ئەقىل كۆزى بار كىشىلەر جاھاننىڭ رەپتارىغا قاراپ جىم تۇرمايدىغان بولدى. قولىدىن ئىش كىلىدىغان، تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىن قورۇقمايدىغان، بىر ئىش قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنىدىغان، جاپاغا، مەينەتچىلىككە چىداشلىق بىرەلەيدىغان، پىشانىسىدىن ھارغۇدەك تەر ئاققۇزۇپ، ئاشۇ ھالال تەرىنىڭ مىۋىسىنى تېتىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
تالىپ بىلەن ئاينۇر ئەنە شۇنداق بازارغا قاراپ تەۋەككۈل قىلغان، جاپادىن، مەينەتچىلىكتىن قورۇقماي ھالا تەرى بەدىلىگە باي بولغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان كۆيۈمچان ئەر-خوتۇنلار." تۇرمۇش دىگەن شۇنداق بولسا -ھە!" دەپ ھەۋەس قىلاتتى يېقىن دوست- بۇرادەرلىرى. كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ھەۋەس قىلدۇرغىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن بۇ بايلىق_ ئۇلارنىڭ چۆچۈرىدەك تۆت بالىسىنىڭ كېلەچىكى، بەختى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ياشلىقىنى قۇربان قىلىشتىن كەلگەن. بۇ بايلىقلار ئاينۇرنىڭ ئاپتاپتەك گۈزەل چېھرىگە مەزگىلسىز قورۇقلارنى سېلىپ، ئاپئاق، چىرايلىق قوللىرىنى قاداق باستۇرۇپ، بەللىرىنى مۈكچەيتىپ قويدى. تالىپ ئەر بولغاچقىمىكىن، قوللىرىدىكى قېتىپ كەتكەن قاداقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ جىسمىدىن ياشلىقنىڭ جەزىبىدارلىقى تېخى كەتمىگەنىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەجىر- مېھنەتلىرى بەدىلىگە تۇشلۇق ناھايىتى كۆپ پۇلغا ئېرىشتى، باي بولدى. ئىككى قەۋەت قىلىپ زامانغا لايىق ئۆي سېلىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. ئۆينىڭ بېزىلىشىنى دىمەيلا قويۇڭ، ئۆي زامانىۋى بېزىلىپ، ھەممە- ھەممىنىڭ مەستلىگىنى كەلتۈردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆز مېھنەتلىرىدىن بەخت خوشاللىقىغا چۆمدى. بالىلارمۇ ھېچ نەرسىدىن قىسىلماي مەكتەپتە ياخشى ئوقىدى، چوڭ قىزى خىزمەتكە چۈشتى، بىر ئوغلى شوپۇر بولدى، قالغان ئىككىسى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتىدۇ. كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى، تالىپمۇ ئۇدۇل كەلگەن سودىنى قىلىپ خېلىلا پۇل تېپىۋالدى. ئۇ بەزىدە ئىچكىرىدە يۈرسە، بەزىدە ئۈرۈمچىدە سودا قىلىپ يانچۇقىنى تېخىمۇ تومپايتتى، قولى ئوچۇق، مەرد بولغاچقا، ئەل -ئاغىينىسىمۇ خېلى كۆپەيدى. رەڭلىك ئولتۇرۇش، ئادەتتىكى ئولتۇرۇش... ئىشقىلىپ، ئويۇن-تاماشا ئۇنىڭسىز بولمايتتى. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ تۇرمىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. تالىپنىڭ ئەتراپىدا قىزلار پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ، ھەر خىل ناز-خۇلقلىرى بىلەن ئۇنى رام قىلىۋالدى. ساپ مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن بىر-بىرىگە ئىلھام، مەدەت بىرىشىپ ئىگىلىك ياراتقان ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرسىغا ناھايىتى زەھەرلىك" شۇمبۇيا" ئۈنۈپ چىقتى. ئاينۇرنىڭ مېھرىبانلىقى، كۆيۈمچانلىقى، ئىشىكتىن كىرسە قولىدىن سومكىسىنى ئېلىپ تاتلىق قىلىپ ھاردۇق ئېشى قىلىپ بېرىشلىرى ئەمدى تالىپ ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىشلار بولۇپ قالدى. سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىسسىق باغرىغا باسىدىغان ئاينۇرنىڭ ئورنىنى باشقا بىرى ئىگىلىدى. ئۇ ئۆيگە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ كىرىپ، مۇز ياغدۇرۇپ چىقىپ كىتىدىغان، ھەتتا بەزى كۈنلىرى ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەيدىغان بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈنگەن بۇ "شۇمبۇيا" ياش ۋە خۇلقلۇق ئىدى. بۇ "شۇمبۇيا" دادىسىدەك بىر ئادەمگە پۈتۈن ھۈنىرىنى ئايىماي ئىشقا سالدى. تالىپمۇ قىزى دىمەتلىك بۇ سەتەڭ ئۈچۈن ھېچنىمىسىنى ھېچ نەرسىنى ئايىمىدى. شەھەرنىڭ ساپ ھاۋالىق يېرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە بېزەپ بەردى. تالىپ تاپقان پۇلىنى موشۇ " سەتەڭ" ئۈچۈن سۇدەك خەجلەشكە باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تالىپ ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگەندە ئۆيگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بېرىپ كېتەتتى. بىراق، ئاينۇرغا پۇل يۇتقۇزمايتتى. بىخەتەر ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئاينۇر يوق چاغلاردىلا ئېچىلىپ- يېپىلاتتى. ئاينۇر يولدىشىدكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈشلەردىن كۆڭلى تۇيغاندەك بولدى، بالىلار دادىسىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك سىنچىلاپ قارايدىغان بولدى.
بىر كۈنى ئوغلى ئىشىكتىن كىرگەن پېتى دادىسىنىڭ ياقىسىدىن ئالدى:
_ خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان ھايۋان، سەن بىزنى نىمە دەپ قالدىڭ، يانچۇقۇڭغا پۇل كىردى شۇنداقمۇ؟ ئاشۇ پۇللار قانداق كەلگەن بىلەمسەن؟ بۇ پۇللار ئانامنىڭ ياشلىقىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن.
تالىپنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇ ئوغلىنىڭ قولىدىن بوشىنىشقا تىرىشىپ:
_ ئوغلۇم ساڭا نېمە بولدى؟ مېنى قويىۋەت!_ دېدى.
_ قويۇۋەت؟ مەن سېنى قويىۋەتمەيمەن، بىلىپ قوي، ئانامنى يەنە قاقشىتىدىغان بولساڭ ھامان بىر كۈنى سېنى ئۆلتۈرىۋېتىپ ئۆزۈمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن، سەندەك دادىلارنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى تۈزۈك.
_ ئوغلۇم، گەپ بولسا چىرايلىقچە دىيىشەيلى، مېنى قويىۋەت!
_ يېشىڭ بىر يەرگە يەتكەندىمۇ ئۆۈڭنى بىلمەي، ئانامغا يۈزسىزلىق قىلىپ قىزىڭدەك بىرنىمىنى ئەگەشتۈرۈپ خەلقىئالەم ئالدىدا بىزنى ئۇياتقا قويدۇڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوغلىنىڭ ئىشىكتىن كىرە-كىرمەيلا دادىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالغان ئاينۇر بولسا ئوغلىنىڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئاڭلاپ " دىرىڭڭىدە" كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى. بالىلار" ئانا" دەپ ۋاقىراشقىنىچە ئانىسىغا ئېسىلدى.
ئاينۇر تاغ بېسىۋالغاندەك ئېغىرلاشقان تېنىنى ئاران ئىرغىتىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىگە زەن سېلىشقا باشلىدى، ئاپتاپتەك پارقىراپ تۇرىدىغان چىرايلىق تېرىلىرى سولىشىپ، كۆز جىيەكلىرىگە چۈشكەن قورۇقلار تېخىمۇ كۆپەيگەنىدى. بىراق سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ياشلىقىدا نى-نى يىگىتلەرنى كۆيدۈرۈپ ھالىنى قويمىغان گۈزەللىكى تېخى سۇنمىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا يولدىشى تالىپ ئۈچۈن ناۋات، قەنت بولۇپ سۆيۈلگەن جىنەستىدەك لەۋلەر سۇسىزلانغان، ئاقارغانىدى؛ تويماي قارايدىغان شەھلا كۆزلىرى ھارغىن كۆرۈنەتتى؛ توختىماي سىلاپ، سۆيۈپ تويمايدىغان چىرايلىق قوللىرى يىرىكلەشكەنىدى. ئۇ شۇنداق بىر " ئۇھ" تارتتىكى، نەچچە ۋاقىتتىن يىغىلىپ قالغان دەرتلىرى شۇ بىر "ئۇھ" تارتىش بىلەن ئۆزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
تال چىۋىقلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان ئۆستەڭ بويىدا بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئاشىق-مەشۇقلار سۆھبەتكە چۈشكەنىدى.
_ ئاينۇر سىز مەن بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىللە بولارسىزمۇ؟
_ نىمە دەيدىغانسىز، تالىپجان؟ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى قىلىش زۆرۈرمىدى.
_ مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن.
_ مەنمۇ شۇ.
_ مەن شۇنداق خىياللارنى قىلىمەن: توي قىلغاندىن كىيىن سىزگە كۆيۈنۈپ، ئامراقلىق قىلىپ ئۆتسەم، بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلىسەك، بىزگە ئوخشاش دىھقان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى ئوقۇتساق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ قېلىن، تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا دەپ كەتكەن گەپلىرىنى.
تالىپ كەينىگە قايرىلىپ ئامراقلىق بىلەن قىزنى قۇچىقىغا ئالدى.
تاتلىق خىياللار بىلەن ئولتۇرغان ئاينۇر چوڭ دەرۋازىنىڭ ئەنسىز ئېچىلىشى بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. كىچىك قىزى دەرۋازىدىن "ئانا" دىگىنىچە يىغلاپ كىرىۋاتاتتى. ئاينۇر يۈگۈرۈپ دېگۈدەك قىزىنىڭ ئالدىغا چىقتى، قىزى ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.
_ ئانا، ئاكام تاغدىن قايتىپ كىلىۋاتقاندا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كىتىپ... ھازىر دوختۇرخانىدىكەن.
ئاينۇر يەنە بىر قېتىم ھوشىدىن كەتتى، ئۇ ھوشىغا كەلگەندە ئۆي ئىچى ئۇرۇق- تۇققان، قولۇم-قوشنىلار بىلەن تولغان بولۇپ يىغا-زار بولىۋاتاتتى، بىرەيلەن كىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئاق سالدى.
تالىپقا ئوغلىنىڭ ئۆلىمى تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن يۈرىۋەردى. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ يۈزىچىلا " بالاڭنىڭ بېشىغا چىقتىڭ، ئەمدى توختاپ قال" دىگەندەك گەپلىرى تەسىر قىلمىدى. ئاينۇر ئوغلىنىڭ نەزىرلىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيدىن تالاغا چىقماي جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كۈن بويى بالىسى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلەرنى كۈندە بىر قېتىم سىلاپ قوياتتى. " ياش كەتتىڭ، بالام! ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپلا كەتتىڭ، بالام!" دەپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى.
مانا، ئوغلى قازا قىلغىلىمۇ ئىككى يىل بولاي دېدى، ئاينۇرنىڭ چاچلىرىغا ئاق كىردى. ئەمما تالىپ تېخىچە تۈزەلمىدى. ئۇ بىر كۈنى غەرق مەست كەلدى، ئۇ ئاينۇرغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_ ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى تەل قىلىپ قويدۇم، سەن تولا بالىلارنى ماڭا قارشى چىقارما، بولمىسا..._ دەپ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ قويدى. ئاينۇر ئاستا ئېرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ بىر ئاز ئۇخلىۋېلىڭ، سىزگە ئاچچىق-چۈچۈك ئاش ئېتىپ بىرەي،_ دېدى مۇلايىملىق بىلەن.
توي قىلغاندىن تارتىپ تاكى بالىلىرى تۆت بولغىچە بىر-بىرىگە قانماي، بىر-بىرىنى ئىززەتلەپ، قانچە جاپا-مۇشەققەتلەردىمۇ بىر-بىرىنىڭ ئېغىرىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ، ھەتتا بىر-بىرىنى ھازىرغىچە " سەن-پەن" مۇ دىيىشىپ باقمىغان ئەر-خوتۇنلار ئەمدى بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى تۈگەپ راھەتكە چىققاندا ئەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرمەمدىغان، خىيال بىلەن تۇرغان ئاينۇر تالىپنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتىلىشىدىن قورقۇپ كېتىپ قولىدىكى چىنە يەرگە چۈشۈپ سۇندى.
" ئاللا ئىگەم بالا- قازا بولسا يىراق قىلغايسەن" دېدى ئۇ چىنە سۇنۇقلىرىنى تېرىۋېتىپ، شۇ كۈنى ئاينۇر بىر ياستۇققا باش قويمىغىلى ئۇزاق بولغان ئېرىغا يېقىن قىلىپ ئورۇن سالدى ھەم بۇ پۇرسەتتە يولدىشىغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى يولدىن ياندۇرماقچى بولدى. ئۇ يولدىشىنى ئۆزىگە قاراتماق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن ئاستا تارتتى، ئويلىمىغان يەردىن تالىپ:
_ ماڭا يېقىنلاشما، سەندىن ئىنلا پۇرايدۇ، كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ،_ دېدى.
سېغىنىش مېھرى بىلەن ئۇزىتىلغان قول "لاسسىدە" تۆۋەنگە چۈشتى، ئاينۇر يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگىرەلمىدى.
_ مەندىن زېرىككەن بولسىڭىز ئاجرىشىپ كىتەيلى.
_خام خىيال قىلما، مەن سەندىن ئاجراشمايمەن.
_ يالغۇزلۇقتىن زېرىكتىم، خەقنىڭ گەپ -سۆزلىرىدىن بىزار بولدۇم، ئۆلمەي تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى تارتىۋاتىمەن.
_ خەق نىمە دىسە دەۋەرسۇن، مەن سودا قىلىۋاتىمەن.
_ ئاجراشمايمەن دەيسىز، ھېلىقى قان شورىغۇچى ئالۋاستىدىن نېرى بولۇڭ، ئاندىن چىرايلىقچە بۇ ئۆينى تۇتىمەن، بولمىسا ئاجرىشىمەن.
_ ئۇنى ھاقارەتلىمە، بولىسا تايىقىڭنى يەيسەن.
_ مەن كۆرمىگەن نىمە قالدى ؟ سىزنىڭ تايىقىڭىزدىن قورقۇپ قالارمەنمۇ؟
_ قورقمىساڭ مانا ئەمىسە،_ تالىپ شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇرنى بىردەمدىلا " يانجىپ" قويدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تالىپ بىر قېتىملىق چوڭ سودىدا تېخىمۇ بىر بېيىۋېلىش غەرىزىدە ئاچ كۆزلۈك قىلىپ نۇرغۇن مال ئېلىپ ئىچكىرگە بېرىپ مىڭ بىر جاپادا تىكلىگەن ئىگىلىكىدىن بىر يولىلا ئايرىلىپ قالدى. ئۇ بۇ قېتىقى سودا ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بىر كۆرسەتمەكچى ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ پۈتۈن دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قۇرۇق قول قايىتپ چىقتى.
بىر كۈنى ئاينۇر نەۋرىسىگە تاماق يىگۈزىۋاتاتتى. تالىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كىيىملىرىنى سېلىپ ياتتى ۋە ئاينۇرنى چاقىردى.
_ ئاينۇر، ھەي خوتۇن، بۇ ياققا كىرگىنە!
_ ھە نىمە بولدى، شۇنچە ۋاقىرىغىدەك؟
_ ۋاقىرىمىدىم، سېنى چاقىردىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ ياۋاشلاپ قاپتۇققۇ؟
_كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بەرگىن!
_ يۇيىدىغان ئادەم يۇيۇپ بەرسۇن، مەن كىيىملەرنى يۇيۇپ بىرىشكە لايىق ئەمەس.
_ ئۇنداق قىلماي يۇيۇپ بەرگىن!
_ يۇمايمەن ئۆزىڭىز يۇيۇڭ،_ ئاينۇر شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى. تالىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆڭلەكلىرىنى مىجىقلاپ يۇيۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. يۇيغان كىيىملىرى خوتۇنى يۇيۇپ بېرىدىغان كىيىملىرىگە ئوخشىاشماي قالدى. يۇندىسىنى ئېقىتىپ يېيىپ قويغان كىيىملەرگە بىر ھازا قاراپ تۇرغان تالىپ چوڭ بىر "ئۇھ" تارتتى-دە، ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئاخشىمى تالىپ ئاينۇرغا: copyright by www.iz.la
_ خوتۇن، سېنى بەك سېغىنىپ كەتتىم، يېنىمغا كەلگىن، _ دېدى.
_ خوتۇن سېغىنغان بولسىڭىز " ئالۋاستى" نىڭ يېنىغا بېرىڭ.
_ بولدى، بۇ گپلەرنى قويغىن، سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىۋاتىدۇ.
_ مەن ئارزۇ قىلغاندا، مەن سېغىنغاندا سىز نەگە كەتكەن؟ مۇڭداشقۇم كەلگەندە سىزگە ئىن پۇرىدىم، ئەمدى مېنى پۇرىغىڭىز كەپقاپتا؟ ھېلىقى ئالۋاستىنى سېغىنغاندا نومۇس قىلماي دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىپ بارغانلىرىڭىزنى مېنى ئۇقمايدۇ دىمەڭ؛ ئاشۇ بىرنىمە بىلەن سۆزلەشكىلى بارغاندا، ئۇنىڭ كۆزىچىلا مېنى ئۇرۇپ كەتكەنلىرىڭىزنى تېخى ئۇنتۇغۇنۇم يوق. نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىڭىزنىڭ، ھالال جۈپتىڭىزنىڭ سۆزى قۇلىقىڭىزغا كىرىپمۇ قويمىدى. ئاشۇ سولاپ بېقىۋاتقان بىرنىمىڭىزنىڭ شېرىن سۆزلىرى مېنىڭ بىر ئۆمۈر سىز ئۈچۈن تۆككەن بەدەللىرىرىمنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلدى. سىز ئاشۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئۆزىڭىزدىن، ئوغلۇمدىن مەھرۇم قىلدىڭىز، ئەمدى پۇلىڭىزمۇ يوق بولدى، ئۇ سىزنى تاشلىدى، شۇنداقمۇ؟ دورا سېتىۋالىدىغان پۇلىڭىزمۇ يوق بولدى شۇنداقمۇ؟...
copyright by www.iz.la
_ سادىغاڭ كىتەي، خوتۇن، بولدى، پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەمدى بۇرنۇمغا سۇ كىردى، ئادەم بولدۇم.
_ ئوغلۇمغا ئېلىپ بىرىشكە قىيمىغان ئۆينى شۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەنىدىڭىز، قىزلىرىمغا ئېلىپ بېرىشكە چىدىمىغان زىبۇ- زىننەتلەرنى شۇ ئالۋاستىغا ئېلىپ بىرىشكە چىدىغانىدىڭىز، ئەمدى ئاشۇ ئالۋاستى سىزنى باقسۇن، سىزگە ئاتىغان كۆڭۈل مۇزلاپ كەتتى.
_ خوتۇن، مەن ساڭا تىزلىناي! گۇناھىمغا توۋا قىلاي!
_ ماڭا يېقىن كەلمەڭ، نېرى يېتىڭ، بەك سېسىپ كىتىپسىز، خۇددى چوشقا قوتىنىغا ئوخشاش.
تالىپ ھەسرەت ئىچىدە ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى، پۇشايمان قىلغان بىلەن ۋاقتى ئۆتكەنىدى، كەچۈرۈم سوراپ گۇناھىنى تىلەي دېسە بەكمۇ كېچىككەن ئىدى. ئۇ بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە چاترىقىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
مەنبە: ئايگۈل ئەمەتنىڭ "شەھلانىڭ شەھرى" ناملىق پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى