تولا سۆزلەپ تېمىدىن چەتنەپ كىتىپتىمەن دىسە، شۇنداق ئەتە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى دەل « ئاشىق-مەشۇقلار»بايرىمى كۈنى، بۇ كۈنى نۇرغۇن قىز-ئاياللار يىگىتلىرى، يولداشلىرى ياكى ئاللىقانداق يېقىن دوستلىرىدىن بىر تال بولسىمۇ گۈل قۇبۇل قىلىشنى تەزاالىق بىلەن كۈتسە، نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز بولسا، بۇ كۈندىن پايدىلنىپ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ . قىز دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ياكى قايسى بىر قىزنى ئۆزى قۇرغان قاپقانغا دەسسىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈشىدۇ. ئەنە شاكىرە خىزمەت قىلىۋاتقان يېزىدىكى قىز-ئاياللارمۇ خىزمىتىنى قۇيۇشۇپ، قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كىتىشكەنىدى. قايسى بىرى يىگىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆزىگە قانداق چىرايلىق ئەتترگۈل سوۋغا قىلغانلىقىنى، بۇ يىلمۇ چوقۇم ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان گۈل سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلىسە، يەنە كىمدۇر بىرى يولدىشىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆزىنى قايسى دىباغا ئاپىرىپ ئويناتقانلىقى، قانداق چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلپ بەرگەنلىكى ۋە يەنە تېخى چىرايلىق 9تال قىزىل ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىنىپ سۆزلىشەتتى. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا شاكىرەنىڭ كۆڭلى ئاللىقانداق شىرىن تۇيغۇ پەيدا بولاتتى ۋە يەنە دەرھال ئۆزگىرەتتى. كۆڭلىدە قانداقتۇر خىياللار ئەكىس ئېتەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
«ئەتە رىشات بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارلاشقاندىن بۇيانقى تۇنجى(ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى)كۈنى، رىشات ماڭا گۈل سوۋغا قىلارمۇ ياكى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش؟،،،،».
شاكىرە رىشات بىلەن ئارلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي«خانىم-قىزلار بايرىمى» ۋە يەنە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا شاكىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كەلدى، بىراق رىشات ھەر ئىككى قېتىمدا شاكىرەگە كىتاب، شاكىلات ۋە ئۆزى يازغان بىرقانچە شېئرنى سوۋغا قىلغاندىن باشقا بىرەر تالمۇ گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىدى، شاكىرە رىشاتنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا رىشاتنىڭ كىلىشكەن قەددى-قامىتى، بۇنىڭغا يارىشا ئەدەپ-ئەخلاقى، قابىليىتى بىلەن باشقا دوستلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ، بۇنىڭدىن شاكىرە رىشاتتىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىدۇ، بىراق ئۇ يەنە رىشاتنىڭ ئۆزىگە بىر تال بولسىمۇ گۈل سوۋغا قىلمىغىندىن بەكمۇ خورسىنىدۇ. بولمىسىغۇ رىشات ئۇنچىۋالا ئىچ مىجەز ئەمەس بەلكى تولىمۇ شوخ، شاكىرەنى قىزىقارلىق گەپلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ، بىردەممۇ زىرىكتۈرمەيدۇ. لىكىن گۈلگە كەلگەندە، ھەي بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
گۈل دىسە مىنىڭچە ھەممە كىشلەر مەيلى قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك،قىز-ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغۇ دەيمەن، چىرايلىق ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە نەزەر سالماي قالمايدۇ، شاكىرەمۇ ھەم شۇنداق، كىچىكىدىن گۈللەر ئارىسىدا چوڭ بولغان شاكىرە ئۈچۈن(شاكىرەنىڭ ئانىسى گۈلگە تولىمۇ ھېرىسمەن ئايال بولۇپ، ھويلا-ئارام.باغلارغا ھەرخىل چىرايلىق گۈللەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ،پەرۋىش قىلىپ، ھويلىنى خۇددى بىر گۈلزارلىققا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى) تېخمۇ شۇنداق.
مانا بۇ بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى،شاكىرە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئەتىمۇ يىتىپ كەلدى،ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، چىرايلىق ياسىنىۋالغان شاكىرە ھېلىلا رىشادتىن كەلگەن تېلغۇندىن تەبرىك سۆزى ۋە كەچتە ئۇچرىشىدىغان جاينىڭ ئادىرسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سۇقۇپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ،ئۆزىنى تۇتىۋالدى ۋە دەرھال چېيىنى ئېچىپ، خىزمىتىگە ماڭدى، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پاھۇ!خىزمەت ئورنىغا ئەمدىلا كەلگەن شاكىرە، ھەيران قالدى، بۈگۈن شاكىرە بىلەن خىزمەتداش قىز-ئاياللاربىر-بىرسىدىن چىرايلىق ياسىنىۋېلىشقان ئىدى، مانا چۈش بولماي تۇرۇپلا خىزمەتداشىرىغا ئارقا-ئارقىدىن گۈللەر كىلىشكە باشلىدى، شاكىرە بىردىنلا مەيۈسلىنىپ قالدى، رىشاتنىڭ خىزمەت ئورنى ناھىيىدە بولغاچقا، يەنە كىلىپ يېزىدىن ناھىيىگە بارىدىغان قاتناش تازا قولايلىق بولمىغاچقا، بۇ يېزىغا كىلىپ-كىتىشكە خېلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلاتتى، شۇڭا چۈش ۋاقىتلىرىمۇ بۇ يەرگە كىلىش سەل ئەپسىز ئىدى. شاكىرە بۇلارنى ئويلاپ ۋە كەچتە رىشاتنىڭ چوقۇم ئۆزىگە ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭمۇ كەچتىكى قىزلار ئولتۇرىشىدا باشقا قىزلارنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشلىرىغا رەدىيە بېرەلەيدىغانلىقىغا ئۈمىدلىنىپ، شاكىرەنى كۆرەلمەيدىغان بەزى قىزلارنىڭ گۈللىرىنى كۆز-كۆز قىلغىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، باشقا قىزلار بولسا چۈشلۈك ئارامدىن پايدىلنىپ، يىگىتلىرى ۋە ئەرلىرى بىلەن بىللە تاماقلىنىپ،ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنى ئويناپ كىلىشكەن ئىدى، مانا چۈشتىن كىيىنمۇ ئۆتۈپ ئاستا-ئاستا خىزمەتتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ يىتىپ كىلىشكە باشلىدى، خىزمەتداشلار قىزلار كەچتە ئۇچرىشىدىغان رىستۇراننىڭ ئىسمىنى ۋە سائەت نەچچىدە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى دىيىشىۋېلىشىپ(كەچتە ئولتۇرۇشمۇ قىزلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشنىڭ بىر باھانىسى ئىدى خالاس) ، ئالدىراش ئۆيلىرىگە ئالدىراشتى. شاكىرەمۇ ئالدىراش ماشىىغا چىقىپ ناھىيىگە. رىشات بىلەن دىيىشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدى، كەچلىك ئىشتىن چۈشۈدىغان ۋاقىت بولغاچقا، يېزىدىن ناھىيىگە قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتۇبۇسمۇ شاكىرە بىلەن قېرىشقاندەك ناھايتى ئاستا ماڭغاندەك قىلاتتى.( بۇ يېزا ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىسۇ، لىكىن كىچىك تاكسىلار يوق ئىدى)، شاكىرە ماشىنىڭ ئىتتىكرەك مېڭىشىنى ، رىشات بىلەن كۈرىشىدىغان ۋاقىتنىڭ تىزراق كىلىشىنى ناھايتى تەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مانا يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ،ئاپتۇبۇسمۇ ناھىيىگە يىتىپ كەلدى، شاكىرە ئالدىراشلىق بىلەن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ، كىچىك ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ، رىشاد بىلەن دىيىشكەن جايغا«ھۇزۇر چايخانىسى» نىڭ ئالدىغا كىلىپ ماشىندىن چۈشتى، رىشات ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغان ئىدى، شاكىرەنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز رىشاتنىڭ قولىغا تىكىلدى، لىكىن شاكىرە ئارزۇ قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە، رىشاتنىڭ قولىدا گۈل ئەمەس بەلكى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش نەپىس يالتىراق قەغەزگە ئورالغان بولاق ئىدى،شاكىرە بىر قاراپلا بۇ سوۋغاتنىڭ كىتاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدى، شاكىرە بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندى، لىكىن ئىچىدە يەنىلا ئۆزىنى بەزلىدى، رىشادنىك تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن بولسىمۇ گۈل سوۋغا قىلىدىغۇ، دىگەن ئۈمىدتە چىرايىدىكى مەيۈسلىكنى خوشاللىقغا ئايلاندۇرۇپ، رىشاد بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، چايخانىنىڭ ئىچىگە ماڭدى،
www.iz.la
چايخانا بىلەن بىر تۇتاش يەر ئاستى دىبا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ھەرخىل ئالتاغىل ۋارقىراشلار ۋە چەتنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق قانداقتۇر غەيرى مۇزىكىللىرى بۇ چايخانىنىڭ خاتىرجەم مۇھىتىتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغاندەك چايخانا ئەتراپىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رىشاد بىلەن شاكىرە چايخانا ئىچىگە كىرىپ ، سەھنىگە يېقىن قۇيۇلغان دېرىزە تەرەپتىكى كونا ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى، چايخانا ئەتراپىنىڭ شۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغىنىغا قارىماي، چايخانا ئىچى شۇنداق تىنىچ ئىدى، ئويغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن نەپىس بېزەلگەن بۇ چايخانا، ئىچىگە كىرىشى بىلەن ئاڭلانغان تولىمۇ پەس ئاۋازدا قۇيۇلغان لەرزان مۇزىكا ئاۋازىغا قۇشۇلۇپ، كىرگەن كىشىگە تولىمۇ خاتىرجەم، تىنىچ ۋە ھۇزۇر بېغىشلايتى، لىكىن بۈگۈن نىمىشقىدۇ ئادەم شالاڭشىپ قالغان ئىدى، ئۇلار تاماق ۋە ئىچىملىكنى بۇيرۇشۇپ، كۈتكۈچى ئەكىلىپ بەرگەن مىۋە شەربىتىنى ئەمدىلا ئىچىپ تۇرىشىغا، جوزا ئەتراپىدا قولىدا لىق بىر دەستە گۈل كۆتۈرىۋالغان كىچىك بىر قىز پەيدا بولدى ۋە رىشادقا قاراپ:
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
«ئاكا گۈلدىن بىرەر تال سېتىۋېلىپ، يېنىڭىزدىكى بۇ چىرايلىق ئاچاشقا سوۋغات قىلمامسىز؟» دېدى، شاكىرە بۇ قىزنىڭ سۆزىدىن شۇنداق سۆيۈندى، رىشاردنىڭ بۇ قىزدىن خىجىل بولۇپمۇ بولسا ئۆزىگە گۈل ئېلىپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشەندى، بىراق رىشادنى جاۋابى شاكىرەنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى،
«رەھمەت سىزگە! كەچۈرۈڭ، بىزگە گۈل كېرەك ئەمەس».
شاكىرە ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى رىشادقا تىكتى، رىشاد بولسا شۇنداق پەرۋاسىزدەك ئولتۇراتتى، گۈل ساتقۇچى قىزچاق ئۈمىدسىزلىنىپ، شاكىرەگە شۇنداق بىر قاراپ قويدىدە، نېرىغا كەتتى. شاكىرە يەنىلا كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشتى، شۇنداق مىزىلىك تاماقنىمىۇ ناھايتى كۆڭۈلسىز يىدى، تاماقنى يەپ بولۇپلا، كەچتە يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن يىغىلىشى بارلىقىنى ئېيتىپ، رىشاد بەرگەن سوۋغاتنى شۇنداقلا ئالدىدە سۇسلا خوشلىشىپ، چىقىپ كەتتى، رىشاد شاكىرەنىڭ ئارقىسىدىن چوڭقۇر ئۇھسىندىدە، شاكىرە ماڭغان تەرەپكە قاراپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
شاكىرە چايخانىدىن چىقىپ، قىزلار بىلەن دىيىشكەن رىستۇراننىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئايرىم خانىغا كىرگەندە باشقا قىزلار تېخى كەلمىگەنىدى، شاكىرەنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى، رىشادنىڭ ئۆزىگە بىر تالمۇ گۈل سوۋغا قىلمىغىنىدىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغان ئىدى، شاكىرە يەنىلا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئازراق گىرىم قىلۋالدى، ئۇزاق قالمايلا دوستلىرى كەلسە، شاكىرەنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرسە ئىچە كۈلۈشۈپ مازاق قىلىشمامدۇ، شۇڭا شاكىرە دوستلىرى ئالدىدا ئۆزىنى خوشال تۇتمىسا بولمايتى، بولمىسا يەنە بىر قىسىم ۋىتۋىلداق ھەسەتخورلارنىڭ مازاق ئوبىكتى بولۇپ قالمامدۇ، شاكىرە ئايرىم خانە ئىچىدە ئۆزى يالغۇز غېرەپسىنىپ ئولتۇردى، ئەسلىدە بۇنداق بالدۇرمۇ كەلمەيتى، بىراق رىشادنىڭ قىلغانلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان شاكىرە ئولتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، رىشاد بىلەن بالدۇرلا خوشلاشقانىدى، شاكىرەنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا رىشاد بايا ئۆزىگە سوۋغات قىلغان سوۋغىغا چۈشتى، شاكىرە ئىختىيارسىز سوۋغىنى ئاچتى، «قىزلار ئەڭگۈشتەرى»، «قىز-ئاياللىرىمىزغا نەسىھەت»،ناملىق ئىككى كىتاپ، يۈرەك سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر جۇپ شاكىلات، رىشات شاكىرەگە ئاتاپ يازغان «سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن» ناملىق بىر پارچە شېئىر ۋە يەنە بىر پارچە خەت شاكىرەنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى، شاكىرە خەتنى قولىغا ئالدى، خەت ئۈستىدە:«مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان شاكىرەگە» دېگەن بىر جۈملە سۆز ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، شاكىرە قىزىقسىنىپ خەتنى ئېچىشقا تەمشەلدى،«رىشادنىڭ نىمە قىلغىنىدۇ بۇ؟ قانداق گەپ بولسا يۈز تۇرانە ئېيتماي، خەت يىزىپ يۈرگىنى نىمىسى؟»شۇ ئوي بىلەن شاكىرە خەتنى ئالدىراپ ئاچتى. ئىز تورى بەك ياخشى
«مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان سۈيۈملۈكۈم شاكىرە!» خەت ئەنە شۇنداق باشلانغانىدى، « بەلكىم بۇ خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسىز، ئەسلىدە ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتاي دىگەن ئىدىم، لىكىن يەنىلا خەت يىزىشنى ياخشى چارە كۆردۇم،بىز ئىككىمىز تۇنۇشقىلى ئاز كەم بىر يىل بولدى، ئىككلىمىز بىر-بىرىمىزنى خېلىلا چۈنۈشىمىز، دەپ قارايمەن، شۇنداقلا سىزنىڭ ۋىجدانلىق، ئاقكۆڭۈل، ئەدەپ-ئەخلاقىڭىزدىن سىزگە ئوخشاش بىر قىزنىڭ ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مىنىڭچە سىزمۇ مىنى نائۈمۈدتە قويمايسىز، مەنمۇ سىزنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغىنىڭىزنى، ۋە مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن، سىزمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش گۈلنى تولىمۇ ياخشى كۆرىسىز، ئوغۇل بالا بولساممۇ مەنمۇ ھەم شۇنداق، گۈلنى شۇنچە ياخشى كۆرگەچكە، ھەم سىزگە تا مۇشۇ كەمگىچە گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىدىم، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلىغانسىز، مىنى گۈلگە ئۆچ ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپمۇ قالانسىز، لىكىن سىز ئويلاڭ، گۈل قاراشتا شۇنچە چىرايلىق، شۇنچە خۇشپۇراق، شۇنچىلىك كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ،لىكىن سىز ئۇنى ئۈزۈپ شېخىدىن ئايرىۋەتسىڭىز.ئۇ نىمىگە ئايلىنىدۇ؟ شېخىدىن ئايرىلغان گۈل سۇغا چىلاپ قويسىىڭىزمۇ كۆپ بولغاندا ئىككى ھەپتە بولمىسا بىر ھەپتىگە قالماي ، بىردەملىك خوشاللىق، پۇراق بەخىش ئەتكىنى بىلەن ئاقىۋەتتە يەنىلا سولىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىيتىنى يوقىتىدۇ، گۈلنىڭ ئىلگىركى جەزبىدار، خۇشپۇراق ھالىتىدىن، ئەسلىدىكى قىممىتىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، سىز بەلكىم گۈلنىڭ ياپىراقلىرىنى ساقلاپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن ئۇنىڭ پۇرىقىنى، ئەسلىدىكى جەزبىدارلىقىنى كۆرەلمەيسىز، لىكىن ئۇ شېخىدىن ئۈزۈلمىسىچۇ؟ خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە يەنە خۇشپۇراق چېچىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆڭلىگە مەلھەم بۇلىدۇ، سىز بەلكىم، ئاقىۋەتتە بەرىبىر يەنە توزوپ تۈگەيدىغۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن ئۆزى توزىغان گۈل بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن بالدۇر ئۈزۈلگەن گۈلنىڭ قىممىتىنى سىز مۆلچەرلەپ بۇلالمايسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ، بولۇپمۇ قىش ۋاقتى دەل مۇشۇنداق چاغدىكى سوۋغا قىلىنغان پارنىك گۈللىرىگە قاراڭ، كۈرۈنۈشتە شۇنچىلىك كۆركەم تۇرغىنى بىلەن قانچىلىك پۇرىقى بار؟ دۇكاندىكىلەر ئۆزلىرى چېچىپ قويغان ئەتترىلەرنىڭ پۇرىقىدىن باشقا ھېچقانداق پۇراقنى سىزەلمەيسىز، سىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن بىر دەملىك ھۇزۇرلىنالايسىز، لىكىن مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەن ھەر قېتىم سىزگە كىتاب سوۋغا قىلىشىمدىكى مەقسەتمۇ دەل ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بىرەر خاتىرە قېلىشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈندۈ، مەيلى بىز قېرىپ ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتسەكمۇ ئەسلىگىدەك بىرەر خاتىرە قالدۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈندۇر، سىز بىر ئەقىل ئىگىسى، مىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى چوقۇم چۈشۈنۈپ بولدىڭىز، شۇنداق، كىتاب مەڭگۈ سولاشمايدىغان، مەڭگۈ قۇرۇپ قالمايدىغان، نەچچە قېتىم ئوقۇسىڭىزمۇ تۈگەپ كەتمەيدىغان، نەچچە مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بىر قىممەتلىك بايلىق، مەڭگۈلۈك خاتىرە، سۆزۈمنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزگە ئىشىنىمەن، سىز چوقۇم مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىسىز، ئاخىردا سىزگە دەيدىغىنىم، سىنى دوستلىرىڭىز بىلەن ئوينىماڭ دىمەكچى ئەمەسمەن، ئويناڭ لىكىن سىزگە ھەقىقىي دوست بولالايدىغان، كىيىم-كېچەك، قۇرۇق ئابروي بىلەن بەسلىشىدىغانلار بىلەن ئەمەس، ھەقىقىي ساپ ۋىجدان ئىگىسى، ھەقىقىي دوسلىتىڭىز بىلەن ئويناڭ! مىنىڭ سىزگە گۈل سوۋغات قىلمىغان بۇ كۆڭلۈمنى كەچۈرىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سىزنى چىن دىلىدىن سۈيۈپ: رىشات».
شاكىرە خەتنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ قالدى، رىشاتنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتى، شاكىرە ئورنىدىن دەس تۇردىدە، نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ئەمدىلا خانىگە كىرگەن نازىرەنىڭ«نەگە بارىسە؟»دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن يۈگۈرۈپ دىگىدەك چىقىپ كەتتى، ئىشىك ئالدىغا ئەمدىلا چىققان شاكىرە قولىدا تېخى ئېچىلمىغان بىر تاشتەك ئەتتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان رىشادنى كۆرۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، رىشاد ئاستا شاكىرەنىڭ قېشىغا كەلدى،« بۇ بىر تاشتەك ئەتتىرگۈلنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىدە بۈگۈن سىزگە سوۋغات قىلماقچى ئىدىم، يەنە كىلىپ ئىشخانىغا كۆتۈرۈپ كەلسەم،مەسئۇلىمىزنىڭ ئىشخانىغا ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىشخانىغا ئەكەلمىگەن، بايا خىزمەتتىن چۈشۈپلا سىزنى ساقلىتىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ، بىرەم تۇرۇپ ئاچىقىپ بىرىشنى ئويلىغان ئىدىم، لىكىن سىز ئالدىراپلا كىتىپ قالدىڭىز، سىزنىڭ چۇقۇم قايتىپ چىقىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ، دەرھال ئۆيگە قايتىپ، گۈلنى ئەكەلدىم، ئوبدان پەرۋىش قىلىپ بېقىڭ، بۇ گۈل ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈ سولىماس ھەقىقىي مۇھابىتىنىڭ سىمىۋۇلى». رىشاد شۇنداق دىدىدە، گۈلنى شاكىرەگە ئۇزاتتى، شاكىرەنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز خوشاللىق ۋە ھاياجان ياشلىرى سىرغىپ چۈشتى.