ئادىلجان توختى
‹‹ئاۋۇتجاننىڭ خىزمەت پوزىتسيسى ھەممىزگە مەلۇم ،مەكتىۋىمىزنىڭ تۆھپىكارى بۇ يىگىت،ئوقۇتقۇچى دىگەن مۇشۇنداق تىرشچان بولۇشى كىرەك...››
مەكتەپ مودىرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەنلا، كىچىككىنە زال خۇددى سۇ ئاستىدەك جىمجىت ۋەسۈرلۇك تۈس ئالدى.مەكتەپ مودىرى بىرلا ئېغىز ئاچسا، ئاقنى قارا،قارىنى يىشىل قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان تىلى ئۆتكۈر ناتىقلاردىن ئىدى.ئۇ مەغرۇرانە قىياپەتتە بويىغا خىلىلا چوڭ كىلىپ يوغان قورسىقنى تەستە كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى- دە ،گەپنى باش تىمغا قايتۇرۇپ ،بۈگۈنكى قاتناشقان يىغىنى ۋە يىغىندىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈشتىكى ئىلغار ئورۇنلارنى باھالغانلىق توغرسدا قايتىدىن ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-بىزنىڭ مەكتەپ بۇلتۇرقىدىن تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق ئۆتكۈزدۇق،يىغىندا رەھبەرلەر بىزنىڭ خىزمىتمىزنى ناھايتى يۇقىرى باھالدى،- ئۇنىڭ بۇ جۈمىلنى ئېيىتقاندىكى تەلەپپۇزى ۋە ھاياجانلىق تۇرقىنى كۆرۈپ،باياتىندىن بېرى بىر قىزىپ ،بىر سوۋوپ سۆزلەۋاتقان مەكتەپ مودىرغا قاراپ ھىچنەرسىنى ئاڭقىرالمىغان ئوقۇتقۇچلار بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ، بىر-بىرگە مەنلىك قاراپ قويۇشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-گەپنى يىغىپ ئىيىتساق،-دىدى مەكتەپ مودىرى بۇدىرۇققىنە يۈزلىردىن تامچىپ، ئېغىزلىرغا كىرىپ ئۈلگۈرگەن تەرلىرنى سۈرتۈپ.-ئاۋۇتجان بۇ خىزمەتلەردىكى باش تۆھپىكار ،شۇڭا ئۇنىڭغا مەكتەپ مەمۇرىيىتى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 500يۇەن موكاپات بىرىشنى قارار قىلدۇق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەكتەپ مودىرى سۆزىنى تۈگتىپ ،ئۈستەل ئۈستىدىكى يوغان قارا تاشلىق خاتىرە ئىچىدىن پۇلنى چىقىرىپ،ئوقۇتقۇچلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،بىر ۋاراق-بىرۋاراقتىن قىلىپ ،ئاۋۇتجاننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.تۇتقۇزدىيۇ قولنى خۇددى توك سوقۋەتكەندەك تىز تارتىپ، ئوقۇتقۇچلارغا يۈزلىنىپ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چاۋاك چالدى.بۇ ئۇنىڭ‹‹ئالقىش ياڭرىتىڭلار››دىگىنى ئىدى.زال ئىچىدە ئۇ يەر-بۇ يەردىن خۇددى قوناق ئېتىلدۇرغاندەك پاق-پۇق ‹‹ئالقىش››ياڭرىدى.
ئاۋۇتجان بۇ مەكتەپكە كەلگىلى 3يىلدىن ئاشقان ياش ئوقۇتقۇچى بولۇپ،مۇشۇ 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىنىپنى ئۇ خىزمەتكە چۈشكەن كۈنىلا قولىغا ئالغاندى.بۇ سىنىپتىكى بالىلار ياش جەھەتتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسمۇ،بىلىم قۇرۇلمىسى خېلىلا تەكشىسىز ئىدى.ئوقۇتقۇچى كۆپ ئالماشقانلىقتىن يېرىمى دىگۈدەك چالا ساۋات،يەنە تېخى ساۋاتسىزلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاۋۇتجان سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنلا قانچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كىرگەن بولسا ،ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆڭۈلسىز بولدى.ئەسىلدىكى سىنىپ مودىرى پىنسىيگە چىقىپ كىتىپ ،مەخسۇس ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇپ باقمىغان بالىلار تام-دوسكىلارنى ساق قويغاندىن باشقا نەرسىلەرنى بىرەر قۇر بۇزۇپ ئۈلگۈرگەندى .ئاۋۇتجان شۇ كۈنىلا مەكتەپ مودىرى ئىشخانسىغا كىردى.
تەجىربىلىك مودىر بىر قاراپلا ھەممە ئىشنى چۈشەندى-دە ئورۇندۇقنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: -نىمە بولدى داشۆسىڭ؟-دىدى.
-بۇ قانداق سىنىپ، مودىر؟51 بالا بەك كۆپ ئەمەسمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە چالا ساۋات بالىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن،قانداق ئوقۇتمەن بۇ سىنىپنى؟-ئاۋۇتجان گىپنىڭ ئاخىرنى خۇددى باتارىيە ئاجىزلاپ لىنتا چاينىغان ئۈنئالغۇدەك دۇدۇقلاپ بارا-بارا تۆۋەن قىلىپ ئىچىگە يۇتتى.
مەكتەپ مودىرى ئورنىدىن تۇرۇپ،ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى-دە، سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
-بۇ سىنىپ راسىت سەل ئالاھىدرەك، ئۇكا.بىرىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققىچە جەمئى 9 ئوقۇتقۇچى ئالمىشىپ بولدى.سەن10-سى دىگىنە .قانداق قىلىمىز ئۇكا، مەكتەپ بولغاندىن كىيىن يۆتكىلىش بولۇپ تۇردۇ،يۆتكىلىش بولغاندىن كىيىن بار كۈچتىن پايدىلىندىغان گەپ،ھەتتا ئوقۇتقۇچى يوق مەنمۇ بىر قانچە ئاي ئوقۇتقان دىگىنە ئۇ سىنىپنى...
مەكتەپ مودىرى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، نېمنىدۇر خاتا سۆزلەپ قويغاندەك، ئىتتىك ئاۋۇتجاننىڭ چىرايىغا قاردى.ئۇنىڭ چىرايدا ھېچقانداق ئىپادنىڭ يوقلۇقنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىنلا سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-سەن كېلىشنڭ ئالدىدا دەم ئېلىشقا چىققان خانىممۇ 32يىل ئوقۇتقۇچلىق قىلغان ،ناھايىتى كېسەلچان ئىدى.ئەسىلدىغۇ ئۇنىڭغا سىنىپ بەرمەي ،ئارقا سەپ ئىشلىرغا ياردەملەشتۇرگەچ،ياشلارنى يىتەكلەر دىگەن.بىراق مەكتەپتە ئادەم كەمچىل، شۇڭا ساڭا بەرگەن سىنىپقا قارغان.ئەمدى سەن كەلدىڭ ،ئوقۇغۇچى‹‹ ياخشى، يامان›› دەپ ئايرىلمايدۇ.راسىت گەپنى قىلغاندا بۇ دىگەن ئۆزۈڭنى نامايەن قىلدىغان ياخشى پۇرسەت ،چۈشەندىڭما ؟-مودىر شۇنداق دىدى-دە ئاۋۇتجاننىڭ غۇلغا يىنىككىنە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ، تۇرۇپ كەتتى.
‹‹ئۆزۈڭنى كۆرسىتدىغان پۇرسەت››؟ ئاۋۇتجان مودىر ئىشخانسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، بۇ گەپنى نەچچە قىتىم تەكرارلاپ چىقتى.بىراق سىنىپقا كىرپلا قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، بىر خىل چۈشنىكسىز ئىپادە ۋۇجۇدىنى چۇلغۇۋالدى.شۇ تاپتا سىنىپىتىكى ئوقۇغۇچلار ئۇنىڭغا بىردە قىپقىزىل گۈل بولۇپ كۆكرىكىگە تاقالغاندەك تۇيۇلسا،يەنە بىردە ئاللىقانداق شەكىلسىز نەرسىلەردەك كۆرنۈپ، بەدىننى سوغۇق تەر باساتتى. ئىز تورى www.iz.la
ئاۋۇتجان ‹‹ئۆزنى كۆرسىتدىغان پۇرسەت ››نى قانچە ئويلاپمۇ تىگىگە يېتەلمەيۋاتاتتى ،سىنىپ باشقۇرۇشتا باشقا ئوقۇتقۇچلارنى دوراپ، ئۇنى-بۇنى قىلىپ قويغان بولسىمۇ،ھەركۈنى يېڭى-يېڭى مەسىللەر چىقىپ تۇراتتى . دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئىنتىزام توغورلۇق ئىنكاس قىلىپ ھارمايىتتى ،ئوقۇغۇچلار ئارسىدكى ئۇرۇش –جىدەل ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ،جىدەللەشكەن ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاتا-ئانلىرى كىلىپ ،بىر مونچە ھال ئىيتىپ قايتىشىتى . ئالدىراشلىق ئىچىدە ئىككى ئايغا يىقىن ۋاقىت ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .بۇ جەرياندا ئاۋۇتجانمۇ خېلىلا ‹‹پىشىپ››قالغاندى .ھەتتا بەزىدە ‹‹ئىنتىزامسىز ،داۋامسىز ،كەپسىز ››لەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشتا ‹‹ئۈزگىچە ئۇسۇل ››يارتىپمۇ بولغاندى .بىراق ئاۋۇتجاننىڭ ‹‹ئۈزگىچە ئۇسۇل ››لىرى كۆپەيگەنچە ئوقۇغۇچلار ئىچىدىن يىڭى مەسىللەر پەيدا بولىۋەردى .ئۇ سىنىپ بوسۇغىسدىن پۇتىنى سىرتقا ئېلشىغىلا ،سىنىپ ئىچى ‹‹قايناق بازار ،سېرىك مەيدانى ››غا ئايلىناتتى .
‹‹بولدىلا –دىدى بىر كۈنى ئۇ ئويلاپ ئولتۇرۇپ ،-نىمىمۇ قىلارمەن بۇنداق جىنىمنى قىيناپ ،ناھايتى كەلسە...››
ئەتىسىدىن باشلاپ ئاۋۇتجان باشقچە يول تۇتتى .قايسى بىر كۈنى باشقا مەكتەپتىكى تونۇشدىن ئاڭلىۋالغان ‹‹ئوتتۇزغا سەرىپ قىلغان كۈچۈڭنى توققۇزغا ئىشلەت ،ئەقىللىق بالىدىن بەش-تۆتنى راۋرۇس تەربىيلەپ قويساڭ ،خىزمەت ئىشلىگەنگە ئسپات ۋە نەتىجە بولىدۇ ›› دىگەن سۆزنى ‹‹ئۆزنى كۆرسىتدىغان پۇرسەت›› نىڭ توغرا ئۇسۇلى قىلىپ تاللىدى .ئاۋۇتجان ‹‹ئۆزى يۇۋاش ،تىرشچان ،دەرىسلەردە ئاساسى بار ...››بالىلاردىن سەككىز نەپەر بالىنى تاللىدى-دە شۇ كۈنىلا خىزمەتكە كىرشىپ كەتتى .
www.iz.la
دەرسى ۋاقتىدا پۈتۈن كۈچنى شۇلارغا قاراتتى ،تاپشۇرۇقنىمۇ ئايرىم ئورۇنلاشتۇردى ،قىسقىسى ھەر قانداق ئىشتا ئۇلار ئالدىقى ئورۇنغا قويۇلدى .كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى .كۆز ئالدىكى تەڭسىز موئامىلە ئەمدىلا ياخشىلنىشقا يۈزلىنۋاتقان ئوقۇغۇچلانىڭ سەبى يۈركىگە قانداقتۇر بىر داغلارنى قالدۇرۇپ ئۆتتى .
سىنىپنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلاشقىلى تۇردى .بالىلار ئادەتتىكى جىدەل-ماجرادىن تەرەققى قىلىپ ،مەھەللە ئايرىپ توپلىشىپ جىدەل قىلىشقا ئۆتتى .قىمار ئويناش ھەتتا ئوغۇرلىقمۇ يوق ئەمەس دىيىشكە بولاتتى .كۈن-كۈنلەپ مەكتەپكە كەلمەيدىغان ،سۆھبەت قىلىپ ئائىلسىگە بارسا، موئەللىم بالىنى سوراپ بولغىچە ئاتا-ئانا بالسىنى موئەللىمدىن سورايدىغان ئەھۋاللار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغاندى. سىنىپتىكى نىشانلىق بالىلاردىن باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش-ئىشلىمەسلىكى توغرا-خاتا بولۇشى ئاۋۇتجاننىڭ دىققىتنى تىخىمۇ تارتالمايىتتى.مودىرنىڭ تەنقىدى ،پىشقەدەملەرنىڭ نەسھىتى ھىچقايسىسى ئۇنىڭ ‹‹تۆھپە››يارتىش ئۈچۈن ئۇچۇۋاتقان دۇلدۇلنىڭ ئالدىنى توسالمىغاندى .بۇ ئەھۋال تاكى سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىىڭ ئوغۇرلۇق ئەنزىسگە چېتىلىپ ، يېزىلىق ساقچىخاندىن ئەھۋال ئىگەللىگلى كىرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەسلىدە بۇ ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى خىلى ياخشى بالىلاردىن ئىدى .پەقەت ئادەتتە مەنمەنچىرەك ،پۇل خەجلەپ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىپلا يۈرەتتى . باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئوغۇرلۇق قىلىشنى كىممۇ ئويلىسۇن دەيسىز .
‹‹بالىلار مەكتەپكە كەلمىسە سۆھبەت قىلىمىز ،مەكتەپكە كەلگەن ئىكەن ئۇنىڭ ھەركىتنى كۈزۈتۈپ ،بايقالغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا تۈزتىشگە يىتەكچىلىك قىلىمىز ئۇكا-دىدى مودىر بۇ ئشتىن كىيىن ئۇنى ئىشخانسىغا چاقىرىپ كايىپ ،ھەر قانداق ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى ،يەنە مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە مەندىن رەنجىمەڭ !››.
مودىېنىڭ قاتتىق پوزىتسىيسى ئۇنى ھەر ھالدا ئازراق سەگىتكەندى .شۇ كۈندىن باشلاپ ئاۋۇتجان ھەركۈنى يوقلىما قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ‹‹ئالتۇن››ۋاقتىدىن ئازراق چىقرىپ قويدى .شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتتى .سىنىپتىكى 50نەچچە قارا كۆزنىڭ ئىچىدە ‹‹نىشاندىكى سەككىز››دىن باشقا ئوقۇغۇچىنىڭ تۇپرىقى ياۋا ئوت-چۈپلەر بىلەنلا يازغا ئۇلاشتى . ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نۇمۇرى چىقىش بىلەنلا ھەممىنىڭ دىققىتى ئىككى خىل نۇمۇر پەرقىدە قالغاندى . شىنجاڭ تولۇقسىز سىنپلىرىغا ئىمتىھانغا قاتناشقان سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچدىن بەش نەپرى خېلىلا ياخشى نۇمۇر ئىلىپ، ئاۋۇتجاننىڭ ‹‹يۈزىنى يورۇق›› قىلغانىدى . بىراق باشقا ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەتتا 20گىمۇ يەتمەيدىغان نۇمۇرنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچلار بىر-بىرگە سىرلىق قارشىپ قويدى .بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كەلگەنلەر ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى . copyright by www.iz.la
ئاۋۇتجان مەغرۇرانە قىياپەتتە ئوقۇتقۇچلارغا بىر قۇر نەزەر تاشلىدى .ئۇنىڭ كۆزىگە ئوقۇتقۇچىلار خۇددى ئۆز سىنپىدىكى ‹‹ھېلقى ئوقۇغۇچلىرى››غا ئوخشاش رەتسىز ۋە بىچارە كۆرنىشكە باشلىدى .قۇلاق تۈۋىدە بولسا مودىرنىڭ ‹‹تۆھپىكار››دىگەن سۆزى قايتا-قايتا جاراڭلىماقتا ئىدى ...
مەكتەپ سىرتىدىن ساقچى ماشىنىسنىڭ يۈرەكنى تىترەتكۈدەك گۈدۈك ئاۋازى قاتتىق ياڭراپ بارا-بارا يىراقلاپ كەتتى.نىمىشقىدۇر ئاۋۇتجاننىڭ مەغرۇر تۇرقى بىردىنلا تەسۋىرلىگۈسىز قورقۇنۇچقا ئالماشتى .ئۇ دەرھال قولدىكى ‹‹تۆھپىكار››لىق موكاپاتىغا قارىدى ،قارىدىيۇ قاتتىق چۆچۈدى . چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ئۆز قولى بىلەن ئاق قويغان مۇنبەت ئېتىزلار لىققىدە تىكەنلەر بىلەن تولۇپ ياتاتتى .ئۆزقولى بىلەن جەميەت قوينىغا مەسئۇليەتسىزلارچە چىقرىپ قويغان بىر توپ ئوقۇغۇچلار خۇددىقەرىز ئىگىلللىردەك ئۇنىڭغا قولنى سوزۇپ ،نىمنىدۇر قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ جار سېلشاتتى ....... ئىز تورى www.iz.la
ئاۋۇتجان تۇيۇقسىز ۋۇجۇدنى باسقان چۈشنىكسىز تەسراتلاردىن ۋە ئوقۇتقۇچلارنىڭ سىرلىق قاراشلىردىن ئۆزنىڭ نىمىگە ئىرشىپ نىمىگە قەرىز بولغانلىقنى چۈشەنگەندەك بولدى.پىشقەدەملەرنىىڭ بۇرۇن ئۆزىگە قىلغان نەسھەتلىرى قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىدى.ئۇ ھەممىنى چۈشەندى.ئۆزنىڭ تۆھپىكار قەرىزدارغا ئايلىنپ قالغانلىقنى چىن كۆڭلىدىن ئىتراپ قىلدى . ئۇ بۇ ‹‹تۆھپە›› يىغنى بىلەن ‹‹ۋىجدان›› سوتىدىن پەقەتلا قېچىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنى ئويلىدى –دە، قولىدىكى ھەممىنى تاشلاپ، ئۆزنى سىرتقا ئاتتى.بىراق قەرىز ئۇنىڭ قەلبى ۋە ۋىجدانىنى داۋاملىق سۈيلەپ تۇراتتى. ‹‹قەرىز››بەدىلگە كەلگەن ‹‹تۆھپە›› ئۇنىڭغا ھىچنەرسە قىلىپ بىرەلمەيىتتى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى