بۈگۈن بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمىغا كەلدى.كېچىدىن بېرى يېغىۋاتقان قار توختىمىغاچقا، سىنىپىنىڭ ئالدى-كەينىگە قار دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى.ئىككىنچى سائەتلىك تەنەپپۇسقا چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىنىدى. بىر قار تازىلاش ئۈچۈن مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىشى بىلەنلا چۇرقىرىشىپ كېلىپ،بۇلۇڭدىكى سۈپۈرگە،گۈرجەڭلەرنى تالىشىپ كەتتۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن مۇرات بىلەن گۈرجەكنى تالىشىپ قالدىم؛
-مەن بالدۇر كېلىپ ئالدىم،قۇيۇۋەت!-دەيتى ئۇ گۈرچەكىنى سىلىكىپ.
-نەدىكىنى،مەن بالدۇر كېلىپ ئالدىمىغۇ؟سەن ھازىر كەلدىڭغۇ؟-دېدى مەن گۈرچەكنىڭ سېپىنى دېرىزە تەرەپكە تارتىپ. شۇ تەرىقىدە ئىككىمىز خېلى ھەپىلەشتۇق،سىنىپتا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم قالمىغانىدى.سىرتتا بالىلارنىڭ قىيا-چىيالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئاخىرى بار كۈچۈمىنى يىغىپ گۈرجەكنى ئارقامغا بىرلا تارتىشم بىلەن،مۇراتنىڭ قولىدىن گۈرچەكىنىڭ بېشى چىقىپ كېتىپ، مېنىڭ قولۇمدىكى گۈرجەكنىڭ سېپى دېرىزىنىڭ ئاستىنىقى كۆزىگە تەگدى.ئەينەكىنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، بېشىمىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ،تاسىلا قاپتىمەن ئەس-ھوشۇمنى يوقتىپ قويغىلى، ھەتتا گۈرجەك سېپىنىڭ قولۇمدىن قانداق چۈشۈپ كەتكىننىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.مۇرات بولسا ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى.ئەينەكىنىڭ سۇنغا ئاۋازىنى ئاڭلىغا بالىلار گۈرجەك، سۈپۈرگىلىرىنى سۆرىگىنىچە دېرىزىگە ئولاشتى.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۈلۈشۈپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،كىمدۇ بىرى؛
-ھە،قاسىمىجان،ئەينەكنى چاقتىڭىزمۇ؟ئەينەكنى تۆلەڭ،قاسىمجان!-دەپ چىشىمىغا تەگدى.لېۋىمىنى چىشلەپ،بېشىمىنى ئىچىمىگە تىقىپ ئاستا سىرتقا چىقىپ،بالىلار توپىغا قوشۇلدۇم،ئەمدى ئۇلارنىڭ مەن توغۇرلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى قولىقىمىغا كىرمەيتتى.
قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەنلا يۈرىكىم جىغىلىداپ كەتتى. چۈنكى بۇ سائەت، سىنىپ مۇدىرىمىز ئۆتىدىغان ھېساب دەرسى ئىدى. يۈرىكىم توختىماي دۈپۈلدەپ رېتىمىسىز سوقاتتى.مۇئەللىم كىرىپ كەلدى، چېقىلىغان ئەينەكىنىڭ تۆشۈكىدىن كىرىۋاتقان ئاچچىق سوغۇق مۇئەللىمىنىڭ قولىنى توڭدۇرغان چېغى، ئۇنىڭ كۆزى بىردىنىلا چېقىلغان ئەينەككە چۈشتى-دە،ھەممىمىزگە سوئال نەزىرىدە قاراپ قويدى-يۇ،دەرسىنى داۋاملاشتۇرېۋەىدى.مەن ۋاقىت توشقىچە بېشىمىنى ئىچىمىگە تىقىپ لېكىسىيە يازغان بۇلۇپ ئولتۇرۋالدىم.دەرىسىتىن چۈشكەندىن كېيىن مۇئەللىم تۇرمۇش ھەيئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.(خۇداغا شۈكۈرى)دېدىم ئىچىمىدە.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چۈشتىن كىيىنىكى سىنىپ يېغىنىدىن كېيىن مۇئەللىم مېنى ئايرىم ئېلىپ قېلىپ؛-ھە، قاسىمىجان، بۈگۈن نېمە ئىش قىلىدىڭىلار؟-دەپ سورىدى،مۇئەللىمىنىڭ بۇ سىپايە سۆزى باياتىن بېرى كاللامنى چىرمىۋالغان ئەندىشىلەرنى قاچۇردى. شۇڭا ئۆزۈمنى توختىتىۋېلىپ، قولۇمدىكى كىتابنى بارمىقىم بىلەن ۋاراقلاپ تۇرۇپ تەسلىكىتە؛
-مەن دېرىزە ئەينەكنى...-گېلىمىنى بىرى بوغۇۋالغاندەك گېپىمىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدىم.
-ھە،ئاۋۇ ئەينەكنى مەن چاقتىم،دەڭلا،شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق،-دېدىم بوش ئاۋازدا.
-ئۇنداقتا(ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى)نىڭ 9-ماددىسىدا نېمىدەپ كۆرسىتىلىگەن؟
-ھە،ئوۇمىنىڭ مال-رمۈلىكىنى ئاسىراش...
-ھە،ياخشى،ئۇنى بىلىدىكەنسىلەر،-دېدىم مۇئەللىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-تۆلەپ بېرەي،مۇئەللىم،-دېدىم مەن ئويلانمايلا.
-پۇل بارمۇ؟
-يوق،دادامدىن....
-ئەينەك ئەكېلەمسەن-يا؟
شۇئان مۇئەللىمىنىڭ تەنقىدىدىن بالدۇراق تۇرۇلۇش ئۈچۈن؛
-ھە،-دېدىم
-ئەينەك بولسىمۇ بولىدۇ،ئەمسە ئەينەكنى ئەتە ئەتىگەن ئەكېلىپ، ماڭا تاپشۇرۇۋېتىڭلار،بولمىسا بالىلار توڭلاپ كېتىدۇ-ھە،-دېدىم.
-ماقۇل،-دېدىم-دە، سىنىپىتىن چىقىپ كەتتىم.
بىراق يولدا كېتىۋېتىپ مېنى غەم باستى. ئۆيدە ئەينەك يوق تۇرسا...قانداقمۇ قىلارمەن؟ئويلنىپ ئاخىر بىر ئەقىل تاپتىم-دى،ئۆتكەندە سىنىپىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋېتىپ تۆلىگەن نۇردۇن دېگەن ساۋاقدىشىم ئېسىمىگە كەلدى.چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق ئىشىلاردا خېلى تەجرىبىسى بار ئىدى.مەن يولۇمنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بارغىنىمىدا ئۇ بىر توپ بالىلار بىلەن قىيا-چىيا قىلىشىپ، ھارۋىدا قار توشۇۋاتقانىكەن.مەن بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇنى ئىشارەت بىلەن چاقىرىدىم. ئۇ ئاستا بالىلار توپىدىن سوغۇرلۇپ قېشىمىغا كەلدى.مەن ئەھۋالىنى قىسىقىچىلا ئېيتىپ،ئۇنىڭىدىن مەسلىھەت سورىدىم.ئۇ قاپقارا كۆزلىرىنى بىر نەچچە قېتىم چىمىچىقلىتۋېتىپ،سەل ئويلىنىۋېلىپ ماڭا؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-كەچلىك تامىقىڭىنى يەپلا بىزنىڭىكىگە يەلگىنە-ھە!-دېدى-دە،مەن بىلەن خوشلىشىپ يەنە بالىلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى.مەن ئىچىمىدە،ئۇنىڭ ئۆيىدە ئەينەك بار ئوخشايدۇ، دادىسىدىن سوراپ ماڭا بېرىدىغان بولدى،دەپ ئويلاپ،خاتىرجەم ھالدا ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. قاش قارايغان چاغ،كەچلىك تامىقىمىنى يەپ بۇلۇپلا دېگەن ۋاقىتتا نۇردۇننىڭ ئۆيىگە كەلدىم.ئۇ دېگەندەك مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
-ئاپا،دېدى ئۇ ئاپىسىغا قاراپ،-مەن ماۋۇ ئادىشىمىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆگىنىش قىلىپ كېلەي،ھە!
ئاپسى دەرھال قىلىۋاتقان ئىشنى قويۇپ باش-ئايىغىمغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن ؛
-پاتىراق قايتىپ كەل،بالام،بەك كەچ قالما-ھە!-دېدى،ئىككىمىز تەڭلا ماقۇل دېدۇق-دە ئۆيدىن چىقىپ كەتتۇق. www.iz.la
نۇردۇن مېنى ئەگەشتۈرۈپ،چوڭ يول ياقىسىدىكى بىر ئەينەك دۇكىنىغا باشلاپ كىردى.ئۇ دۇكان خۇجاينى بىلەن ئوبدان تونۇشىدىكەن.شۇڭا نۇرغۇن يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن،دۇكان خۇجاينى بىزگە بىر پارچە ئەينەكنى كېسىپ بەردى. بىزمۇ پۇل تاپقاندا كېلىپ پۇلنى تۆلەيدىغان بۇلۇپ كېلىشتۇق.
ئەتسى ئەتىگەندە سىنىپ مۇدىرىمىز پەقەت مېنىڭ يولۇمغىلا قاراپ تۇرغاندەك،سىنىپ ئالدىدا تۇراتتى.ئۇنىڭ كۆزى قولتۇقۇمدىكى ئەينەككە چۈشكەندە چىرايى سەل ئېچىلىدى-دە،ئەينەكىنى قولۇمدىن ئېلىپ ئۇيان ئۆرۈپ،بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مېنى ماختاپ؛
-ياخشى،ئاممىنىڭ مۈلىكىنى بۇزغانىكەنمىز، مانا مۇشۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن تۆلىشىمىز كېرەك،-دېدى.