(مىكرو ھېكايە)
مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرى كېلىپ كۆزۈمنى ئېتىۋالدى.
ـــــ كىمسىز؟ - سورىدىم جىلە بولۇپ.
ـــــ قېنى مېنىڭ كىملىكىمنى تېپىپ بېقىڭە؟ - بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـــــ مەن بىلەلمىدىم، بولدى كۆزۈمنى قويۇۋېتىڭ، - دېدىم بىرئاز تېرىككەن ھالدا.
ـــــ بولمايدۇ، تاپالمىسىڭىز ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن، ياخشى ئويلاپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىڭىز، ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس، - ئۇنىڭ ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ چىقتى.
ـــــ سىز شىياۋۋاڭمۇ؟
ـــــ ئەمەس.
ـــــ شىياۋلىمۇ؟
ـــــ خاتا.
ـــــ شىياۋجاڭمۇ ئەمىسە؟
ـــــ ياخشىغۇ، سىزمۇ چاغلىقكەنسىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا چىققىلى نەچچە ئاي بولا - بولمايلا ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز - ھە؟ ئەمدى مېنى مېھمان قىلمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ؟ - دېدى ئۇ تېرىككەن قىياپەتتە.
ـــــ بولىدۇ، بولىدۇ. مەن سىزنى مېھمان قىلاي، قولىڭىزنى قويۇۋېتىڭ، - دېدىم مەن ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ.
ـــــ مېھمان قىلىشقا ماقۇل بولدىڭىز - ھە؟ لېكىن مەن ئىشەنمەيمەن، ھازىرقى ئىسىتۇدىنتلار بىر - بىرىدىن ھىيلىگەر، مۇنداق بولسۇن ئەمىسە، سىز سومكىڭىزنى ماڭا تۇتقۇزۇڭ، قېچىپ كەتمەڭ يەنە؟ - دېدى ئۇ قولىنى سەل بوشىتىپ.
ئىز تورى www.iz.la
مەن سومكامنى ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن ئۇ قولىنى بوشاتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم، كۆزۈمنى بىر ئاز ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن يانچۇقۇمدىن كۆزئەينىكىمنى ئېلىپ تاقاپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم. كەينىمدە ‹‹ساۋاقدىشىم›› كۆرۈنمەيتتى.
نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن قاتتىق ۋارقىرىدىم:
ـــــ ئوغرىنى تۇتۇڭلار...
مەنبەسى؛نۇر تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!