-كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ؛
-سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېنى سوقۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن،شۇنداق قىلىسام ھەم ئۆزەمگە خەۋىپ يەتمەيدىكەن،ھەم ئۆزۈمىگىمۇ ياردەم بۇلۇپ قالىدىكەن،-دەپتۇ.
گەرچە كىشىلىك دۇنيا سان-ساناقسىز ئادەملەرنىڭ ئارسىدا ياشىسىڭىزمۇ،ھاياتلىق يولىنى تەنھا بېسىپ كىتىسىز.ھېچكىم سىزنىڭ قايسى يولدا ماڭىدىغانلىقىڭىز،قەيەرگە باردىغانلىقىڭىزنى ئۇقمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يوللار شۇ قەدەر نائېنىق ۋە قاراڭغۇ،قارىسىڭىز سىز ئۆزىڭىزنى ھامان باشقىلارنىڭ يۇرقىدا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ،شۇنداق يەنە چىراغ نۇرىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىنى يورۇتقان بولىدۇ،چۈنكى ئادەم زاتىنىڭ ھەممىسى بىر بىرىگە،توغرىسى يۇرۇقلۇققا،ياخشىلىققا مۇھتاج، گەرچە ھەممە ئادەمىنىڭ ئۆز يولى بولسىمۇ ۋە ئۇنى ئۆزى مۇستەقىل باسىسىمۇ،بەرىبىر باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسىنا بولالمايدۇ.
داۋۇت ئائىلىسى بىلەن ئاۋۇت ئائىلىسى ئۈچ ئەۋلادقىچە دۈشمەنلىشىپ كەلگەنىكەن،ئالدىنىقى يىللىرى تېخى پات-پات ئۇرۇشۇپ تۇراتتىكەن،بىر كۈنى داۋۇت بىلەن ئاۋۇت كىچىلىك بازاردىن چىقىپ،قېرىشقاندەك بىرلا ۋاقىتتا كەنتكە قايتىدىغان يولغا چۈشۈپ قاپتۇ.ئۇلار بىر-بىرىگە پەرۋا قىلىماپتۇ.كېتىۋېتىپ داۋۇت توساتتىنلا ئاۋۇتنىڭ (ۋايخان!)دەپ توۋلىغىننى ئاڭلاپتۇ.بېرىپ قارىسا داۋۇت ئېھتىياتسىزلىقىتىن ئۆستەڭدىكى كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن.ئۇنىڭ تىرشىپ-تىرمىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتۋاتقانلىقىنى غۇۋا كۆرۈنۈپتۇ.داۋۇت سۆگەت چىۋىقىدىن بىر تال سۇندۇرۋاپتۇ-دە، ئۇنى سۇنۇپ ئاۋۇتنى خەتەردىن قۇتۇلىدۇرۋاپتۇ.ئاۋۇت قىرغاققا چىققاندىن كىيىن؛
www.iz.la
-مېنى نىمىشىقا قۇتۇلىدۇرۋالدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ياخشىلىقىڭىنى قايتۇراي دەپ.-جاۋاپ بىرىپىتۇ داۋۇت .
-ياخشلىقىڭىنى،قايسى ياخشلىقىمىنى دەيسەن؟
-سەن مېنى قۇتۇلدۇرۋالدىڭ-دە.
-سېنى قانداقسىگە قۇتۇلدۇرۋالدىم؟
-ئەگەر سەن ۋايجان دەپ توۋلىمىغان بولساڭ ئىككىنىچى بۇلۇپ كاچكۇلىغا مەن چۈشۈپ كەتكەن بۇلاتتىم..
-ياخشىلىقىقا ياخشىلىق قايتۇرمىسام يارىشامدۇ؟!
سىزنىڭ ۋە ئەتىراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ھامان كۈتۈلمىگەن ئىشىلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.باشقىلار سىزگە ئۆزىنىڭ ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى ئېتمىغان تەقدىردىمۇ.سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىڭىزنى ئاقىلانىلىك بىلەن تۇنۇپ يەتكىنىڭىزدە غەرەزسىز ئۆزلىكىڭىزدىن ياخشىلىق چىرغىنى ياندۇرىسىز .ياخشىلىق بىلەن ھايات قىممەتكە ۋە ئاجايىپ يۈكسەك گۈزەللىكىلەرگە ئىگە بولىدۇ.ئەگەر ئىنىسانلار ئارسىدا ياخشىلىق بولمايدىكەن،دۇنيانىڭ بۈگۈنى تەسەۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ھەر قېتىم خەلقىمىز ئارسىدا مەشھۇر كىشىلەرگە بېغىشلانغان داستان-قىسىلەر،ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە يۇرۇت مەھەللە، دەريا-ئۆستەڭ ناملىرىغا باغلانغان شەخسىلەر ئوبرازىنى تارىخىي رېئاللىق نوقتسىدىن كۆزەتكىنىمىدە،ياخشىلىقىنىڭ قۇدرىتىدىن تىلىم لال بۇلىدۇ.ئاشۇ ئۆمىرىنى ئەل- تۇرتىنىڭ تىنىچ-ئەمىنلىكى، بەخىت-ئاسايشلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئىزگۈ ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەس روھىغا غايىبانە قايىللىق ئىچىدە ئاپىرىن-تەھىس ئوقۇيمەن ۋە ھايات يوللىرىمىدىكى پارلاق يورۇقلۇقىنى كۆرگەندەك بولىمەن،(ياخشىلار ئۆلمەس) دېگەن ھېكىمەت ئىختىيارسىز چىن پۈتىمەن،ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنكى ئۆلمەس ياخشلىق ئىگىلىرىنى كۆز ئالدىمىغا كەلتۈرىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىزگە ياخشىلىق ئۈچۈن ھېچنېمە كەتمەيدۇ.يەنە كېلىپ ئەگەر سىز ياخشىلىق قىلىشنى خالىسىڭىزلا ھەر قاچان بۇنداق ئىزگۈ مەقسەتكە يېتەلەيسىز.كىشىلەر ئەل ئارسىدا ياخشىلىق قىلىشنى خالىسىڭىزلا ھەر قانچە بۇنداق ئىزگۈ مەقسەتكە يېتەلەيسىز،كىشلەر ئەل-ئارسىدا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياشايدىغان ھۆرمەتلىك كىشىلەرنى پەرشىتىلەرگە ئوخىشتىدۇۋە پەرىشتىدەك كۆرۈشىدۇ.پۇلىڭىز بولمىسا مېلىڭىز بولىدۇ،ئۇ بولمىسا تىلىڭىز بولىدۇ،ئۇمۇ بولمىسا دىلىڭىز بولىدۇ.سىز خالىسىڭىزلا يەنە كېلىپ تەبئىتىڭىزدە بولسىلا،ھامان سىزگە ياخشىلىق قىلىش پۇرىسىتى ناھايىتى كەڭ ۋە كۆپ...
شۇنداق ياخشىلىق قىلىش بىر پۇرسەت، نۇرغۇن كىشىلەر بىپەرۋالىقىدىن،ھاكاۋۇرلۇقىدىن،تاشيۈرەكلىكىدىن بۇنداق پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپ پۇشايمانغا قالىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىنىسانىيەتنىڭ بىر ياخشى ئەزاسى قارسىڭىز،ئۇنداقتا ئەتىراپىڭىزغا،ئۆزىڭىزگە نەزەر سېلىڭ،ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىڭ.
راسىت،ھەم ئۆزىڭىزگە ياردەم (ياخشىلىق)قىلىڭ.يەنە تەخىرسىزلىك بىلەن ئاق كۆڭۈل بۆلۈپ، مەۋجۈتلۇقىڭىزنى يۈكسەكلەشتۈرۈڭ.تىرشچانلىق كۆرسىىتىپ كۈچ قۇدىرتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ .ئاندىن مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن ، باشقىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ.سىزدىن ياردەم سوراپ سۇنغان قوللارنى ئۈمىدسىز قالدۇرماڭ.بىلىشىڭىز كېرەككى،كىشىلىك ھاياتتىكى ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى باشقىلارغا غەرەزسىز ۋە مىننەتسىز ھالدا قىلىغان ياخشىلىقىتىن كېلىدۇ.بەلكىم سىز ئاپتوبۇستا ياشانغا بىر كىشىگە ئورنىڭىزنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە،قەلىبى ئۈمۈدىسىزلىك بىلەن تولغان بىرىسىنىڭ قەلىبىگە ئۈمىدىلىك تەسەللىلەرنى بەرگەندە بىراۋنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋېلىپ مىڭبىر جاپادا ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندە،ناتونۇش،غەمكىن كىشىگە ئىللىق كۈلۈمسىرىگەندە،يول ئوتتۇرسىدىكى تاشنى ئېلىۋەتكەندە،سىزگە مىڭ ئۈكۈپ-تىرىلىپ ھالىنى ئېيىتىپ كەلگەن ھاجەتمەننىڭ قىيىنىچىلىقىنى ھەل قىلىغاندا ،يېقىلىپ چۈشكەن بىرسىنى يۆلىگەندە...قۇياشىنىڭ بىر سىزگىلا مەمنۇملارچە كۈلىۋاتقاندەك،ھاياتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۈكسەك گۈزەللىك ئىچىدە نۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك بقر ئۇلۇغۋار تۇيغۇدا بولغانسىز،ئەنە شۇنداق چاغلارد بۇ دۇنيادا ياشاپ قېلىشىنىڭ نەقەردەر كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى رازىمەنلىك بىلەن ھېس قىلىغانسىز،كاتتا ئەمەل-مەنسەپلەر،غاۇەت زور مال-دۇنيادىن ئالالمىغان ھوزۇر-لەززەتكە ئېرشكەندەك شادىلىنىپ كۈلگەنسىز؟
راسىت،ئىنىسان ئىز گۈلۈك ماقامىدا تۇرغاندا،ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە سۆزىدە ئوي-خىياللىرىدا ئوخشاشلا ئىزگۈلۈك،ياخشىلىق بولمىغان بولسا، ھاياتىنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىمۇ بولمىغان بولاتتى...
جەمئىيىتىمىزدە ياخشى كىشلەر يەنىلا كۆپ، باشقىلارنىڭ نامراتلىقى، ئوقۇشسىز قالغانلىقى،تايانچىسىز قالغانلىقى،يول تاپالماي تىڭرقاپ قالغانلىقى، ھايات يوللىرىدىكى تۈرۈك ئامالسىزلىقىلىرى ئۈچھۈن زېھنى،پۇل-مېلى ۋە ھاياتنى سەرپ قىلىۋاتقان، قەلىبى ئاتەش كىشىلىرىمىز ھەممە يەردە بار. تېخى ھازىرغىچە دۇنيادا ياخشلىقى قىلىپ نەزەردىن قالغان ،ئۇنتۇلغان بىرمۇ كىشى يوق.كىم قانچىلىك تېرىسا شۇنچىلىك يىغىۋالىدىغان بۇ دۇنيادا ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە بېقىپ لايىق ھۆرمەت ۋە ئىززەتكەئېرىشىدۇ،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن ئەقىللىق ئىنىسانلارلار ئۆمرىنى ياخشىلىق بىلەن قىممەتكە ئىگە قىلدۇ. بۇ ھەقىتە بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دەيدۇ؛
خۇدا بەرسە كىمىگە ئەقلۇ ھۇش بىلىگ،
تولا ياخشىلىققا ئۇزاتۇر ئىلگ.
شۇنداق،دۇنيا ۋە ھاياتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ ياخشلىققا قول ئۇزارتىدۇ،ھېچكىم ئۆز نەپسى-خاھىشلىرىنىڭ دېڭىزنى تولدۇرالمايدۇ. شەخسىيەتچىلىك پەقەت ئۆزى بىلەنلا بۇلۇش كىشىنى ئازابلىق تۇرمۇش ئاقىۋىتىگە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز قەدىرىيىتىنى يوقىتىشىقا يۈزلەندۈرىدۇ.
ياخشىلىق ھەتتا زىيارەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ،ئوخشاشلا كىشىگە خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى بەخىش ئىتىدۇ.شۇڭا،بۈيۈك كىشىلەرنىڭ ھېچقاندىقى توغرا كەلسىلا ياخشىلىقىتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئەمەس،نەۋائى ھەزىرەتلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛
ئىز تورى بەك ياخشى
كىشىلەر خىزمىتىدىن تارتىمىغىل باش،
پەلەكتىن ياغسىمۇ باشڭىغا گەر تاش.
ئەگەر شۇ تاش ىبلەن باشىڭ يېرىلىسا،
بەخىتىنىڭ بەلگىسى بىل تاتۇغى قالسا.
شۇبھىسىزكى،ھاياتتىن زارلانما ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كىشىلەردىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسىپاتلىسىڭىزلا، بۇ دۇنيادا بىر ياخشىلىقىنى پەيدا قىلالايسىز.بىر ياخشىلىق يەنىمۇ كۆپ ياخشىلىققا سەۋەب بولىدۇ.ئۆمرىڭىزنىڭ پۇشايمان پۇشايمان ۋە مەنىسىزلىكىتىن مۇستەسنا بولۇشى ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىڭ،ئۇنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ ئەتىراپىڭىزدا ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلىشتىن ئارتۇق ھېچقانداق ئۇلۇغ ئىش يوق .
دەرھەقىقەت،(ئىنىسان بېغىنىڭ ئەڭ گۈزەل دەرىخى ياخشىلىقىتۇر)
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد