ناھايتى گۈزەل،كەڭرى بىر يايلاق بار ئىكەن.بۇ يەردە ھەر خىل ھايۋانلار ئوتلايدىكەن.بىراق،بۇلارنىڭ تولسى قىزغانچۇق بولغاچقا،بىر -بىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىكەن ،بىرىنى بىرى ھەرگىز يېنىغا كەلتۈرمەي،يىراق-يىراقلاردا تارقاق ئويلايدىكەن،بىرى ئاچ قېلىپ ئۆلسىمۇ،يەنە بىرىنىڭ كارى بولمايدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۈنلەردىن بىر كۈنى كالا ئۆزى ئىگىلىۋالغان كەڭرى بىر پارچە يەردە ئوتلاۋاتسا،بىر قېرى قوي كېلىپ كالىنىڭ يېنىدا ئوتلىغىلى تۇرۇپتۇ.كالا قىزغانچۇقلۇق قىلىپ ئۇنىڭىغا قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپتۇ-دە؛
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-ھە،نېمىدەپ كەلدىڭ بۇ يەرگە؟مەن يەيدىغان ئوتنى يەۋاسىنا؟!يوقال كۆزۈمدىن!-دەپ ۋارقىراپتۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ھۆرمەتلىك كالا ئاكا،-دەپتۇ قوي مۇلايىملىق بىلەن،-كۆرۈپ تۇرۇپسىز،يايلاق بولسا شۇنچە كەڭرى،ئوت-چۆپ دېگەن ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ.بۇ يەر ئىككىمىزگىلا ئەمەس،باشقىلار كەلسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.مەنمۇ ئويلاي،سىزمۇ ئوتلاۋېرىڭ.بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بۇلۇپ، دۈشمەن كەلسە بىرلىكىتە قارشى تۇرۇپ،دوستانە ئۆتەيلى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-تولا كاپشىما!نەگە بارساڭ بار، يوقال بۇ يەردىن!-دەپ ۋارقىراپتۇ كالا ۋە قوينىڭ شۇنچە چىرايلىق سۆزىگە قۇلاقمۇ سالماپتۇ.
www.iz.la
-ئۇنداق قىلىماڭ، كالا ئاكا،-دەپتۇ قوي يەنە يالۋۇرۇپ،-مەن ئوتنى سىزدەك چاينىمايلا يالماپ يۇتالمايمەن ،پەقەت ئوتىنىڭ ئۇچىنىلا يەيمەن،بۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق...
لېكىن،قىزغانچۇق كالا بىچارە قوينى ھەيدىۋەتمەكچى بۇلۇپ،رەھىمىسىزلىك بىلەن ئۈسۈشكە باشلاپتۇ.ئاخىر بىچارە قوينىڭ ئۈچەي-باغرىنى چۇۋۇپ تاشلاپتۇ .دەل شۇ پەيىتتە ئىككى ئاچ بۆرە كېلىپ قاپتۇ .كالا دەرھال ئېچىپتۇ.لېكىن بىچارە قوي ئېغىر يارلانغانلىقىتىن قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئورنىدىنمۇ تۇرالماي يېتىپ قاپتۇ ۋە قېچىپ كېتىۋاتقان قىزغانچۇق كالىنى غەزەپ بىلەن قارغاشقا باشلاپتۇ؛ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-سەن قىزغانچۇق،ئاچ كۆز ئىپلاس،مېنى مۇشۇنداق ناكار قىلىپ قويمىغان بولساڭ،مەنمۇ قېچىپ كېتەلەيتتىم ياكى ئىككىمىز بىر بۇلۇپ بۆرە بىلەن ئېلىشاتتۇق،ئالدىرماي تۇر،مۇشۇ قىزغانچۇنچۇقلۇقۇڭ،ئاچ كۆزلۈكۈڭ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سېنىڭىمۇ بېشىڭىغا چىقىدۇ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۆرىلەر ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىچارە قوينى پاك-پاكىز يەۋېتىپ يەنە مېڭىپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
قورقۇپ كەتكەن كالا شۇ قاچقىنىچە يايلاقىنىڭ ئۇ چېتىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ يەردە بىر ئات ئوتلاۋاتقانىكەن،كالا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەمدىلا ئويلىشغا ئاتمۇ قىزغانچۇقلۇق قىلىپ ۋارقىراپتۇ؛
-نەدىن كەلگەن ئاچ ئەرۋاھسەن؟يوقال!
-بۇرادەر ئات،ماڭا رەھىم قىلىغىن، يايلاق كەڭرى،
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
سەنمۇ ئوتلا،مەنمۇ ئوتلاي، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بۇلۇپ ياشايلى،-دەپتۇ ئۇنىماپتۇ، ھەتتا كالىنى تېپىشىكە باشلاپتۇ،ئات تېپىۋېرىپ كالىنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ.كالا يېقىلىپتۇ.شۇ ئەسنادا ھېلىقى ئىككى بۆرە بۇ يەرگە يېتپ كەپتۇ.ئات دەرھال قېچىپتۇ، كالا بولسا قاچالماپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
-ھە،نەگە بارماقچىدىڭ؟-دەپتۇ بۆرىلەر خۇشال بولۇشۇپ،-بايا قېچىپ كېتىۋىدىڭ،ئەمدىغۇ قولغا چۈشكەنسەن!
كالىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىپتۇ، بايىلا قويىنىڭ ؛(ئالدىرماي تۇر، مۇشۇ قىزغانچۇقلۇقۇڭ،ئاچ كۆزلۈكۈڭ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سېنىڭىمۇ بېشىڭىغا چىقىدۇ)دېگەن سۆزلىرى ئېسىگە چۈشۈپتۇ ۋە ئۆز قىلىمىشىڭىدىن ئېچىنىپ؛(بىچارە قوي گېپىڭ توغرا ئىكەن،قىزغانچۇقلۇق،ئاچ كۆزلۈك قىلىمىغان بولسام،سېنىڭ جېنىڭىغىمۇ زامىن بولمايتتىم، مەنمۇ بۇ ئاقىۋەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم.خەير،ئاتمۇ ماڭا قىزغانچۇقلۇق قىلدى،بۇنىڭ ئاچ كۆزلۈكىمۇ ئاخىر بىر كۈنى بېشىغا چىقىدۇ!)دەپ يىغىلىۋېتىپتۇ.
بۆرىلەر بولسا كالىنى مەززە قىلىپ يېيىشىكە باشلاپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛ ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن