پەرىشتە يىغلايدۇ...

ۋاقتى:2011-04-22 14:05مەنبە: يوللىغۇچى: ئاي چېھرى چېكىلىشى:قىتىم
  

كىسەل ئاسارىتىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئاغرىق دەستىدىن ئىڭراۋاتقان كۈچسىز بەدىنىمنى تولىمۇ، تولىمۇ  تەستە مىدىرلىتىپ بار كۈچۈمنى ئاران دىگەندە يىغىپ، كارۋىتىم بېشىدىكى تارتمىدىن ماڭا 3 ئاينىڭ بىرى ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن، سەن ماڭا سوۋغا قىلغان ئاشۇ قارا خاتىرە دەپتەر بىلەن قەلەمنى قۇلۇمغا ئالدىم.ئۇلار مىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان بىردىنبىر يېقىن سىردىشىم ئىدى.ھازىر دىگەن ئىچ-سىرىڭنى بىر كىمگە دەيدىغان زامان ئەمەسكەن.كىمدە ئىشەنىچ قالدى؟ئۆزۈڭگە ئىشەنگىلى بولمايدىغان تۇرسا،يەنە كىملەرگە ئىچ-باغرىڭنى تۆكەلەيسەن؟ مىنىڭ بارچە خوشاللىقلىرىم.دەرتلىرىم، نىدالىرىم ھەممىسى مۇشۇ خاتىرىگە سىڭىپ كەتكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


كىچىدىن توختىماي چىقىۋاتقان شامال، قەلبىم لەرزىنى بىر خىل ساراسىمىگە سېلىپ،كۆز نۇرۇمدىن يىراقلاۋاتقان چىكىتلەرنىڭ سىيماسىنى گاھ ئەسلىتىپ، گاھ يوقىتىۋەتتىئكىچە يەنە شۇ قورقۇنۇچلۇق چۈشنى كۆردۈم.ئىككىمىز ئىگىز تاغنىڭ ئۈستىدە بىر-بىرىمىزگە قاراپ تۇراتتۇق،تۇيۇقسىز مەن بىر چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكۈدەكمەن،سەن قۇلۇمدىن تۇتالماپسەن...
تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنلا  يىغلاپ ئويغىنىپ،چېچىلغان نېرۋىللىرىمنى ئاران دىگەندە بىر يەرگە يىغىپ، ھەممىنى قايتا ئويلاپ چىقتىم.ئەڭ ئاددىيسى ھەم ئەي قىسقىسى ھېسلىرىم پۈتۈنلەي تۇنجۇققان ئىدى. سۆيگۈ گۈلخانلىرىنى لاۋۇلدۇتۇپ،مىنى مۇھەببەت قوينىغا ئەكىرگەن تۇنجى پەرۋىشكارىم سەن ئىدىڭ.سىنىڭ ماڭا ئوتلۇق بېقىشلىرڭ،يۈزلىرىمنى ئالمىدەك قىززارتارتتى.مۇھەببىتىمىزنى مەدھىيلاپ تىزىپ ئۆتكەن مىسرالىرىمنى سەندىن ئۆزگە بىر كىشىنىڭ ئوقۇۋىلىشىدىن قىزغىناتتىم.سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمكى، پاك ئەقىدەم، غۇبارسىز كۆڭلۈم بۇنىڭغا گۇۋاھ. دەرىزەمدىكى ئەتتىرگۈللەر بىزنىڭ چىن مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى ئىدى،ئۇلار تېخى سولاشقىنى يوق، چۈنكى مەن ھەر كۈنى ئۇلارنى كۆز يېشىم بىلەن سۇغۇرۇپ تۇردۇم.بىز ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان بەخىتلىك بىر جۈپلەر ئىدۇق، بەختىمىزگە كۆز تەگدىمۇ جېنىم، شۇم تەغدىر بىزنى ئايرىدى، بىزگە ئىچ ئاغرىتمىدى، ئادەمنىڭ كۆز يېشىمۇ يىغلاۋەرسە تۈگەپ كىتەمدۇ نىمە؟ يىغلاپ يىغلاپ ھاردىم... ئىز تورى www.iz.la
 مانا  بۈگۈن خانەمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، سەن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز ، تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىدا خامۇش ئولتۇرۇپ، ساگا كۆنگەن،  سوقۇشتىن توختاپ قالاي دىگەن شۇ زەئىپ يۈرۈگۈم بىلەن بەخىتسىز تەغدىرىمىز ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتىمەن.
شۇ قەدەر ئېغىر ھەم ھەسرەتلىك تىنىپ،
تۇرىمەن روجەكتىن تالاغا قاراپ.
ئۇ يەردە سىم-سىملاپ چۈشمەكتە يامغۇر،
 بارماقتەك يارىمنىڭ يولىغا تاراپ...
سىرىتتا سىم-سىم يامغۇر ياغماقتا ئىدى، مەن يامغۈرغا تولىمۇ ئامراق، چۈنكى ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمنى يۇشۇرۇپ قالالايدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولۇمغا ئالغان كۈنىمۇ يامغۇر  ياققان ئىدى.مەن خۇددى كاللىسى توختاپ قالغان ئادەمدەك.قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ، نىشانسىزلا يولدا كىتىپ بارىمەن.كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ چوڭ شەھەردە بىكار تەلەتلەر تۈگەپ كەتكەندەك قىلىدۇ.ئالدىراشلىقنىڭ دەستىدىن بىر كىمنىڭ يەنە بىر كىمگە قارىغۈدەكمۇ چولىسى يوقتەك...
www.iz.la

مېڭىپ-مېڭىپ بىز دائىم كىلىدىغان ئاشۇ كۆلچەك بويىغا كىلىپ قاپتىمەن.سەن ھەر قېتىم بالدۇر كىلىپ مىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئوروندۇق بۈگۈن باشقىچىلا غېرىپ ھەم كونا كۆرىنەتتى. مەن ئورۇندۇقتا كۆزۈمنى بىر نۇقتىغا تىككەن پېتى ئولتۇردۇم.مىنى شۇنچىلىك قاتتىق يىغا قاپلاپ كەتتىكى ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋىلىپ تېلفۇنۇمنى ئاچتىمدە  تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ساڭا تېلفۇن ئۇردۇم. " ۋەي، ئېلشات..."ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى. "شەھلا، سىز نەدە؟ تېلفۇنىڭىزنى نىمىشقا ئىتىۋالدىڭىز؟ سىزدىن بەكلا ئەنسىردىم. ئېيتىڭە،سىز نەدە ھازىر؟ مەن قېشىڭىزغا باراي." سىنىڭ تەلەپپۇزۇڭدىن مەندىن قانچىلىك ئەندىشە قىلغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

يېقىندىن بۇيان چىرايىم سارغىيىپ،يىگەن نەرسەم سىڭمەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى، بەدىنىمدە كۈچ يوق، ھىچ ئىش خوش ياقمايتتى، بۇرنۇممۇ تولا قاناپ، ئەندىشەم ئاخىرى مىنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە ئۈندىدى. مانا بۈگۈن ئاق قان راكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىگىمنى، ماڭا كەلگۈدەك يىلىك تېپىلىشنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىگىنى ئىكەنلىكىمىنى بىلگەن ئىدىم...ئېھ ، بۇ شۇم ئەجەل نىمىشقا مىنىڭ بېشىمغا كىلىدۇ.
مىنى گۈلۈم دەيتتىڭ، كەچۈر، گۈلۈڭ ۋاقىتسىز توزىماقچى...
مەن پۈتۈن غەيرىتىمنى يىغىپ ساڭا شۇنداق قوپال ھالەتتە؛"ئېلشات،سىز كىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ چوڭ شەھەردە يالغۇز زىرىكىپ قالماي دەپلا سىز بىلەن مۇنداقلا يۈرۈپ قويغانتىم، مەن مۇشۇ چىرايىم بىلەن سىزدەك ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىنى يارىتارمانمۇ؟ ھەممىسى يالغان، سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەم ياخشىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، توي قىلىمىز دىگەنمۇ يالغان، مەن سىزنى ئەخمەق قىلغان، بۈگۈن سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ئەقمەق قىلىۋىرىشكە چىدىماي گەپنى ئۇچۇق دىمەكچى، ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ. خوش." سەن گەپلىرىمنى ئاڭلاۋىرىشكە چىدىمىدىڭ، بۇ گەپلەرنىڭ مىنىڭ ئاغزىمدىن چىقىۋاتقىنىغىمۇ ئىشەنمىدىڭ بۇلارنى ھېس قىلىپ تۇرىۋاتاتتىم، لىكىن ئۆزۈمنى تۇتۇپ تۇردۇم. " شەھلا، ئەن ئىشەنمەيمەن، سىز ھەرگىز ئۇنداق قىز ئەمەس، مەن سىزنى خاتا تاللىمىغان، ئۇ گەپلەر چاقچاق شۇنداقمۇ ئېيتىڭە گۈلۈم؟" ئاۋازىڭ تىتىراپ كەتتى، مەنمۇ بۇنىڭ بىر چاقچاق بۇلىشىنى، ئويغانساملا ھىچقانداق ئاسارىتى قالمايدىغان بىر چۈش قاباھەتلىك چۈش بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس بۇ قەلبىمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاچچىق ھەقىقەت ئىدى. مەن تېلفۇننى قۇيىۋەتتىمدە، تېلفۇن كارتىسىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلىۋەتتىم. شۇنچىلىك قاتتىق تىغلاپ كەتتىمكى، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر مىنى ساراڭ بۇلۇپ قالدىمىكىن دەپ قارىشاتتى، لىكىن ئىچىمدىكى دەرت ھەسرىتىمنى بىر اللاھ ئىگەملا بىلەتتى.

www.iz.la


 بىر چاغدا يىغلاپ يىغلاپ ھاردىم بولغاي ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم. كەچتە سەن مەس ھالدا ئىشىكىمنىڭ تۆۋىگە كىلىپ ئىشىكنى قاتتىق چەكتىڭ، ۋارقىرايتىڭ، مىنى تىللايتىڭ، ؛" ئىشىكنى ئاچ شەھلا ، سەنمۇ ئادەممۇ، ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم. بۇياققا چىق ۋاپاسىز ۋىجدانسىز ..." خوشنىلاردىن بىرسى چىقىپ ؛" قانداق قىز ئۇ، كىچىلەردىمۇ مەسلەرنى ئىشىك ئالدىدا ساقلىتىپ، ئادەمنى بىزار قىلىپ، ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ، ھازىرقى ياشلاردا ھايا قالماپتۇ جۇمۇ" دىگەچ  سىنى تارتىپ سىرىتقا چىقىرۋەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇف دىدىم. كىچە يىغلاپلا چىقتىم.
ئەتىسى سەھەر، ئىشلايدىغان يىرىمدىن ئىستىپا سورىدىمدە، ئىجارە ياتىقىمنىمۇ قايتۇرۋىتىپ، نەرسە كېرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتىماقچى بولدۇم. ئازغىنە قالغان ۋاقتىمدا بولسىمۇ ئاپام بىلەن تۇرىۋالاي.كىچىكىمدىن دادامدىن يىتىم قالغان ئىدىم. بىچچارە ئاپام مىنى يالغۇر بېقىپ، چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ مۇشۇ كۈنگە ئەكەلگەن ئىدى. ئەمدى بولسىمۇ ئەجرىنى ئاقلارمەن دەپ ئويلىغاندا، تەغدىرگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئىلاج يوق ئىكەن. بىچچارە ئاپام ماڭا قاراپ يۇم-يۇم يىغلايتى، جەينامازادا ئۇزاق-ئۇزاق ئولتۇرۇپ اللاھدىن بىر نىمىلەرنى تىلەيتى، يىغلايتى، پىشانىللىرىمگە سۆيەتتى، ئەمدى بىلدىمكى، ئانا قوينى بىر جەننەت ئىكەن...
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

سىنى كۆرمىگىلى بۈگۈن ساق 3 ئاي بوپتۇ. سەن مىنى ئىزدەپ كېلىپمۇ كۆرىشەلمىگەن ئىدىڭ. ئاپام بۇ ئىشلارنى ساڭا دىمەيدىغانلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاپام سىنى ئۇنى-بۇنى دەپ يولغا سالاتتى، سەنمۇ نەچچە كىلىپ كەلمىدىڭ. ئاڭلىسام سەن بىلىم ئاشۇرۇشقا يېرىم يىللىق باشقا شەھەرگە  كىتىپسەن. بۇمۇ ياخشى بولغىنى، سەن باشقا بىر مۇھىتقا بارغاندا بەلكىم ئىككىمىزگە تەۋە ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتەلەيسەن. بەلكىم سەن كەلگۈچە مەنمۇ بۇ دۇنيادىن ئاللاقاچان كەتكەن بولىمەن.قەلىپ جانەڭدىن خۇددى ئاقار يۇلتۇزدەك تېز غايىپ بولماقچىمەن، لىكىن ساڭا بولغان يۈرۈگۈم ئۇ دۇنيادىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ماڭا ئىشەنگىن، ھايات قاينىمى يۈرەكنى قانچە داۋالغۇتسىمۇ ، يۈرەك يەنىلا ئۆز ساداقەتمەنلىگى بىلەن سۆيگەن يايرىنى ئەسلاشكە قادىر.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


بىر ئېغىز سۆز_____بىر ئوق ئېتىلدى،
ئىچىمدە بىر جانان چىنە چېقىلدى.
بىرنىڭ ھىكايىمىز ئەمدى باشلانغان.
 بەلكىم ئاخىرلاشتى،تۈگىدى،يېپىلدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
75%
ناچار
(3)
25%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • خاسىيەتلىك تاش

    بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بەختى ئىسىمىلىك بىر بالا ئۆتكەنىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەي دادىسىمۇ ئېغىر كرسەلبۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ.جان ئۈزۈش ئالدىدا بەختىنى قېشىغا چاقىرىپ،ساندۇرقىنىڭ تېگىدىن ساقىدەك بىر تاشىنى ئېلىپ؛ -بالام،بۇ خاسىيەتل...

  • سەھرا بازىرىدىكى( ھىكايە)

    ئابدۇرەھمان ئەزىز ئوغلى بۇ سەھرا بازىرى دائىملا شۇنداق قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىسى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنى ئۇماچتەك پاتقاق ، ئۇپىدەك يۇمشاق توپىلىق كوچىلىرىغا جەلىپ قىپ تۇرىدۇ . بۇ بازارنىڭ كوچىلىرى پاراللېل كەتكەن ئۇزۇن ئۇزۇن كوچىلار بولۇپ ، ئادەملەر خۇدد...

  • ئەينەك

    سىنىپىمىزدا بىر نەچچە كەپسىز بالا بار ئىدى.ئۇلار تەنەپپۇستا بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايتتى ياكى توپ تېپىشەتتى.شۇڭا سىنىپىمىزىنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىمۇ پات-پات چېقىلىپ تۇراتتى.مۇئەللىم قىلىغاندىن سىرت،تۈزۈم بويىچە ئەينەكنى تۆلىتىپ جايىغا سالدۇرۇپ قوياتتى. بۈگ...

  • مانا بۇ-مېنىڭ دادام

    يازلىق تەتىلىدە تۇرتۇمغا قاراپ يول ئالدىم.پويىزنىڭ رىتمىلق ئاۋازى مېنى زېرىكتۇرۇپ قويغان چېغى،قۇلۇمدىكى سۈرەتكە تويماي قاراپ ئولتۇرۇپ بىچارە دادامنى ئەسلىمەكتىمەن.ئۇ تولىمۇ جاپاكەش ئادەم.قارا،تېخى تەر بېسىپ قارىداپ كەتكەن ئاق كۆڭۈللىكى بىلەنلا سۈرەتكە چۈش...

  • قىزغانچۇق كالا

    ناھايتى گۈزەل،كەڭرى بىر يايلاق بار ئىكەن.بۇ يەردە ھەر خىل ھايۋانلار ئوتلايدىكەن.بىراق،بۇلارنىڭ تولسى قىزغانچۇق بولغاچقا،بىر -بىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىكەن ،بىرىنى بىرى ھەرگىز يېنىغا كەلتۈرمەي،يىراق-يىراقلاردا تارقاق ئويلايدىكەن،بىرى ئاچ قېلىپ ئۆلسىمۇ،يەنە بى...

  • قارچىغا بالىسى

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • تۇخۇمدىكى ھەقىقەت

    باغ سەيلىسى قىزىغان مەزگىلدە بىرنەچچىمىز يىراق سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مىھمان بولدۇق،تاماق تەييار بولغىچە مىھماندۇست تۇققىنىمىز بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ دەستۇرخانغا قويدى. بىز تۇخۇمغا ئېغىز تىگىپ تۇرۇپلا بىر دۇستىمىزنىڭ جىمجىت ئ...

  • بۆرە خىسلىتى(تەنھا بۆرە)

    [كۈچلۈك روھىي ھالەت] كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى قۇل قىلىدۇ، يۇقىتىدۇ. بۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. بۆرە كۈچلۈك، قوي ئاجىز. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇڭا بۆرە قوينى يەيدۇ. تىمەن ۋە تەمبەل مايمۇن مايمۇنلار دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ....

  • ئالتۇن يۈرەك

    مىنى جەلىپ قىلالماس بولۇپ قالدىڭ ، ماۋۇ ئىككى كۈچۈكىڭ بىلەن كۈزۈمىدىن يوقال ! ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن سانىيە گۈزەل ئەخلاقىلىق ،نازاكەتلىك، كامالىي پەزىلەتلىك خۇشپىچىم ياش چوكان بولۇشىغا قارىماي ، ھاراقكەش شاللاق بىر ئەرنىڭ خورلىشغا ئۇچراپ ئىككى ئوغلى بىلە...

  • پەرىشتە يىغلايدۇ...

    كىسەل ئاسارىتىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئاغرىق دەستىدىن ئىڭراۋاتقان كۈچسىز بەدىنىمنى تولىمۇ، تولىمۇ تەستە مىدىرلىتىپ بار كۈچۈمنى ئاران دىگەندە يىغىپ، كارۋىتىم بېشىدىكى تارتمىدىن ماڭا 3 ئاينىڭ بىرى ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن، سەن ماڭا سوۋغا قىلغان ئاشۇ قارا خاتىرە دە...

  • دادامىنىڭ چامىدىنى

    (ئورخان پاموك) دادام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قوليازما ۋە خاتىرە-دەپتەرلىرى بىلەن تولغان كىچىك بىر چامادىنىنى ماڭا بەردى. ئۇ بۇ قېتىممۇ ھەر دائىمقى خۇشخۇيلۇقى بىلەن ئۆزىدىن، يەنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارنى كۆرۈپ چىقىشىمنى تاپىلىدى. - قېنى كۆر...

  • ئالقاندىكى قوياش

    1878-يىلى قىشىتا كالپۇكلىرى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەن بىر تىلەمچى كوچىدا كېتىۋاتقان تۈرگېلنېغىنىڭ ئالدىنى توستى-دە، قىزىرىپ ئىشىشىپ كەتكەن پاسىكىنا قولنى سۇنۇپ،ئۇنىڭىدىن سەدىقە تىلىدى.يانچۇقىنى خېلىغىچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچنەرسە تاپالىمىغان تۈرگېنېف ناھايىتى ئوڭايس...

  • بىلەيچى بوۋاي

    -بالام،بىلەي دېگەن ئەسقاتىدىغان نەرسە، بىر ئۆيدە كەم دېگەندىمۇ تۆت-بەش پىچاق، بىر-ئىككى قىڭراق. كەكە،پالتا بولىدۇ. بىرەر بىلەي بولسا، ئىشلەتكەندە قىينالمايمىز. بۇرۇنقى چاغلاردا ھەممە ئەركەكلەردە راۋرۇس بىردىن پىچاق بولىدىغان، ئەمدى ئون ئەردىن سورسا.بىر پى...

  • ئانا قەدىرى

    ئاننىڭ بالا ئالدىدىكى ئورنىنى،قەدىرى-قىممىتىنى ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس،ئىنىسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئاننى ھۆرمەتلەپ، ئاسىراپ،قەدىرلەپ كەلىگەن،ئاننىڭ پەرزنىت ئالدىدا كاتتا پەزىلىتى ئۇلۇغ ئورنى يۈكسەك قەدىر-قىمممىتى بار ،بالىغا ئانا چاڭقىغاندا قانائەت،ز...

  • ھايات ياخشىلىق دەرىخىدۇر

    بىر قانغۇ كىشى كېچىسى يول يۈرگەندە دائىم پانۇس كۆتۈرۋالىدىكەن،باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدىن؛ -كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ؛ -سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېن...