باشلىق بىلەن ئوينىغان شاھمات

ۋاقتى:2011-05-16 12:18مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

-دوستۇم ۋارىس،سۆزلىرىمىگە قۇلاق سال.بىردەم ھال-مۇڭ بولايلى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

(دىدار غەنىمەت،پۇرسەت غەنىمەت)دەپتىكەنمەن.سائەتتىن كېيىن ئىدارە باشلىقى ۋاھاپنىڭ(كالا بېشى)مارلىلىق ئېسىل پىكاپى دەل مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ.بۈگۈن دىگەن شېكەت شەنبە،ساڭا ئۈلپەت بولۇشىنى ئۆگىتىپ قويماقچىمەن.خاتىرجەم بول.ھەرگىز زىيان تارتىمايسەن،سەندە بىر ھۈنەر بار دېدىڭما؟ ھا...ھا...ھا... قوي ئۇنداق گەپلىرىڭىنى،ھۈنەر،پەم دېگەنلەرنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن،ئۆزۈڭگە ئايان...كۆرۈمسىز بولساممۇ ھازىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىمە.كىشلەرنىڭ ئېيتىشچە،بۇ جۇڭگۇدا ئەڭ تۆۋەن ئەمەل ھېسابلىنارمىش،نېمىلا بولمىسۇن،ھازىر قالتىس ئادەممەن.قىلدەك ھوقۇقنىڭىمۇ پىلىدەك كۈچى بارلىقى ھەممىگە ئايانغۇ؟ھېچبولمىسا ئۈچ نەپەر كادىر ئاغزىمغا قارايدۇ.يەنە كېلىپ ھەيۋە-شىددەتلىرىدىن كىشىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇۋاتقان (ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش،ئورگان ئىسىلاھاتى...)دېگەنلەردىن پەرۋايىم پەلەك!سۇنماس تۆمۈر تاۋىقىم بار.ھىماتچىم كۈچلۈك...شۇ تۈپەيلى ئۇنداق    سۈرەن-چۇقانلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

نېمە ئۈچۈن دەمسىنا؟مەن دېگەن كىم ؟قۇلاق سال!مۇبارەك نامى تىلىغا ئېلىنغان ھامان خورەك تارتىپ چۈش كۆرۈۋاتقانلارمۇ ئۆندەرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغان كېسەر پىچاق باشلىقىنىڭ،يەنە كېلىپ كادىرلار ئىدارسىنىڭ بىرىنچى قولى ۋاھالەنكى دائىملىق ئۈلپىتى.ئۇنىڭ كۆڭۈل قولۇپلىرىنىڭ ئاچقۇچى،سۆھبەتدىشى پەيزۇل بولىمەن.ساڭا ئېيتىپ قوياي،مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا چوقۇندۇردىغان ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ.ئۇلار مەنسەپكە،نەپكە ئېرشتى.بىراق،ئۇلار تۇزكورلۇق قىلدى.كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا (نەزىرى)بىرىشىنى ئۇنتۇدى. لېكىن،بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا،دوستۇم،سەندىن يوشۇرۇپ يۈرمەي،گەپنى ئوچۇقلا قىلاي،ئۆزۈڭ بىلىسەن،مەن دېگەن خېلى نامدار شاھمات ماھىرى،باشلىق بولسا شاھمات خۇمار ئادەم،بىر ھەر شەنبە كۈنى شاھمات تاختىسىدا ئۆز-ئارا قاتتىق تۇتۇشىمىز.شەرت پەقەت بىرلا؛كىم يېڭىلسە بىر بوتۇلكا ئېېسىل ھاراقنى جوزىغا تىكلەيدۇ.مانا بۇنى كۆردۈڭمۇ؟سومكىدىكى بۇ نەرسە ھاراقلارنىڭ سۇلتانى(ماۋتەي)نىڭىمۇ گۈلتاجى.مەن تاكى ھازىرغىچە شاھماتتا ئۇنى يېڭىپ باقمىدىم،گاھىدا بىرەر قېتىپ تەڭلىشىپ قويمەن خالاس.بولمىسا پەم بىلەن يېڭىلىپ بېرىمەن،بۇ سۆزلىرىمىدىن ئەجەپلەنمە،ئەتەي يېڭىلىپ بىرىشنىڭ نەرى خاتا؟باشقىلارغا ئوخشاش تاپان يالاپ،قۇيرۇق شىپاڭلىتىشىتىپ مىڭ ياخشى ئەمەسىمۇ؟...مەن يا خۇشامەتچى بولمىسام ئۆزۈڭگە ئايان مېنىڭ سورۇنلاردا ھەقەمسايىلىرىم؛(غورۇرلۇق زىيالىلارنىڭ تىپى)دېيشىدىغۇ؟خوش ئەمدى ئۆز گىپىمىگە كېلەي...ئاشۇ بىر بوتۇلكا تۈگەش بىلەن تەڭ باشلىقىنىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان يېڭى ئۇچۇرلارنى،ھەتتا(پايدىلىنىش خەۋەرلىرى)دىنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ،مەخپى ھۆججەت،يوليۇرۇقلاردىمۇ ئۇچرىتىش قىيىن.كارامەت ئۇچۇرلار...ھەم كەسكىن ،ھەم قالتىس!ئۇنىڭ كاۋاپ بىلەن ئىچىلىگەن ئېېسىل مەينىڭ  كارامىتى توغرىسىدىكى قارا يومۇرلىرىنى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىشىقا بولمايدىغان چاقچاق، كۈلدۈرگىلىرىنى دېمەمسەن تېخى! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۆز ۋاقتىدا ھەر شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن    ئۆتكۈچە قارامنى كۆرسەتمىسەم،ئايالىم مەندىن رەنجىدى،ۋايسىدى،ھەتتا ماجىرالاشتى.ئۇنىڭ بلەن تەڭ بولمىدىم،نېمىشىقا دەمسەن؟خوتۇن كىشى دىگەنگە بۇنداق مۇھىم(سىر)نى دېگىلى بولامدۇ؟گەپ تاپالماي قالغان چاغلىرىمىدا؛(باشلىق مىھىمان قىلىغان دەپلا )قويدۇم.بۇنداق جاۋابنىڭ قېتىم سانى كۆپەيگەنسېرى،خوتۇنۇم مەندىن راستىنىلا گۇمانلاندى.(باشلىق پەقەت سىزنىلا مېھىمان قىلامدۇ؟سىز دىگەن قانچىلىك ئادەمتىڭىز؟ باشقا گەپنى قۇيۇپ مائاشىڭىزنىڭ يېرىمى نەگە كېتىۋاتىدۇ؟قايسى مەيخانىدىكى سەتەڭگە خەجلەۋاتسىز؟راسىت گەپ قىىلڭ!بولمىسا،كوچىغا سۆرەپ چىقىپ رەسىۋا قىلىمەن...)دەپ تۇرۇۋالدى.(ما چاتاقنى كۆرمەمدىغان؟ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟)دەپ تۇرسام،بىردىنىلا خىزمەت ئورنۇم يۆتكىلىپ،مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ قالدىم.شۇنىڭىدىن كېيىن ،ۋات-ۋات خوتۇننىڭ ئاغزىمۇ بېسىقىتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دوستۇم،ساڭا راسىت گپنى قىلاي،قولنى كەسمىسە قان چىقىمايدۇ،يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ،بۇ دىگەن ھازىر ئەقەللىي ساۋات.ئىدارە باشلىقى ۋاھاپنىڭ،سۆزى تاشنى يارىدىغان باشلىقىنىڭ دائملىق ئۈلپىتى بولۇش دېگەن ئاسان گەپمۇ؟بىراق،بۇنىڭ بىرلا شەرتى؛سېخي بولۇش كېرەك،خۇددى ماڭا ئوخشاش!پۇلنى مەھكەم سىقىمدىۋېلىپ، بارماقلارنىڭ ئارىسىدىن تامغان سۈينى شورىغان بىلەن ئىش ئوڭغا تارتمايدۇ.مۈشۈك بىكارغا ئاپتاپقا چىقىمايدۇ.قانداق،ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسەن، بەلىنى باغلىيالامسەن؟(ماقۇ)لا دېسەڭ،ھازىرنىڭ ئۆزىلا سېنى باشلىققا تۇنۇشتۇرىمەن.نېمە،نېمە؟(بۇ ئىشقا بوينۇم قويمايدۇ)دېدىڭما؟ھەي بۈگۈن چىقىم تارتىمايسەن،پەقەت مېنىڭ جۇۋامدا تەرلىسەڭلا بولىدۇ.نېمە؟ئەستا...(ۋىجىدانىمىغا خىلاپ)دېدىڭما؟ھوي،تازا ئۇچىغا چىققان دۆت بىر نېمىكەنسەنغۇ؟مۇشۇنداقلىقىڭىدىن تا ھازىرغىچە پەگاھتا ئۆمىلەپ يۈرۈپتىكەنسەندە،قويە سېنى...مانا-مانا،ئىدارە باشلىقى ۋاھاپنىڭ پىكاپىمۇ كېلىپ قالدى.

copyright by www.iz.la

-ئىدارە باشلىقى كەيپىياتلىرى ياخشىدۇ،ھى...ھى...ھى...بۈگۈن يەنە شەنبە بۇلۇپ قاپتۇ.تەييارلىقمۇ جايىدا،ئاۋۋالقىدەك داۋاملاشتۇرامدۇق؟

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

-ھىم،بولمايدۇ!ماۋۇ ئىككى كونۋېرت سىزنڭىكى! ئوبدانراق كۆرۈپ چىقىڭ.ئادەم دېگەن پاك نىيەت،سەمىمىي بولۇشى كېرەك ئىكەن.بۇ مېنىڭ يەكۈنلىگەن ئاخىرقى ساۋىقىم،خەير-خوش...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-نېمىلەدۇ بۇ؟ھەممىسى پۇل ئىكەنغۇ؟كونۋېرتنىڭ كەينىدە (سىزنىڭ چىقىملىرىڭىز )دېگەن خەت تۇرمامدۇ؟ئەستا....بەللى،بۇ كونۋېرىتىكى ئۇقتۇرۇش ئىكەنغۇ،ھە ئۇقتۇرۇش...(بۆلۈم ئىخچاملاندى،سىز ۋەزىپىڭىزدىن ھەم ئىش ئورنىڭىزدىن قالدىڭىز!ھە بۇ ئۇقۇشماسلىق ئەمەستۇ؟ئاھ،تەڭرىم بۇ قانداق ئاقىۋەت!؟...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە؛نىقابلانغان قاتىللا

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(11)
78.6%
ناچار
(3)
21.4%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سېرىق تاكسى

    ئاپتۇرى: ئۆمەر مەھمۇت مەن ئاشۇ تاكسىلارغا ئەجەپلىنىپ قارايمەن،ئۇلارنىڭ ئاستى ئۈستى تەرپىدىكى قىسمەن يېشىل رەڭلىرنى ھىسابقا ئالمىغاندا،ئاساسەن سېرىق دىيشكە بولاتتى.ئۇلار شۇنچىلىك ئاددى، ھىچقانداق ئالاھىدە جەلپ قىلدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق.بىراق شۇنچە كۆپ سىتود...

  • ۋاقىتسىز قازا

    ئابدۇرېھىم ياقۇپ (ھېكايە) بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىر...

  • شۇ چاغلاردا

    ھىكايە ئابدىۋەلى مۆمىن (شۇچاغلار) بۇ ھىكايەمنى سىېنىڭدىن ، يەنە سەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن باشلايمەن، توۋا ، ياش ۋاقىتلىرىم، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىچىكلىكتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي، ئىنتىرنىت تورىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بەزىدە قى...

  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...