ھېكايە
ئەركىن سابىر
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئاكاملار كېلىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟، — يۇرتقا بېرىپ ئانامدىن تۇنجى سورىغان گېپىم شۇ.
— نەچچە ئايدا ئاران بىر كېلىدۇ، لېكىن كېلىپلا قايتىدۇ، — دېدى ئانام.
— نېمىشقا؟ بىرەر دەم ئولتۇرۇپ تاماق يەپمۇ ماڭمامدۇ؟
— ۋاي، تاڭەي، خۇددى مەن زەھەر سېلىۋېتىدىغاندەك، چايمۇ ئىچمەي ماڭىدۇ.
ئانام شۇنداق دەپ بىردەم ۋايسىدى. دېمىسىمۇ ئاكاملارنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ. كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلسا، ئەمدىلىكتە ئانام ئەتكەن تاماقلارنى ياراتمىغۇدەك بوپقالغانمىدۇ؟
كېچە بىر ھازاغىچە بۇ ھەقتە خىيال سۈرۈپ ياتتىم. ئاكامنىڭ شەھەردە تاختاي زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ خېلى يىل بولدى. ئۇستىسىنىڭ خوتۇنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، سېپى ئۆزىدىن شەھەرلىك بولۇپ كەتتى. ئۇلار بىر بالىلىق بولغاندا ئۇستىسى تاسادىپىي ھادىسىدە قازا قىلدى. شۇڭا دادام بىلەن ئانام ئاكام، يەڭگەمگە نىسبەتەن ئارىمىزدىكى بىردىنبىر چوڭلار ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاندىكىن، ئايدا بىر چىقىپ، بىرەر كېچە قونۇپ، دادام–ئانامنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلسا نېمە يامىنى. دادامغۇ بىر ئىشلارنى ئويلاپ كەتمەيدۇ. ئۇ ساددا، ئۇدۇللا ئادەم، ئەكسىچە ئانام زىلراق، ئانچىكى ئىشلارنى ئاسانلا كۆڭلىگە ئالىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
شۇلارنى ئويلاپ، بىر پۇرسەتتە ئاكام بىلەن يەڭگەمگە بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. ئەتىسى ۋاقچىراق تۇرارمەن دەپ ئويلىغان. لېكىن كۈن يورۇشىغىلا مەھەللىدىكى ئاغىنە–بۇرادەرلەر ‹‹ۋاي، ئالىم كەپتۇ، كۆرۈشۈپ چىقايلى››، دەپ بىرىنىڭ ئارقسىدىن بىرى كىرىپ كەلگەچكە، نائىلاج تۇرۇپ كەتتىم. ئۇلار مەھەللىدە بولغان قىزىق ئىشلار توغرىلىق پاراڭ قىلپ خېلى ئولتۇردى.
— ئاۋۇ ھاپىزكامنى بىلىسەن؟، — دېدى باشتا مىرزىئەخمەت، ئۇ ئادەم قىزىق، بىر كۈنى كەچتە ھاجەتكە چىقىپتۇ، ھاجەتخانىسى ھويلىسىنىڭ نېرىقى بۇلۇڭىدا ئىكەن، ئۇ ئەمدىلا ھاجەتكە ئولتۇرۇشىغا بىر مۈشۈكنىڭ مىياۋلىغىنى ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە مەھەللىدە مۈشۈك ئەدىۋايى بولمىسا، بۇ نەدىن پەيدا بولغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپمۇ مۈشۈكنى كۆرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‹‹بۇ جىن ئوخشايدۇ›› دەپ، ئۆزىگە سۈپكۈشلەپ، ئۆيىگە ئارانلا كىرىۋاپتۇ. ئەسلىدە ئالدى قورۇدىكى قوشنىسىنىڭ بالىسى نەدىندۇر بىر مۈشۈكنى ئەپكېلىپ باقماقچى بوپتىكەن، لېكىن ‹‹مۈشۈك كۆنمىگەن ئۆيدە تۇرماس›› دەپ، شۇ كېچىسى ئۆيدىن قېچىپ چىققانىكەن. بۇنى بىلمىگەن ھاپىزكام ھازىرغىچە ھەتتا كۈندۈزىمۇ خوتۇنى بىللە بارمىسا، ھاجەتخانىغا بېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ساۋۇتكاممۇ شۇ، — دېدى مىرزىئەخمەتنىڭ گېپى تۈگىشىگە قەمىردىن، — ھاپىزغا مۈشۈك سۈرەتلىك جىن كۆرۈنۈپتۇ دەپ ئاڭلاپ، ئۆيىنى ئارىۋەتكەن ئوغلىنى قايتىدىن ھويلىسىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋالدى.
— توۋا دەڭلار، ھەي، — دېدىم مەن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ. ئۇلار ئۈچەيلەر ئۈزۈلگۈدەك يەنە بىرمۇنچە قىزىق گەپلەرنى قىلىشتى.
— سېنىڭ داداڭمۇ بار، — دېدى رىزايىدىن كۈلۈپ، — ئاناڭ ‹‹ئۆيدە مېھمانلار تۇتىدىغان چوكا قالماپتۇ›› دەپ، داداڭنى شەھەردىن چوكا ئەپچىقىشقا بۇيرۇپتىكەن، داداڭ ئەرزان سېتىپتۇ دەپ، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان چوكىدىن ئۈچ باغلام كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. ئاپاڭ ئۇ چوكىلارنى كۆرۈپ داداڭنىڭ بېشىغا ئاتقان ئوخشايدۇ. مەھەللىدە خېلىغىچە بۇ گەپ بولدى. www.iz.la
— بىر ھېكايە دېگىنە، ھېكايە، — دېدى بىرى.
— تۈپتۈزلا ئۆتكەن ئادەملەر ئەمەسمۇ، — دېدى يەنە بىرى، مەھەللىمىزنىڭ تەۋەررۈكلىرىغۇ ئۇلار.
— ئۇغۇ راست.
ئاغىنە–بۇرادەرلەر ئۇنى–بۇنى دەپ، ئاخىرى بىر–بىرلەپ ئۇزىدى. شۇنىڭدىن تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئانام سېنىڭ بارىڭدا ئاۋۇ مايسىگۈلنى يوقلىغاچ كۆرۈپ كېلەي، دەپ يېرىم كۈنلۈك يىراقتىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.
— ئۆي ساڭا قالدى، ئەتە كەچكىچە يېنىپ كېلىمەن، ئاڭغىچە داداڭغا چاي قاينىتىپ بېرىپ تۇرارسەن، — دېدى ئانام ماڭىدىغان چاغدا. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— تاماق ئېتىشمۇ قولۇمدىن كېلىدۇ، ئانا، — دېدىم مەن.
— ئەمىسە مەيلىڭ، پەستىكى ئامبار ئۆيدە بىر ئاشلىق گۆش بار، كۆكتاتمۇ شۇ يەردە، ياندىكى ئۆينىڭ دېرىزە تەكچىسىدە بوغماق كورىدا ئەبجەش ياغ بار.
ئانام ھەممىنى جاي–جايىدا چۈشەندۈرۈپ ماڭدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئالدىرىمايغىنا تاماققا تۇتۇش قىلدىم. ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولۇپ، ياغنى ئالاي دەپ ياندىكى ئۆيگە كىرسەم، دېرىزە تەكچىسىدە كورا يوق، بىر گارشۇك تۇرۇپتۇ. بۇنى بۇ يەرگە نېمىگە قويۇپ قويغاندۇ ئانام دېدىم–دە، ئۇنى ئېلىپ چېقىۋەتمەكچى بولدۇم. قولۇمغا ئالسام ئېغىر تۇرىدۇ، ئاغزىنى ئېچىپ قارىسام، ئەبجەش ياغ بار ئىكەن. ‹‹ۋاي توۋا، ما ئىشنى!›› دەپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەتىسى ئانام قايتىپ كەلگەندە:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئانا، بۇ نېمە ئىشىڭ، گارشۇكقا ياغ ئېلىپ قويۇپسەنغۇ؟، — دەپ سورىدىم.
— نېمە ئۇ گارشۇك دېگىنىڭ، ئاكاڭمۇ شۇنداق دەيدۇ.
— گارشۇك دېگەن...، — مەن شۇنداق دېدىمۇ، لېكىن، گەپنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يۇتۇۋەتتىم. ئارىدىن بىر پەس ئۆتكەندىن كېيىن ئېنىق قىلىپ:
— بولدى ئانا، ئۇ بوغماق كوراڭنى تاشلىۋەتكىن، ئىچىدىكى ياغ بىلەنلا قوشۇپ، بۇنى ئىشلەتسەڭ بولمايدۇ، — دېدىم.
— نېمىشقا؟،— دېدى ئانام، — بۇنى داداڭنى ئاتايەن بۇيرۇپ، چوڭ ماگىزىندىن ئەپچىقتۇرغان، قارىسام ئاغزى ھىم يېپىلىدىكەن، شۇڭا ياغ ئېلىپ قويغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئانامنىڭ گېپىگە بىر ھازا كۈلدۈم. ‹‹ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ تاماق يېمەي قايتىپ كېتىشى مۇشۇ ۋەجىدىنكەن–دە؟!››، دەپ ئويلىدىم.
— نېمىگە كۈلىسەن؟، — دېدى ئانام ماڭا ھەيران بېقىپ.
— ئۇ... ئۇ تەرەت قاچىسى، — دېدىم كۈلكەمنى ئارانلا بېسىپ.
— نېمە دەيدىغانسەن، ئۇنى داداڭ چوڭ ماگىزىندىن ئالدىم دېگەن تۇرسا...
— شۇ... شۇ، دېدى دادام بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، چوڭ ماگىزىندىن ئالدىم، ئەرزان سېتىپتىكەن، ماگىزىنچى قىزدىن ئىشلەتكىلى بولامدۇ دېسەم، بولىدۇ دېدى...
— ئەستا، — دېدىم مەن دادامنىڭ گېپىگە تېخىمۇ كۈلۈپ. ئاندىن ئانامغا چۈشەندۈردۈم، — مەھەللىدە يەنە بىر ھېكايە توقۇلغىچە بۇنى يوقىتىۋەت. ئىز تورى www.iz.la
ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ مېنىڭ كەلگىنىمگە ئون نەچچە كۈن بوپقالدى، لېكىن، ئاكاملار بىرەر قېتىممۇ چىقىپ قوياي دېمەيتتى. كەلگىنىمنى ئۇقمايمۇ قالمىغاندۇ، بوپتۇ، ئۇلار چىقمىسا مەن كىرىپ قوياي، دېدىم–دە، بىر كۈنى ئەتىگەندىلا ئۇلارنىڭكىگە ماڭدىم.
— ۋۇي، قاچان كەلگەنتىڭ؟، — دېدى ئاكام مېنى كۆرۈپ.
— ئون نەچچە كۈن بولدى، — دېدىم مەن. ئەمما ئاكامنىڭ يالغاندىن بىلمەس بولۇۋالغىنىنى چىرايىدىن سېزىپ تۇردۇم، قارىسام چىقمىدىڭلار، ھەقىچان چىقساق ئانام تاماققا زورلايدۇ، دەپ چىقمىغانسىلەر.
— بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى؟، — دېدى ئاكام سەل ھەيران بولۇپ.
ئىز تورى بەك ياخشى
— مەندىن يوشۇرۇمەن دېمە ئاكا، — ئانامنىڭ گارشۇكقا ياغ ئېلىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ چىقماس بولۇۋاپسىلەر...
— سىزگە كىم شۇنداق دەيدۇ؟، — ئاكام ئۈن سۈرمىگەندىن كېيىن يەڭگەم گەپكە ئارىلاشتى.
— مەن ھەممىنى ئۇقتۇم، لېكىن ئەمدى خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ئانامغا دەپ يۈرۈپ، ئۇ گارشۇكنى تاشلاتقۇزۇۋەتتىم.
— ئۇنى توغرا قىپسىز، گارشۇكقۇ ماگىزىندىن يېڭى سېتىۋالغاندىكىن پاكىزدۇ، لېكىن گارشۇكنى بىلىدىغانلار كۆرسە ئۇنداق چۈشەنمەس، شۇڭا ئانامغا نەچچە قېتىم دەي دېدىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ، ئېغىزىمدىن چىقىرالمىغانتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يەڭگەم شۇنداق دەپ جىمىپ كەتتى، مەنمۇ جىمىپ كەتتىم. راست، خەقلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە چۈشەنچە بەرمەك تەس. ئانام ساددا خوتۇن بولغاچقا، گارشۇكنى بوغماق كورا دەپ ئىشلىتىپ يۈرۈپتۇ.
بۇ كۈنى مەن ئاكاملارنىڭكىدە قونۇپ قالدىم، ئەتىسى ماگىزىن ئارىلاپ، يېڭى كورىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ چىقىۋاتسام، يولدا ھاپىزكام ئۇچراپ قالدى. قارىسام ئۇ ئادەم بىر گارشۇك كۆتۈرۈۋاپتۇ.
— قاراڭ ئۇكا، خوتۇنۇم سىلەرنىڭكىدە مۇشۇنداق بوغماق كورىنى كۆرۈپتىكەن، ياغ ئېلىشقا ئەپلىككەن، ئەپچىقىپ بېرىڭ دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى، ئىككى قېتىم كىرىپ تاپالمىغان، بۈگۈن تەلىيىمگە ئۇچراپ قالدى، دېمىسىمۇ ئەرزانكەن، — دېدى ھاپىزكام بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ.
ئىز تورى بەك ياخشى
— ئەستا، ما ئىشنى!، — دېدىم مەن بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ، ‹‹قورققان يەردە جىن بار›› دېگەندەك، مەن ھېچكىم بىلمەي قالسۇن دېسەم، بوغماق كورىنىڭ ھېكايىسى ئاللىقاچان توقۇلۇپ بولغانكەن. مانا ئەمدى بۇ ھېكايە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، نەلەرگە كېتەر؟!
شۇ ئوي–خىياللار بىلەن ئۆيگە چىققاندا چىرايىم تۇتۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئانام مېنى كۆرۈپلا:
— نېمە بولدۇڭ، ئاكاڭلار بىلەن ئۇرۇشۇپ چىقتىڭما؟، — دەپ سورىدى.
— ياقەي، — دېدىم مەن. ئاندىن ھاپىزكامنىڭ ‹‹بوغماق كورا›› دەپ، گارشۇك ئېلىپ چىقىۋاتقىنىنى دەپ بەردىم. www.iz.la
— شۇ ئەمەسمۇ، ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېسەم ئۇنىمايسەن، بولمىسا خەق سېتىۋالامتى، — دېدى ئانام.
— خەق ئۇنىڭ تەرەت قاچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ–دە، دېدىم مەن.
— نېمانداق تەرەت قاچىسى دەۋېرىسەن، بوغماق كورا دە، كورىنى تەرەت قاچىسى دېسەڭ يامان بولىدۇ، ئاغزىڭغا ئۇچۇق چىقىدۇ!، — دېدى ئانام بىردىنلا ئۆڭۈپ.
ماڭا ئەمدى لام–جىم دېمەكتىن باشقا ئامال قالمىغانىدى. ئەتىسى ھاپىزكامنىڭ خوتۇنى ھېلىقى گارشۇكنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭكىگە كەپتۇ.
— قارىمامدىلا، بۇنى كوچىدىكى ئادەملەرگە كۆرسەتسەم، ھەممە ئادەم سىلىنىڭ بوغماق كورىدىن كىچىككەن دەيدۇ، راست كىچىكمىدۇ، سېلىشتۇرۇپ كۆرەي دەپ كەلدىم، — دېدى ئۇ ئايال ئىشىكتىن كىرىپلا.
— توۋا، ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟، — دېدىم مەن ئۆز–ئۆزۈمگە پىچىرلاپ، بۇ خوتۇن گارشۇكنى كوچىدا پۇلاڭلىتىپ كۆتۈرۈپ، بوغماق كورىنىڭ ھېكايىسىنى ھەممە يەرگە يېيىپتۇ–دە!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!