭ 3-كۈن ئانىسى رەناگۈلىنى قارادۆڭ يېزىسىدىكى تۇقىقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيىت پەتىسى قىلىغىلى ئېلىپ كەتتى. ئۇ يەر بىلەن شەھەرنىڭ ئارلىقى 50كېلومىتىرچە كېلەتتى. شۇ قېتىم ئۇلار يېزىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى،ئۇلار خۇشال-خۇرام قايتىپ كەلگەندىن كىيىنىلا،كۆڭلۈمدىكى دەككە-دۈكىلەر بېسىقىتى . شۇنىڭىدىن كىيىن قىزىم پات-پاتلا قاتىرايدىغان بولۇۋالدى.(بۇ قانداق گەپ؟)دەيتىم ئىچىمىدە. بۇ ئىشنىڭ تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن ئانىسىدىن گەپ كوچىلاپ باقتىم.ئۇماڭا سىر بەرمەستىن؛(قىز بالا ئەمەسمۇ...بويىغا يېتىپ قالدى. ئاز تولا ئەركىگە قويمىساق بولماس...)دەپلا ئاغزىمىنى تۇتۇپلا قويدى .ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆيىمىزگە ئەلچى كەلدى.ئۇنى كىم دېمەمسىز؟ھېلىقى تۈگمەن مەھەللىسىدىكى جېنىنى باقالماي ئاشۇ قارا دۆڭگە چىقىپ كەتكەن قارادۆڭگە قادىر مەڭگەن بولمامدۇ؟ما ئىشىنى كۆرۈڭ،ئەمدى كېلىپ ئاشۇ مەڭگەننى يېرىم قالايدىغان سەھرالىق قەلەندەر بىلەن قۇدا بولغۇدەكمىشمەن.شۇ كۈننى كۆزۈم كۆرمىسۇن....)دەپ ھويلىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن غىپپىدە چىقىپ كەتتىم.كەچقۇرۇن قايتىپ كېلىپ ئايالىمىدىن ؛(نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار ؟)دەپ سورىسام . ئۇ نېمە دەپتۇ دەڭ ،ئاشۇ سۈيى دېگەنلەرنى دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بىر نېمە دەيلى)دەپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئايالىمىغا بىر مۇنچە كايىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
نېمىشىقا دەيسىز؟ مەن دېگەن كىم؟ بۇ يۇرتتا تۆتنىڭ بىرى!ھۆرمەتكە سازاۋار قۇربان ئەپەندى تۇرسام ...ئۆز ۋاقتىدا قەلەمدە كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلىگەن؟پارتكوم،ھۆكۈمەتنىڭ كاتىبات ئىشىلىرى مېنىڭسرىز ئاقامىتى؟ ھازىر پىنسىيە چىققان بولساممۇ قەلىمم توختاپ قالغىنى يوق.بىر مۇنچە گېزىتلەرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىغا ئىختىيارىي مۇخىبىرىمەن.نام-شەرىپىمىنى چوڭ-كىچىك ھەممە بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ.بىر تاللا قىزىمىنى ئاشۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ئېلىپىنى چوماق دېيەلمەيدىغان قارىتۇرۈك ئوغلىغا بىرىمەنما؟ شۇ كۈنى كەچتە قىزىمىدىن؛(بۇ زادى قانداق ئىش؟)دەپ سورىسام قىزىم زۇۋان سۈرمە يەرگە قاراپ تۇرۋالىدى.ئۇنىڭ ئاقپىشىماق چىرايى ئاپئاق لەيلىنى،گۈلگۈن مەڭزى قىزارغان ئالمىنى ئەسلەتتى.قوي كۆزلىرى ئۈستىدىكى تا-تال كىرىپكلىرى خۇددى يا ئوقۇدەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ھىلال ئايدەك ئەگىم قاشلىرى،چىرايلىق ئۆرۈپ تۈگۈۋالغان قۇندۇزدەك چاچلىرى،جىننەستىدەك لەۋلىرى ،ئېلىپتەك قاڭشىشى ئەتراپتىكى سۇس چېچەك ئىزلىرى مېنى ئاجايىپ زوقلاندۇرۋەتتى.مەن قىزىمىنى ئەمدىلا كۆرۋاتقاندەك بەكرەك سېپسېلىپ قارىدىم .(ئۇ راستىنىلا مېنىڭ قىزىم ھە؟ توۋا،ئۇ ئالجىپقۇ قالمىغاندۇ؟ ئۇنى ئوبدانراق ئاگاھلاندۇرۇپ قۇياي چۇ )دىگەندەكلەرنى ئويلاپ رەناگۈلىغا دەسلەپتە كايىدىم ،ئاندىن نەسھەتكە چۆكتۈم،ئاخىرىدا يالۋۇردۇم ھېچقايسىسى كار قىلىمىدى.ئامال قانچە كۆڭلۈمدە (ئاشۇ چۆل-قاقاس سەھرادا كۆردىغاننى كۆرۈپ،كۆسەيدەك قارىداپ،ھېللىقىدە قورلۇپ، ئەرگىمۇ تويۇپ،بۇرنىڭىغا يېگەندە ئاندىن پۇشايمانغا قاچا تاپالماي،قاقشاپ قايتىپ كېلەرسەن. سەن بىلەن شۇ چاغدا ....)قىزىمىنىڭ نىكاھ ئىشىغا رازى بولغان بولساممۇ ،بۇ توي ئاخىرى بولدى!قىزىمىنى يۆتكەپ سەھراغا ئېلىپ كېتىشىتى.لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگمىدى.بۇ ئۇشىشاق گەپ سۆزلەر قۇلاق مېڭەمنى يەپ زادىلا ئارام بەرمىدى؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-قاراپ تۇرۇپ يالغۇز قىزىنى سەھراغا ياتلىق قىلىۋەتتى .گۆھەرنى تاشقا ئۇردى...بىچارە سەھراغا زايە كەتتى-دە.
-ھەي ھەي، بولدى قىلىساڭلارچۇ،(ئۆيدە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالسا،كىيىنچە قىزىمىزغا لايىق چىقىماي قالارمىكىن)دەپ ئويلىغاندۇ بەلىكم .
-مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ رەناگۈل ئاشۇ سەھرالىقىنى ياقتۇرۇپ قالغان گەپ.(چىرايلىق-چىرايلىق ئەمەس،سۆيگەن چىرايلىق)دېگەن ماقال بىكار ئېيتىلمىغان .
-ھوي ئانىسى،كەلدىڭمۇ؟ خوش قىزىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-خاتىرجەم بولسىلا دادىسى،كۈيئوغلىمىز قۇدىرەتجانمۇ ئېغىر-بېسىق ،ئوڭلۇق بالا ئىكەن، ئۇ ھازىر قىزىمىز رەناگۈلدىن خەت ئۈگۈنۋېتىپتۇ.ئۇلار بەئەينى چۆچەكلەردىكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆزىلا.قۇدىلارمۇ بۇ يېڭى كېلىنىچەكنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردىكەن دېسىلە.ئاردىن ئىككى ئاي ئۆتسىمۇ ئۇنى تېخى ئۆي ئىشلىرىغا سالماپتۇ.قىزىمىز ھازىرغىچە مىھىمان ئىكەن،بۇنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم.
سەن بەكلا ئاشۇرۋەتىڭىغۇ دەيمەن؟ ھەي مىجىت،قېنى سەن؟ ئۆيگە كىرە گېپىم بار.
-ھە!نېمە گەپ دادا؟
-سەن بۇ قېتىم ئاناڭ بىلەن قارا دۆڭگە بېرىپ كەلدىڭ،راسىت گەپ قىلىلە سىڭىلىڭ ئۇ يەردە قانداقراق تۇرۇپتۇ؟
-خۇددى مۇشۇ ئۆيدە تۇرغاندەكلا تۇرۇپتۇ،قۇدىلارنىڭ ھال-كۈنىمۇ شۇنداق ياخشى ئىكەن.ئۇلار قارىمىزنى كۆرۈپلا قويدىن بىرنى سويۇپ بىزنى مىھىمان قىلىدى.ھېلىقى مەڭگەن قۇدىمىز ئوچۇق-يورۇق،قىزىقىچى،ئاق كۆڭۈل،مېھىماندوسىت ئادەم ئىكەن.
-قارىغاندا،ئانا-بالا ئىككىڭىلارنىڭ تىلى بىردەك قىلىدۇ،-بۇ گەپلەرگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى.بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگۈچە...
ئاغىنە مەن ئاخىرى دېگىنىمىنى قىلىدىم.ئەتىيازلىق تېرىلىغۇنىڭ ئالدىراش پەيتىدە قارادۆڭگە قىزىمىنى كۆرگىلى باردىم.تاپسىدىن ئاتلاپ كىرىشىمىگە قىزىم بوينۇمغا ئېسىلىدى.قارىغاندا ئۇ مېنى بەكلا سېغىنىپتۇ .ئۇماڭا باشقىچىلا خۇشخۇي كۆرنۈپ كەتتى .چىرايى گەپ سۆز ھەركەتلىرىدىن رازىمەنلىك،بەختىيارلىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئېيىتىشىچە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇش ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆينى سۇۋاپ،ھاكلاپ ئۆي ئايرىپ چىقىۋاپتۇ ئۇنىڭ مەقسىتى ئاتا-ئانىلارغا تاينىۋالماي ئۆز ئالدىغا تېرىكچىلىك قىلىش ئىكەن.قىزىم رەناگۈل ھازىر يېزىنىڭ پەن-تېخىنىكا كۇرسىدا باغۋەنچىلىك كەسپىنى ئۆگىنۋېتىپتۇ.قۇدىرەتجان سورتلۇق مېۋە كۆچەتلىرىنى ئەكەلگىلى بېھىشباغ يېزىسى كېتىپتۇ. ئۇلاركەنىتكە ئىلىتىماس يېزىپ،ئۆينىڭ كەينىدىكى دۆڭلۈكنى تۈزلەپ يەر ئېچىپ،باغ بىنا قىلىش توغۇرلۇق ئىجازەت ئاپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئۆينىڭ كەينىدىكى قىياق،چاكاندا باسقان سۈرلۈك دۆڭلەرنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتىم.
قۇدىرەتجان ئەكەلگەن كۆچەتلەرنى مۇشۇ دۆڭگە تكىپ ئەي قىلىغاچ تۇرايلى،دەپسىلەر-دە؟دېدىم،قىزىمىنى تەنە بىلەن چېكىپ.
-مانا،دادامنى،- دېدىم ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، كۆچەتلەرنى ھازىرچە كەنىتنىڭ بېغىدىكى مۇنبەت يەرگە تىكىپ پەرۋىش قىلىمىز،
كېلەر يىلى ئاندىن ئېچىپ تەييارلىغان يەرگە كۆچۈرىمىز. كۆچەتلەر تۇيمايلا تۇتۇپ كېتىدۇ.
-بىچارە قىزىم. شۇنچە چوڭ جاپاغا تەۋەككۇل قىلىماقچى بۇلۇۋېتىپسىلەر.ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگۈچە،قادىر مەڭگەن بۆلۈپ بەرگەن 10مو يەرنى تېرىپ،ئارامخودا تىرىكچىلىك قىلىساڭلار بولماسمىدى؟ مۇبادا ئۈزلۈپ قالغۇدەك بولساڭلار،بىزمۇ قاراپ تۇرماس ئىدۇق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-10مو يەرگە بۇغداي تېرۋەتتۇق دادا،ئېڭىز ئورنىغا قىچا،يېسىۋىلەك تېرىماقچى.
-ھىم،-دېدى دۆڭلەرگە قاراپ،بېشىم قايغاندەك بولدى.قىزىمىنىڭ باياتىن دېگەن پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پەقەت كۆزۈم يەتمىدى.
-ئەسىسالامۇ ئەلەيكۈم،قۇناخۇن قۇدام.
قادىر مەڭگەن خۇددى يەردىن ئۈنگەندەكلا ئالدىمىدا پەيدا بولدى.ئۇ قوللىرىمىنى مەھكەم سىقىپ،ھال-ئەھۋال سوراپ،قىلىغىلى قىلىق تاپالماي قالدى.ئۇ كۈنى ماڭا كانىدەك چاپلىشىپ،قۇيۇپ بەرمەي قوندۇرۇپ قالدى.ئۇلارنىڭ لاپاس،قوتان،قازناق ئۆيۋانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى تەسكىن تاپتى.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى.قىزىم بىلەن كىئوغلۇم بىزنى پات-پات يوقلاپ تۇرىدى.6-ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇلار بىزنى يەنە يوقلاپ كەلدى.سەپسېلىپ قارىسام قىزىمىنىڭ ئىلىگىرىكى زىلىۋا بويى قاۋۇللىشىپ،ئۆزى بەستىلىك بۇلۇپ قاپتۇ.ئۇنىڭ زاغرا ناندەك يېرىلىغان يۈزلىرى ،ئالىقىنىدا ئېچىلىغان قاداق(گۈللىرى)نى كۆرۈپ،يۈركۈم خۇددى بىگىز سانجىلىغاندەك ئاغرىپ كەتتى،(ئاھ قىزىم ،جاپاكەش قىزىم)دەۋەتتىم ئىچىمىدە.لېكىن، ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ،قوي كۆزلىرىدىن ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.ئۇلارنى ئوبدان مىھىمان قىلىپ كەم-كۈتۈك نەرسىلىرىنى تۇلۇقلاپ يولغا سالدۇق،شۇنداقتىمۇ خاتىرجەم بولالماي،كۈزنىڭ(تالقان تۆكىتى)چاغلىرى كېلىشى بىلەن ئانىسىنى ئېلىپ قىزىمىنى يوقلاپ باردىم.ئۇلارنىڭ تورالغۇسىغا يېقىنلاشقانسېرى،ئۆزۈمگە يېڭى مەنزىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ھويلا ئەتراپى سوقما تاملار بىلەن قورشلىپتۇ.تاشقىرىدىن خىش بىلەن سېلىنىغان ئۆي كۆرۈندى.ئۆينىڭ كەينىدىن چوقچايغان باراقسان شاخلاردا قۇشلار نەغمە قىلىشاتتى.قەلەي بىلەن قاپلانغان ئىشىكىتىن كىرىپلا كۆڭلۈم(پال)لىدە يۇرۇپ كەتتى.ئالدى رېشاتكىلىق ئەپچىل قوتاندا8-10دەك قوي مەرىشىپ تۇراتتى. ھويلىدا توخۇ دانلاۋاتاتتى.ئۆي ئىچىمۇ ئوبدان سەرەمجانلاشتۇرۇلىغان بۇلۇپ ،ھەممە نەرسە تەل ئىدى.ئۇدۇلىدىكى ئىشىكاپتا لىپمۇلىق كىتاب.كۆپىنىچىسى پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتابلار ئىكەن ،يەنە قانۇنغا ئائىت كىتابلار،ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ كۆزۈمگە چېلىقىتى،دېمەك، قىزىم مېنىڭىدىن ئۇدۇم قالغان كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تاشلىماپتۇ.تاماقتىن كىيىن مېنى ئۆينىڭ كەينىگە باشلىدى.بۈك-باراقسان مېۋىلىك باغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن كۆڭلۈم يايراپ كەتتى .يۇمران چىمىلار ئۈستىدە بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ كۈيئوغلۇمدىن سورىدىم؛
www.iz.la
-قۇدىرەتجان،بۇ ئىشىلارغا خېلى پۇل كەتكەندۇ؟
-ئانچە ئەمەس دادا.ئەمگىكىمىزگە تاياندۇق.
شۇ ئەسنادا قىزىم چەينەك بىلەن پىيالە كۆتۈرۈپ كەلدى.بىزگە چاي قۇيغاچ سوئالىمىغا؛
-دادا خاتىرجەم بۇلۇڭ.چوڭ ئىش يوق.بانكىدىن ئازراق قەرىز ئالغان .ئۇ پۇلىغا ماتور سېتىۋالدۇق .كەنىتتىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىغا ھەق ئالمىدى،پەقەت ماي پۇلىنى بىز چىقاردۇق،بانكىدىن ئالغان پۇلنىڭ يېرىمىنى تۆلەپ بولدۇق،ئەگەر بۇ يىل ئۆي سالمىغان بولساق ھەممىسى تۈگەيتتى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇددى چايغا سالغان قەنىتتەك ئېرىپ كەتتىم. قىزىمىنىڭ ئىرادىسى،كۆز ئالدىمىدىكى غەيرەت-جاسارەتنىڭ ھاسىلاتى مېنى قايىل قىلىغان ئىدى. مە شۇئان قىزىمىغا قاراپ ؛ www.iz.la
-قالغان قەرزىڭلارنى مەن تۆلىۋېتەي،بۇ،مېنىڭ سىلەرنى قوللىغىنىم بۇلۇپ قالسۇن.سەن ئېغىر بوي ئىكەنسەن.پۇل دىگەن لازىم بولىدۇ،بۇنىڭىدىن كېيىن يەنە قاراپ تۇرمايمىز،-دېدىم.
-رەھمەت دادا.
شۇنداق ئاغىنە قىزىم توغۇرلۇق شۇنچىلىك سۆزلەي.نېمە،ھازىرقى ئەھۋالىنى دەمسىز؟ توغرا،ئۇھازىر قارادۆڭ يېزىسى بويىچىلا ئەمەس،بەلكى ناھيە بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشىكەن باغۋەن.ئۇ زىرائەت مېۋىلىك دەرەخ دېگەنلەرنىڭ تىلىنى پىشىشىق بىلىدۇ.ھېلىقى ئون مولۇق بېغى ئۇنىڭ بىرىدىن بىر مىسالى،داڭلىق مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ باغدىن تېپىلىدۇ.ئۇلار باغدىنىلا ھەر يىلى 25مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلىدۇ.تېرىلىغۇ يەردىن ئالغان ھوسۇلىمۇ ئۆزلىرىگە يېتىپ ئاشىدۇ.كۈيئوغلۇمىنىڭ يېزا بازىرىدا رېمونتچىلىق دۇكىنى بار.دوستلىرى قىزىمىنى نۇرغۇن قېتىم شەھەرگە كۆچۈپ كىرشىكە دالالەت قىلىغان بولسىمۇ،قىزىم ئۇنىمىدى.ئۇ؛(مەن بارلىقىمىنى يېزىدىن ئىبارەت بىپايان زېمىنىغا ئاتىۋەتكەن)دەيدۇ.كۆردىڭىزمۇ؟ئۇنىڭ ساپ مەرۋايىتتەك قەلبى بىلەن مەزمۇت چوققىدەك مۇستەھكەم ئىرادىسىنى،ئۇ ھەقىقەتەن،ئاشۇ مۇنبەت تۇپراقتا پورەكلەپ ئېچىلىغان گۈللەرنىڭ رەناسى! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ مېنىڭ قىزىم.
مەنبە؛نىقابلانغان قاتىللار