ئوتتا تاۋىلانغان مۇھەببەت ھىكايىسى

ۋاقتى:2011-04-15 11:09مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
       ئامېرىكا ‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى›› ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ، بىر ئانا قۇشنىڭ زور ئوت ئاپىتىدە ، ئۆزىنىڭ تېخى ئۇچۇرما بولمىغان بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىش يولىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك بىر تەسىرلىك ۋەقە تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە سۈرەت بېرىلگەن . بۇ سۈرەتنى كۆرگەن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ، بۇ پىداكار قۇشقا مەدھىيە ئوقۇغانىدى .
   ئامېرىكىنىڭ سېرىق تاش دۆلەت باغچىسى 1872–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، دۇنيادىكى بىرىنچى دۆلەت باغچىسى ئىدى . ئۇ ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى شىمالىي روككى تېغى ۋە ئوتتۇرا روككى تېغىنىڭ ئارىسىدىكى لاۋا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، 1988–يىلى بىر دەرەخ كەسكۈچى تاشلىۋەتكەن تاماكا قالدۇقى بۇ باغچىدا زور ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلىدۇ . ئوت 790 مىڭ ئىنگلىز مو يەرگە كېڭىيىپ ، باغچىنىڭ %36 ى ، يەنى 410 مىڭ ئىنگلىز مو يەردىكى ئورمان كۆيۈپ كېتىدۇ . ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى كونكرېت زىياننى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولۇپ ، پۈتۈن تاغنى ئايلىنىشقا باشلايدۇ . بۇ چاغدا ، ئورمانلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە ، كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن ياكى كۆيۈپ سۇس قارا ئىس چىقىپ تۇرغان دەل–دەرەخلەردىن باشقا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە نەرسە كۆزگە چېلىقمايدۇ .

www.iz.la


     ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرەيلەن ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ ، تۇيۇقسىز خارابىلىكتىن بىر قۇشنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن جەسىتىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ . ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ، ئۇ قۇش چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ كۆتىكىنىڭ تۈۋىدە ، قانىتىنى كەڭ يايغىنىچە ، قانىتى بىلەن بىر نەرسىنى ھىمايە قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە ياتقان ئىدى . بۇ قۇشنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى كىشىگە گوياكى بىرەيلەن مەخسۇس ئاشۇنداق كۆرۈنۈش ياساپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى . لېكىن ، بۇ بىرەيلەن ياساپ قويغان ساختا كۆرۈنۈش بولماستىن ، بەلكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھەقىقىي مەنزىرە ئىدى ، شۇنداقلا كىشى قەلبىنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغان سۆيگۈ–مۇھەببەت مېلۇدىيەسى ئىدى .

www.iz.la


   بۇ غەلىتە مەنزىرىدىن ھەيران بولغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بىر تال تاياق بىلەن قۇشنىڭ جەسىتىنى ئاستا ئىتتىرىپ باقىدۇ ھەم يەنە قۇشنىڭ جەسىتى ئۈستىگە بىر نەچچىنى يېنىك ئۇرۇپ باقىدۇ . بۇ چاغدا ، ئۆلۈپ كەتكەن قۇشنىڭ قانىتى ئاستىدىن ئۈچ دانە تېخى ئۇچۇرما بولمىغان قۇش بالىلىرى ئوماق كۆزلىرىنى ئەتراپقا ھەيرانلىق نەزىرىدە تىككىنىچە ئاستا مېڭىپ چىقىدۇ . بۇ مەنزىرىدىن ئورمان مۇھاپىزەتچىسى تېخىمۇ ھەيران قالىدۇ . چۈنكى ، بۇ قۇش بالىلىرى ئانا قۇشنىڭ ھىمايىسىدە ھېچقانداق زىيان–زەخمەتكە ئۇچرىماي ، ئامان قالغانىدى . ئەسلىدە ، زېرەك ئانا قۇش قويۇق ئىسنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن ، بىر ئاپەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئالدىدىن ھېس قىلىپ ، بالىلىرىنى دەرھال بۇ چوڭ دەرەخ تۈۋىگە يىغىپ ، ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىۋالغانىدى . www.iz.la
    ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئانا قۇش ئوت كەتكەن بۇ ئورمانلىقتىن ئامان–ئېسەن ئۇچۇپ كېتەلەيتتى ، ئەمما ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى بۇنداق دەھشەتلىك ئوت يالقۇنىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە پەقەت كۆڭلى ئۇنىمىغانىدى . نەتىجىدە ، كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ناھايىتى تېزلا بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىۋاتقان بۇ ئانا قۇشنىڭ يۇمران پەي–قاناتلىرىنى كۆيدۈرۈپ ، ئۇنى گوياكى ھەيكەلدەك قاتۇرۇپ قويىدۇ . تېخىمۇ تەسىرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئانا قۇش ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ، تاكى ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغىچە خۇددى بىرى قاتۇرۇپ قويغاندەك ، باشتىن ئاخىر بىر خىل ھالىتىنى ساقلاپ قالغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئۇ، ھېلىقى قارا ئىس–تۈتەكنى كۆرگەن چېغىدىلا ، بالىلىرىنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قۇربان قىلىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانىدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   مۇھەببەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشىدۇر ، مۇھەببەت بولغاچقىلا بۇ دۇنيا گۈزەل ھەم سۆيۈملۈكتۇر . بۇ يەردە ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدە ، ئانا بالىلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا ، ھەرقانداق ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەر زامان تەييار تۇرىدۇ . شۇنداق ، ئانا مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ مۇقەددەس ، ئەڭ قۇدرەتلىك مۇھەببەتتۇر . ئانا ئۆز ۋۇجۇدىدىن تامغان ئاشۇ سۆيۈملۈك بالىلىرىنىڭ ھاياتى ، بەخت–سائادىتى، كېلەچىكى ئۈچۈن شىددەتلىك ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريالارغا سەكرەشكە ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلاردا ئازابلىنىشقا ، مۈشكۈل داۋانلاردا ، ئۇزۇن سەپەرلەردە ھېرىپ–چارچاشقا ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا رازى بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    بۇ ئانا قۇشنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك بۇ تەسىرلىك ھېكايىسىمۇ ، خۇددى بىزنىڭ مېھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مۇھەببىتىدەك ، ساپ ، پاك ھەم غەرەزسىز مۇھەببەت ئىدى . بۇ ئانا قۇش ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىزگە ، پەقەت ئۇلۇغۋار مۇھەببەتلا بارلىق ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، بۇ ئانا قۇشنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك، بۇ تەسىرلىك ھېكايىسى بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي يادلىنىدۇ .
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ھايات ياخشىلىق دەرىخىدۇر

    بىر قانغۇ كىشى كېچىسى يول يۈرگەندە دائىم پانۇس كۆتۈرۋالىدىكەن،باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدىن؛ -كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ؛ -سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېن...

  • كاۋاپچىنىڭ كەچۈرمىشى

    سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرت...

  • ئوتتا تاۋىلانغان مۇھەببەت ھىكايىسى

    ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ، بىر ئانا قۇشنىڭ زور ئوت ئاپىتىدە ، ئۆزىنىڭ تېخى ئۇچۇرما بولمىغان بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىش يولىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك بىر تەسىرلىك ۋەقە تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە سۈرەت بېرىلگەن . بۇ...

  • گال پىچاق

    خۇ فاشەن جاڭ جېجې ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى بولۇپ، خېلى نامى بار ئۆسمە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى. شۇڭا كىشلەر ئادەتتە ئۇنى جاڭ پىچاق دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا كەسىپداشلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپلا قالم...

  • تازلىقى يوق لەغمەن

    ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ دەپ...

  • كۆك كەپتەر

    تومۇزنىڭ تەپتى يەر جاھاننى كۆيدۈرەتتى. ئاسفالت يول ئۈستىدە گىرىمسەن نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇراتتى.ئېرىگەن قارا مايىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئېھسان ئىككى تەرىپىگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى. يۈزلىرى...

  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...