ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە
روسىئان (ئەنگلىيە)
قۇياشقا خىيانەت قىلىنغان شۇ كۈنى مارتىن خامپتون پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇ گۈللۈكنىڭ بېشىدىكى لاپاسنىڭ ئىچىدە ئۇيان–بۇيان ماڭاتتى. مارتىن چىقىشماق ئاسان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلىم –پەندىن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق تېمىلاردا سۆھبەتلىشىشمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ.
مارتىن خامپتون خېلى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، قۇياشقا خىيانەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىغا دىققەت قىلىپ كېلۋاتاتتىم. مۇناسىۋىتىمىز قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇپ، چېركاۋدىكى توي مۇراسىمى قوڭغۇرىقىنىڭ ھامان ئىككىمىز ئۈچۈن چېلىندىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
مېنىڭ ئىسمىم جۇدىت كالدىس، مۇشۇ شەھەردىكى «بۇرغا گېزىتى»نىڭ بىر مۇخبىرى، مارتىنىڭ تام قوشنىسى. چېچىم قىسقا بۈدۈر، كۆزۈم يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئۆزۈمنى بەك چىرايلىق، دەپ كېتەلمىسەممۇ، خېلى يامان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ئاچچىقلانغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا چىرايلىق، دېيىشىدۇ.
دالا تامىقى يەپ كېلىش ئۈچۈن مەن تولۇق بىر كۈن تەييارلىق قىلدىم. ئالاھىدە مەززىلىك گۈرۈچ توقىچى پىشۇردۇم. تاڭ سەھەر سائەت سەككىزدە ھۇجرامنىڭ دېرىزىسىگە كىچىك بىر تال تاش تېگىپ مېنى ئويغىتۋەتتى. مەن دېرىزىدىن مارتىننىڭ گۈللۈكتىكى پاسىل تامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ چۇۋۇق ئالتۇنرەڭ چاچلىرى تاڭ نۇرىدا لەيلەپ تۇراتتى. ئۇ قولى بىلەن پەسكە چۈشۈشۈمنى ئىشارەت قىلدى: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
— دالا تامىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، — دېدى ئۇ.
مەن ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ بىرنىمە دېگۈچە مارتىن گىپىمنى ئۈزۈپ تاشلىدى:
— چۈنكى ناھايىتى مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى، — دېدى ئۇ لاپاسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. قارىماققا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى.
— ئەڭ ياخشىسى بۇياققا كېلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ. مېنىڭ كەشپىياتىم پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋېتىدۇ. بۇياققا كېلىڭ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى.
مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆزىنىڭ كەشپىياتىغا تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ بالدۇراراق دۇنياغا مەشھۇر ئادەم بولۇپ قېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتىم. بىلسىڭىز مەن مارتىننى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.
مەن بىرىنچى قېتىم لاپاس ئىچىنىڭ ناھايىتى پاكىز رەتلەنگەنلىكىنى كۆردۈم. لاپاسنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى ماشىنا تىزىپ قويۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، كۆرۈنۈشتە توك چىقىرىدىغان گېنېراتورغا ناھايىتى ئوخشايتتى. يەنە بىرى، يوغان بىر مېتال ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۈستى شكالا تەخسىسى ۋە كۇنۇپكىلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ماشىنىلار ئۆتكۈزگۈچ سىملار بىلەن چېتىلغانىدى.
— بۇ ماشىنىلار ئادەمنى ئانچە بەك جەلپ قىلمايدىكەن، — دېدىم مەن، — ئۇلارنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟
مارتىن مېنى تارتىپ تېخىمۇ يېقىن ئەكەلدى. ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەتچان رامكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رامكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كومپاسقا ئوخشاش يوغان ئىككى نەرسە تۇراتتى.
مارتىن لوندون شەھەرىنىڭ خەرىتىسىنى ئېلىپ كېلىپ رامكىغا مۇقىملاشتۇردى.
— ماڭا ياردەملىشىپ كېرەكلىك بولغان توغرا كوردىنات نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
مەن سانلارنى دەپ بەردىم، ئۇ بۇرۇغۇچنى تولغىدى.
— ئەمدى خەرىتىنىڭ ماسىشتابىنىمۇ ئېيتىپ بېرىڭ، — دېدى مارتىن.
ئۇ كەينىگە ئۇلاپلا بىر نەچچە يەرنى تەڭشىدى. ئاخىرىدا، ئىككى قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكىنىڭ بىرىنى باستى. دەقىقە ئىچىدە كىچىك لاپاس ئۆزىچىلا سىلكىنىشكە باشلىدى.
— ھازىر بىزنىڭ ئورنىمىز خەرىتىنىڭ قەيىرىدە تۇرۇۋاتىدۇ؟ — دەپ سورىدى مارتىن.
مەن گەپ قىلماستىنلا خەرىتىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىنى كۆرسەتتىم:
— مەركەز دەل مۇشۇ يەردە، — دېدى ئۇ ۋە ئىستىرىلكىنى داۋاملىق يۆتكەپ، مەن كۆرسەتكەن نۇقتىغىچە سۈرۈپ كەلدى.
— ئەمدى بېرىپ ئىشىكنى ئېچىڭ، — دېدى مارتىن بۇيرۇق قىلىپ، — ئاندىن مۇشۇنداق ھاۋانىڭ دالا تامىقىغا ماس كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
مەن ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىدىم. ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، تۇمان قاپلاپ كەتكەنىدى.
— قارىغاندا سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلانغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھېلىمۇ يولغا چىقماپتىمىز، — دېدىم مەن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مارتىن ئۇنچىقمىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىككىنچى قىزىل كۇنۇپكىنى باستى. مەن قاتتىق چۆچۈپ ئىشىكتىن كەينىمگە چېكىندىم. كۆز ئالدىمدا تۈمەن مىڭ تال نۇر چاقناپ، پۈتكۈل باغچە كۆكتە لەيلىگەندەك بولۇپ، چەكسىز يورۇپ كەتتى. تۇمانلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
— قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، — دېدى مارتىن، — پەقەت ئىستىرىلكىنى ئوڭغا ئۈچ سۇڭ سۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
مەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم. قۇياش نۇرى ئۇشتۇمتۇت يوقاپ ئاسماننى گۇگۇم قاپلىدى. مارتىن قولى بىلەن مېنى يىراققا قاراشقا ئىشرەت قىلدى. ئۇ يەردىكى دەرەخلەر يەنىلا قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ تۇراتتى.
مەن مارتىنغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىمەكچى بولدۇم. ئەمما، ئۇ قۇچىقىمدىن بوشۇنۇپ چىقىپ قىلچە پەرۋاسىز ھالدا ئېيتتى:
— ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز؟
مەن بىر تەرەپتىن، قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىم. مارتىن بۇرۇلۇپ ئۈسكۈنىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ خوددى مېھرىبان دادىدەك قولىنى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قويدى:
— مەن سىزگە بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتىپ بېرەي، — دېدى ئۇ، — بىز تۇرۇۋاتقان يەر شارى بىر قەۋەت ئاتموسفېرا قاتلىمى بىلەن ئورالغان. ئاتموسفېرا قاتلىمىدا سۇ پارى ۋە تۈرلۈك زەررىچىلەر لەيلەپ يۈرۈشىدۇ. لەيلىمە زەررىچىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا خېلىدىن بۇيان دىققەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كېلىۋاتاتتىم.
مارتىننىڭ ئاۋازى بارغانسېرى قەتئىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بىردەم توختاپ گالاستۇكىنى تۈزەپ قويدى. ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ گالستۇك تاقىمايتتى.
— مەن ئاتموسفېرانىڭ ماگنىت مەيدانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىپ، بەلگىلەنگەن رايوندا يېتەرلىك مىقداردىكى ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىش ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماگنىت مەيدانى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردۇم. قۇياش نۇرى قىلچىلىك تۇسالغۇسىز ھالدا كەڭ ئېچىلغان بۇلۇت قاتلىمىدىن كېسىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە يورۇتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئىلگىرىكىدەك چاڭ-توزان ۋە سۇ پارىنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ مەمنونىيەت بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى:
— مەن بۇ ماشىنىنى كۈن نۇرى ماشىنىسى دەپ ئاتىدىم. ئۇنىڭ مۇھىملىقى شۇكى، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان نۇر دەستىسى بۇ يەردىن چىقىپ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە يېتىپ بارالايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ توغرا بولغان جوغراپىيەلىك كوردىناتىنى بىلسەكلا كۇپايە. مەن يەنە نۇر دەستىلىرىنىڭ كۈچىنىشىنى تەڭشەپ، تەسىر قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە چوڭايتالايمەن ياكى كىچىكلىتەلەيمەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلالايمەن.
ئۇ ماڭا ھازىرچە پەقەت مۇنداقلا ئوينىشىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى قەتئىي سىر تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن باغچىدا گۈللەر پۈرەكلەپ ئېچىلىپ، بەدىنىم ئاپتاپنىڭ تەپتىدە كۆيۈپ قارىيىپ كەتتى. ئاندىن تېلېۋىزوردا ھېل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ شارقىراپ ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن غەرق بولۇپ كېتىشكە ئاز قالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بىز دەرھال ئۇ يەرنىڭ خەرىتىسىنى تېپىپ كەلدۇق ھەم ماگنىتلاشقان نۇر بىلەن بۇ رايوننى ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم نۇرلاندۇرۇپ تۇردۇق. كەچلىك خەۋەرلەردە بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىپ، دەسلەپتە قار ئارىلاش يامغۇر ياغقانلىقىنى، كەينىدىن تۇيۇقسىز پۈتكۈل شەھەر ئاسمىنىدا قۇياش نۇرىنىڭ پارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ بىر كۈن ھەقىقەتەنمۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ بەختلىك ۋاقىتلار بولۇپ قالدى.
ئىز تورى www.iz.la
بىراق، مەن مارتىننىڭ ئىچىدە تىتىلداپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. دەرۋەقە، ئۇ ماڭا:
— سىز گېزىتخانىدا بولغاچقا قانداق قىلغاندا پۈتۈن جەمئىيەتكە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز، — دېدى.
ئېنىقكى، ئۇ، بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە قوزغاشقا ئالدىراۋاتاتتى.
مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ پەقەت بىر قىسىم توي تەبرىك خەۋەرلىرى ياكى چېركاۋنىڭ خەير– ساخاۋەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىلا يېزىشقا مەسئۇللۇقۇمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. شۇڭا ئىلىم–پەن خەۋەرلىرىنى يازالىشىم ناتايىن. يەنە كېلىپ بۇ گېزىتتە بۇ خىلدىكى سەھىپىمۇ تەسىس قىلىنمىغانىدى. ئەمما تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئەقىل كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىچكىرىلەپ سورىدىم: ئىز تورى www.iz.la
— ناۋادا بىز كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق رەنجىپ قالمايدىغانسىز-ھە؟
— بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشتىن باشلانغان، — دېدى مارتىن ماڭا تەنبىھ بېرىپ، — قېنى تېز ئېيتىڭ.
— كېلەركى شەنبە سىر پوپ چېركاۋىنىڭ بايرىمى، باغچىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى بولماقچى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنى مىزدايست دىنىي جەمئىيىتىمۇ خەير-ساخاۋەت بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى. 8-ئايدا بىر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يامغۇر يېغىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى يادىڭىزدىمۇ؟ بىلىشىمچە، بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى ھاۋارايىدىن مەلۇماتتىمۇ يامغۇر ياغىدىغانلىقى ئېيتىلغان. سىز پوپتىن ئۇلارنى پىلان بويىچە پائالىيەت قىلىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن بۇ ئىشنى خەۋەر قىلاي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— كۈن نۇرى ماشىنىسىنى چېركاۋغا قانداق چۈشەندۈرىمەن؟
— ئۆزىڭىز بېرىپ ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىڭ. پاكىز بىر كۆڭلەك كىيىۋېلىڭ. سىز پوپ سىرغا شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھاۋانىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىلىق كاپالەت بېرىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ناۋادا ئۇ ئىشەنمىسىچۇ؟
— ئەلۋەتتە، ئۇ باشتا ئىشەنمەيدۇ. بىراق بايرام كۈنى ھاۋارايى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، پەقەت باغچىدىن بىر مىل يىراقلىقتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولسا پوپ سىر ھەم خۇشاللىقتىن ھەم ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. قالغىنىغا مەن بار. سىزنىڭچە قانداق؟
— بۇ تەكلىپ بولۇپ قالىدىكەن، — دېدى مارتىن ماقۇل بولغان ھالدا، — شۇنىسى بۇنچە چوڭ كەشپىياتنى كىچىككىنە بىر چېركاۋ بىلەن باغلىساق سەل ئەپسوسلىنارلىقمىكىن.
— بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشتىن باشلانغان ئەمەسمىدى؟ تېز بېرىپ كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
پوپ سىر قائىدە–يوسۇنلۇق كىشى بولۇپ، ئۇ مارتىننىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن يەنە تاقەت قىلالماي ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلغۇسى بار-يوقلۇقىنى سورىدى. مەسىلەن، مال سېتىش بوتكىسىدا قىزىق كالباسا سېتىشىپ بېرىش دېگەندەك.
بىز پوپ سىرنىڭ يىنىدىن چىقىپ ئۇدۇل مىزدايست دىنىي جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۇلار بىلەن يەنىلا يۇقىرىقى ئىش توغرىلىق سۆھبەتلەشتۇق. ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ كەيپىياتىم ناھايىتى چاغ ئىدى. پەقەت مارتىنلا ئىچى پۇشۇپ، تىت–تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
— ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمگە پەقەت ئىشەنمىدى، — دېدى ئۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەمما، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئون كۈندىن كېيىن ئۇلارنى زىيارەت قىلغىنىمدا پوپلارنىڭ ھەممىسى مارتىننىڭ بارلىق قىلغانلىرىنى ئېنىق يادىدا تۇتقانىدى. شۇ كۈنى پائالىيەت مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا تولۇپتۇ، گەرچە بۇ رايوندا ھەر ئىككىلا شەنبە كۈنى يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، ئەمما، باغچىنىڭ ئۈستىدە قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. ھەتتا، ھۆكمەتچىلەر ئەترىتىدىكى ئىككى ئايالغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ، پوپ سىرنىڭ پىلانىنى بۇزۇپ قويغىلى قىل قاپتۇ. بۇ كىچىككىنە ۋەقەمۇ مېنىڭ ماقالەمنى ئالاھىدە جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن مەن زىيارەت ماقالىسىنى باش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردىم. ئالاھەزەل بەش مىنوتتىن كېيىن مەن باش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— سىز نېمىنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلمەسىز؟ — دېدى ئۇ ئادەتتىكىدەك ئەھۋال سوراشنىڭ ئورنىغا، — ناۋادا بىز سىزنىڭ يالغانچىلىق بىلەن تولغان ماقالىڭىزنى ئېلان قىلىۋەتسەك شۇئان كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايمىز. يەنە تېخى ئىككى پوپنى بۇ تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنىڭ شاھىتى قىلىۋاپسىز.
— مەن ئەلۋەتتە يالغان ئاخباراتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن، — دېدىم ئېتىراز بىلدۈرۈپ، — سىز بۇ ماقالىنى خاتىرجەم بېسىڭ.
مەن تېلېفون تۇروپكىسىنى قولۇمغا ئېلىپ سىر پوپقا ئۇردۇم ھەم تۇرۇپكىنى باشلىقىمغا ئۇزاتتىم.
— كەچۈرۈڭ، بۇنچىلىك كىچىك ئىشلار ئۈچۈن سىزنى ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى. ئەمما، بىزنىڭ بىر مۇخبىرىمىز... سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ ھە.... ئەسلى مۇنداقكەندە. ئىز تورى www.iz.la
ئون مىنوتتىن كېيىن مەن گېزىتخانىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدىم.
«بۇرغا گېزىتى» بۇ خەۋەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ماۋزۇنى ئالاھىدە يوغان قوغۇشۇن ھەرپ بىلەن تىزىپ چىقتى. جۇدىت كالدىس دېگەن ئىسمىنىڭ ئالدىغا يەنە «ئالىي مۇخبىر» دېگەن ئۇنۋانىمنى قوشۇپ قويدى.
گېزىت شەنبە كۈنى نەشردىن چىقتى. يەكشەنبە كۈنى مەن ئۆيدە تۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى يولنىڭ ماشىنىلار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن مۇخبىرنىڭ خاتىرە ۋە ئاپپاراتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ مارتىننىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن تېزلىكتە ئۆينى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ كەينى دېرىزىسىدىن ئۆمىلەپ كىردىم. مارتىن چېچىنى تاراۋاتقانىكەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
— نېمە ئىش چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ — سورىدىم مەن، — سىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كېلىۋاتىدۇ. سىز بولسىڭىز ھېچ ئىش يوقتەك تۇرۇپسىز. بىز مەسلىھەتلىشىۋالايلى.
— ياق، — دېدى ئۇ جاۋاب بېرىپ.
— مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، — دېدىم مەن تەلەپپۇزۇمنى كۈچەيتىپ، — بۇ ئادەملەر سىزنى خۇددى ئوچاققا تاشلاپ كاۋاپ قىلىۋەتكەن چۆچۈرىدەك قىلىپ قويىدۇ. خالىسىڭىز ئۇلارغا مەن تاقابىل تۇراي، سىز رەسمىي بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىشقا قوشۇلامسىز؟
مارتىن ئۈن چىقمىدى.
ئۇ چىقىپ كېتىۋىتىپ مېنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. مەن ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمەي قۇرۇق تۇرغان ۋاننىنىڭ ئىچىگە يىقىلىپ چۈشتۈم ھەم خېلى تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مارتىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق نەرسىلەر مېنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. مەن مېھمانخانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا مارتىننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئەپەندىلەر، مەن بۇ كەشپىياتىمنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئەمما، بۇ ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاشنى كۆرسەتمەيدۇ. مەن بۇ ئىشتا ھېچكىم بىلەن شېرىكلەشمەيمەن.
كېيىنكى ئىشلار كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. مارتىن ئاجايىپ داڭدار شەخسكە ئايلىنىپ قالدى. تېلېۋىزورلارغىمۇ كۆپ چىقىدىغان بولدى. مەن بولسام ھەمىشە ئۆز ۋاقتىدا تېلېۋىزورنى ئېتىۋېتىمەن. ئەلۋەتتە، شۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئەنگلىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن مول–ھوسۇلنى كۈتۋالدى. ماگىزىنلارنىڭ پوكەيلىرىگە ئاناناس ۋە بانانلار لىققىدە تىزىپ قويۇلدى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ چىققان يېرى دەل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئېنگلاند ئىدى. مارتىن نام قازانغاندىن كېيىن بۇ شەھەردىن كەتتى. ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسى يەنىلا بىز بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇردى. ھۆكۈمەت مارتىنغا بىر يۈرۈش تۇرالغۇ مۇكاپات بەردى. بۇ تۇرالغۇ ئاتوم تەتقىقات مەركىزى بىلەن ناھايىتى يېقىن كېلەتتى. گېزىتلەردە ئۇنىڭ رەسىمى پات–پات چىقىپ تۇردى، بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئەسەبىي چوقۇنغۇچىلىرى قولدىن– قولغا ئېلىپ ئوقۇيتتى. ئۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانىغا، قۇياشنى بۈيۈك برىتانىيە زېمىنىغا ئىنئام قىلغۇچىغا ئايلاندى. مارتىن ناھايىتى قەددى–قامەتلىك ھەم سالاپەتلىك بولۇپ، رەسىمىنى كېسىۋىلىپ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھقا ئايلاندى. مەن گېزىتلەردە ھەرقاچان ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال ھەمراھىنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇنداق ئالمىشىش تاكى ئىككى يىلدىن كېيىن بىر كىچىك قىزغا مۇقىملاشقانغا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ قىز يامايكىدىكى بىر چوڭ كەمپۈت ياسايدىغان زاۋۇت خوجايىنىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ، ئىسمى پاترىن ئىدى.
copyright by www.iz.la
بۇ چاغلاردا مارتىن ئالىقاچان دۆلەت گۆھىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەرتىۋىسى بارغانسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق شان–شەرەپكە مۇناسىپ. ئەنگلىيە ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىدىن كۆپلەپ مول–ھوسۇل ئېلىپلا قالماي يەنە ساياھەت كەسپىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مارتىن يەنە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈردى، باشقا دۆلەتلەر بەس-بەستە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئىسلاندىيە يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكى كەترەن گۈلى ئۈستۈرىدىغان پارنىكلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
ئەنگلىيە پەخرىي گىراژدانلىق نامىنى ئېلان قىلغاندا، مارتىن تەبىئىيلا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىپ ئۇنىڭغا سېر ئۇنۋانى بېرىلدى.
بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر دەپنە مۇراسىمىغا ماڭاي دەپ تۇرغىنىمدا باشلىقىم چاقىرىپ توختىۋالدى ھەم ماڭا:
— قەدىرلىكىم، ماتەم كىيىمىڭىزنى يارىشىملىق كىيىمگە ئالماشتۇرۇڭ. سىز ھېلىقى يىڭى سېرنى زىيارەت قىلىشىڭىز كېرەك، — دېدى.
— مەن بارمايمەن.
— سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلىمەن، بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىزنىڭ گېزىتىمىزدىن باشلانغانىكەن، ئەمدى جىم تۇرۇۋالساق بولماس.
گەرچە مەن بۇ ئىشقا ناھايىتى نارازى بولساممۇ نائىلاج بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلگەندە كەيپىم بارغانسېرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. چۈنكى، مەن ئۆينىڭ يېنىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك ماشىنىنى كۆردۈم. بۇ پاترىننىڭ ماشىنىسى بولۇپ، ئىلگىرى رەسىمدىن بۇ ماشىنىنى نۇرغۇن قېتىم كۆرگەنتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاشلىرىغا قويۇق سىزىۋالغان بىر كۈتكۈچى قىز ئىشىك ئاچتى. ئۇنىڭ ئالدىغا تارتىۋالغان پەرتۇقى تۈرلۈك سۇيۇقلۇقلارنىڭ چاچرىشىدىن ناھايىتى قېتىپ كەتكەن بولۇپ، شىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىراتتى.
— مارتىن ئەپەندىم تەجرىبىخانىغا كەتكەن. سىز مېھمانخانىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، — دېدى ئۇ.
— تەجرىبىخانىغىلا باراي، — دېدىم مەن.
دەل شۇ چاغدا مەن كۈن نۇرى ماشىنىسىنىڭ ياندىكى ئۆيگە قويۇلغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم. يۈرىكىم شۇئان قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە سوقۇشقا باشلىدى. كۈتكۈچى قىز خالىمىغان قىياپەتتە باغچىنىڭ ئىچىدىكى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان كىچىك ئۆيگە تۇتىشىدىغان بىر خىلۋەت يولنى كۆرسەتتى. گەرچە كىرىش ئېغىزىنى ساقچى قوغداۋاتقان بولسىمۇ مۇخبىرلىق كىنىشكەمگە ئاساسەن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتىم. مەن ئۆيگە كىرگەن چاغدا بۇ بىرجۈپ ئاشىق– مەشۇقلار قاتتىق ۋارقىرىشۋاتقان بولۇپ، ھېچقايسىسى ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىمىدى.
www.iz.la
— سىز مېنىڭ پىكرىمنى ئويلاپمۇ قويمىدىڭىز، — دېدى مارتىن ۋارقىراپ، — مەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن.
— گىپىڭىزنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدىم، — دېدى پاترىن قايتۇرۇپ، — مېنىڭ جاۋابىم شۇكى قەتئىي بولمايدۇ.
— قەدىرلىكىم، سىز مىللىي قەھرىماننىڭ ئايالى بولىسىز. بۇ دېگەن چوڭ شەرەپ.
— سىز بىلەن توي قىلغاندىن بىر خاتىرە تېشىغا ياتلىق بولغىنىم ياخشىراق.
— نۇرغۇن ئاياللار ماڭا ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ، مەن خالىغانچە تاللىۋالىمەن، — دېدى مارتىن يۈزلىرى قىزارغىنىچە.
— ئۇنداق بولسا شۇلاردىن تاللاڭ، بۇ شان–شەرەپلەرنى خالىغان ئادەمگە بەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
مارتىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى كوزېرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى:
— ئاڭلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزنى تاكى ئاداققىچە قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن قىلالايمەن. مەن ئەزەلدىن قۇياش ماشىنىسىنى بۇنداق ھەرىكەتلەندۈرۈپ باقمىغان. بىراق، بۈگۈن مەن مۇشۇنداق قىلىمەن. سىزنىڭ ھەر كۈنى قۇياشىڭىز بولىدۇ، قۇياش سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.
بۇ گەپ مارتىن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى.
— بولدى يېتەرلىك! ئەسلىدە مېنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىشىم نەمخۇش ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن ئىدى. نەتىجىدە مەن نېمىگە ئېرىشتىم؟ كۈن نۇرى ماشىنىسى! مۇبادا مەن قۇياش نۇرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن بولسام ئۆيۈمدىن چىقمىسام بولاتتى. يامايكىدا ھېچ بولمىغاندا ھەقىقىي قۇياش بار. ئىز تورى www.iz.la
ئۇ سۆزلىگەچ ئايىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى.
شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مارتىن قۇياشنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويدى. ئەلۋەتتە، بۇنى مارتىن ۋە باشقا كىشىلەر تېخى سەزمىدى. مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ بۇ ئۆيدىن چىققان چاغدا ھاياتلىق ئىلگىرىكىدەكلا داۋام قىلۋاتاتتى. مەن قۇرۇق قول رېداكسىيەگە قايتىپ كەلدىم. باشلىقىم مېنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەتتى.
ئىللىق قىش يېتىپ كەلدى. مارت ئېيىدا پوكەيلەرگە يازنىڭ مېۋىلىرى تىزىلدى. ئاپرېل يېقىنلاشقاندا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنلىرى يامغۇر ياغمىغانلىقىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. دېھقانچىلىق گېزىتلىرىدە «تېزدىن كۈن نۇرى ماشىنىسىنى ئېتۋېتەيلى» دېگەندەك شۇئارلار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئارقىدىنلا نۇرغۇن گېزىت–ژۇرناللار «كۈن نۇرى ماشىنىسى ئېتىۋېتىلمىسە قۇرغاقچىلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. www.iz.la
يەنە بىر ھەپتە ئۆتتى. دۆلىتىمىز گىرلاند بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالدى. ئەسلىدە ئەنگلىيە ئىسكىموسلارنىڭ ئاپېلسىنزارلىقىنى قۇياش نۇرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىشكە، بۇنىڭ ھېسابىغا نۇرغۇن دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا كېلىشكەنىدى. نەتىجىدە، ئاپېلسىنلارغا قۇياش نۇرى چۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گېزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئەيىبلەش سادالىرى كۆتۈردى. ئەنگلىيە مۇۋاپىق چارە تاپالمىغانلىقتىن ئېيىق تېرىسىنى ئىمكان بار تېز قايتۇرۇپ بەردى.
ياز يەنە كەلدى. يېزىلاردىكى بارلىق يېشىللىق كۈچلۈك ئوتتا كۆيۈپ كەتكەندەك قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى. ئېقىنلار قۇرۇپ، تامېس دەرياسى قايتىدىن سېسىق سۇ ئېرىقىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سېر مارتىن توغرىلىق گەپ–سۆزلەر ئالدى بىلەن كىچىك قاۋاقخانىلاردا جىممىدە پەيدا بولۇپ ئاندىن گېزىت–ژۇرناللاردىن ئورۇن ئالاتتى. ئاخىرىدا پارلامىنتقا سۇنۇلاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىرلا تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
15-ئاۋغۇست بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا مۇنداق خەۋەر يەتكۈزدى:
«بۈگۈن دوۋنىنگ كوچىسى 10–نومۇرلۇق قورو رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەدە ئىقتىسادىي ئىنقىلاب قوزغىغان كۈن نۇرى ماشىنىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ باياناتنى باش ۋەزىر بىلەن سېر مارتىن ئورتاق ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە مارتىن ئەپەندى يىل بېشىدا كىچىككىنە بىر تەۋرىنىشنىڭ ماشىنىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى رېمونت قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، يېرىم يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكى جاكارلاندى. بۇ ماشىنىنىڭ توختاتقىلىمۇ ھەم شۇنداقلا نۇر دەستىسىنى باشقا جايلارغا يۆتكىگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇنى ئۈزۈل–كېسىل پاچاقلاپ تاشلاش كېرەك. بۇ ئىش ئەتە ئورۇنلىنىدۇ.» بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
16-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، كۈن نۇرى ماشىنىسى پارتلاپ كۇكۇم–تالقان بولۇپ كەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشىلەر تېلېۋىزوردىن ئارقىلىق ماشىنىنىڭ ئاسمان–پەلەك ئۇچۇپ يۈرگەن قالدۇقلىرىنى ھەم سېر مارتىننىڭ ئېچىنىشلىق چىرايىنى كۆرۈشتى. بىر مىنوتتىن كىيىن كىشىلەر ئۆيلىرىدىن كوچىغا چىقىشتى. بۇ چاغدا تونۇش نەمخۇش تۇمان زېمىنغا يېيىلدى. بۈيۈك برىتانىيە زېمىنىغا ناھايىتى تېزلا شارقىراپ يامغۇر ياغدى. چاكىلداپ قۇرۇپ كەتكەن يەرلەر سۇنى خۇددى بۇلۇتتەك سۈمۈردى. ئەر–ئاياللار ھەم بالىلار يالىڭاياق پۇتلىرى بىلەن سۇ كۆلچەكلىرىنى كېچىشىپ، خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سېر مارتىن مەغلۇب بولۇپ ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەن ھۇجرامنىڭ دېرىزىسىدىن سېر مارتىننى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ روھى چۈشكۈن ھالدا نەملىشىپ كەتكەن گۈللۈكتە تۇراتتى. گەرچە مەن مەقسەتسىز قايتىدىن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولۇپ قالغان بولساممۇ، ئەمما، كېيىنكى ئىشلارنى مۇشۇنداق ئاددىي بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىمىسام ھېكايىنىڭ داۋامىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىمەن؟
ھازىر سېر مارتىن ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان بولۇپ، 45 ياشقا كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغانىدى. كۈلرەڭ چاچلىرى ئۇنى تېخىمۇ قېرىپ كەتكەندەك كۆرسىتەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئېغىر پسىخىك كېسەلگە ئۇچراپتىمىش. ئۇ ئۆزگەردى، ئىلگىرىكى تەكەببۇرلۇقى نەلەرگىدۇر غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇلايىم، ياۋاشلىق ئالماشقانىدى. ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئۆز تەجرىبىخانىسىدا ئالدىراش، يەنە تېخى بىرەرسىنىمۇ بوسۇغۇسىغا يېقىن يولاتمايدۇ. ئەمما، ھازىر ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار يوق. خامپتوننىڭ ئۇنۋانى ئالىقاچان كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
copyright by www.iz.la
ئىككى ئاي ئىلگىرى مارتىن مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىگە ياردەملىشىپ ئۆلچەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى: ئۇ گۈللۈكنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بىر پارچە خەرىتىسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، خەرىتىگە ھەر بىر تال دەل–دەرەخ ۋە گۈل- گىياھنىڭ ئورنى ئېنىق چۈشۈرۈلگەندىن باشقا يەنە، ھەر بىرخىل گۈلنىڭ تۈرىگىچە چۈشۈرۈلەتتى. مەن تېخى مارتىن گۈللۈكنى قايتا لايىھىلىسە كېرەك، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەنگليەلىكلەرگە خاس ئەدەپ يۈزىسىدىن مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم. بىراق كېيىنچەرەك ئاندىن ئۇنىڭ باشقا ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدىم. ئەتىرگۈل بىلەن ئەنجۈر دەرىخى ئارىلىقىدا بىر كىرېست شەكلى پەيدا بولدى. بىر دانە يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇق كىرېست شەكىللىك جايغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىدە مارتىن ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان كوكىس مېيىنى بەدىنىگە سۈرتۈپ ئولتۇراتتى. بۇ چاغدا ئەتراپتا سىم–سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى... ئىز تورى www.iz.la
مانا بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى.
مەزكۇر ھېكايە دۆلىتىمىزدە چىقىرىلدىغان «فانتازىيە دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ 96-يىللىق 12-سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان