مەھەللەمدە قالغان خاتىرە

ۋاقتى:2011-06-12 11:29مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

قۇربانجان توختى ئازىق

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   بۈگۈن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىمدا، ماڭا شۇنچىلىك تونۇش ھەم يېقىملىق ئاشۇ گۈزەل مەھەللەمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كارتىنىلار كۆز ئالدىمدىن بىر–بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى .
   مېنىڭ مەھەللەم بەئەينى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشايتتى . يول بويىدا سايە تاشلاپ تۇرغان قاتار– قاتار تېرەكلەر ، ياپيېشىل باغ–ۋارانلار كىشىلىرىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلاپ تۇراتتى ، ئىشىك ئالدىدا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار دىللارنى سۆيۈندۈرەتتى . ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، ئاۋۇ يەردە بىر كۆلچەك بار ئىدى ، ئۇنىڭ سۈيى ھەر ۋاقىت سۈزۈك ئېقىپ تۇراتتى . گۈللەر، ئوت –چۆپلەر، دەرەخلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆسۈپ چوڭ بولاتتى، گۈللەر قونۇۋالغان كېپىنەكلەر، يايلاقلاردا ئوتلىتىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن قوي، كالىلار، دەرەخلەرگە قونۇۋالغان قۇشلارمۇ بەزىدە بۇ كۆلچەككە بېشىنى تېقىپ سۇ ئىچىۋالاتتى. مەنمۇ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بۇ كۆلچەكتە سۇغا چۆمۈلەتتىم. كۈز كەلسە ساپسېرىق غازاڭلار سۇ ئۈستىدە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلاتتى، قىشتا كۆلچەك ئۈستىدە تۇتۇپ كەتكەن چوكا مۇزلارنى توڭلىغىنىمىزغا قارىماي تالىشىپ يەپ كېتەتتۇق. مەھەلىمىزدىكى قىزلارمۇ بەزىدە چېلەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ كۆلچەكتىن سۇ ئېلىپ قايتاتتى. قىسقىسى، بۇ كۆلچەكنى ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى كۆرەتتۇق. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   مەھەللىمىزنىڭ شىمالىي تەرىپى تاغ بولۇپ، تاغ تەرەپتىن ئەسكەن مەيىن شاماللار يۈزلىرىمىزنى سىيپاپ ئۆتكىنىدە، ۋۇجۇدىمىزنى بىر خىل راھەتلىك سېزىم ئۆز قوينىغا ئالاتتى. مانا مەن مۇشۇنداق مېھرى ئىللىق گۈزەل سەھرا قوينىدا، يەنى مەھەللەمدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى بولغان بالىلىق دەۋرىمىنى ئۆتكۈزگەنىدىم. ھەي، شۇ بالىلىق چاغلىرىمغا قايتقىلى بولغان بولسا ئىدى – ھە!
   بىر توپ بالىلار تاڭ ئاتقاندىن كەچ كىرگىچە مەھەللىدىكى توپىلىقلاردا ئانىلىرىمىزنىڭ «كىيىمىڭنى نېمىشقا مەينەت قىلدىڭ» دېيىشلىرىگە قارىماي توپا، لايلارغا مىلىنىپ ئوينايتتۇق، كەچ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ مەھەللىدە بالىلارنىڭ ۋاڭ – چۇڭى بېسىقمايتتى. ياز كۈنلىرى چىڭقى چۈشتە چوڭلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئوغۇللار ھېلىقى كۆلچەكتە قىپيالىڭاچ بولۇۋېلىپ سۇغا چۆمۈلەتتۇق. ئارىمىزدا بىر قانچە كەپسىز بالا بار ئىدى، ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ھەمىشە باشقىلارنىڭ بېغىغا كىرىپ توڭ غورىلارنى ئوغۇرلاپ يەيتتۇق، باغنىڭ كەينىدىكى قوغۇنلۇقتىن سويمىلارنى ئوغرىلاپ كېلىپ، قىلغان ئىشىمىزغا كۈلۈشۈپ، ھۇزۇرلىنىپ يېيىشىپ كېتەتتۇق. ھازىر بۇ ئىشنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ، ئوغۇللار ئۆيىمىزدىن سەي – كۆكتاتلارنى ئاتا - ئانىمىزدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقاتتۇق، قىزلار ئانىلىرىغا تۇيدۇرماي قازان – قۇمۇچ ، چىنە – قاچىلارنى ئېلىپ چىقاتتى، بىز ئوتۇن ئەكىلىپ ئوچاققا قالاپ بېرەتتۇق، قىزلار بىزگە ئوخشىتىپ سەي قورۇپ بېرەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم بالىلار مېنى قوشنامنىڭ توخۇسىنى ئوغرىلاپ چىقىشقا بۇيرۇدى. مەن پەقەت بىر نەرسە ئوغرىيالمايتتىم، دائىم باشقىلار ئوغرىلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەڭ يېيىشىپ بېرەتتىم. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭمۇ ئازراق ئەجىر قىلىشىم كېرەكلىكىنى، ھە دېسىلا باشقىلار ئەكەلگەن نەرسىلەرگە ھەمداستىخان بولۇۋەرمەسلىكىمنى ئېيتتى. مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن خىجىل بولۇپ ئاخىرى چىڭقى چۈش ۋاقتىدا قوشنامنىڭ ئۆيىگە تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ كاتەكتىن بىر توخۇنى ئەمدىلا تۇتۇشۇمغا توخۇلار قاقىلدىشىپ قوشنىمىزنى چۆچۈتۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئويلىمىغان يەردىن ئوغرىلىغان توخۇ بىلەن تەڭلا تۇتۇلۇپ قالدىم. بۇ چاغدا توخۇنىڭ ئىگىسى: ‹‹توخۇ كېرەك بولسا مەندىن سورىساڭلا بەرمەسمىدىم، ئېلىپ چىقىپ بالىلار بىلەن تەڭ يەڭلار›› دېۋىدى،  خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا قوشنىلار ئەنە شۇنداق تولىمۇ ئىجىل - ئىناق ئۆتەتتۇق، قوشنىدارچىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشەتتۇق.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   باھار كېلىشى بىلەنلا قىزلار مەجنۇنتاللاردىن ‹‹بوستان چاچ››لارنى ياساپ ئېسىۋالاتتى. بىز ئۇلارنىڭ «بوستان چاچ»لىرىنى قەستەن تارتىپ چۈشۈرۈۋېتىپ يىغلىتىۋېتەتتۇق. قىزلار ئانىسىنى باشلاپ چىقسا، ئوغۇللار بەدەر قاچاتتۇق .... بالىلىقتا قىلمايدىغان ئىش يوقكەن، قىلسا ھەر ئىش يارىشىدىكەن. شۇ چاغلارنى ئەسلەپ بىردىنلا سۆيۈنۈپ قالىمەن. ئەگەر ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز بالىلىق پەسلىمگە بىر قېتىم قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئەشۇ گۈزەل مەھەللەمگە قايتىپ، ھېلىقى كۆلچەكتە يالىڭاچ سۇغا چۆمۈلگەن، مەھەللەمدىكى بالىلار بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغىچە قانغۇدەك ئوينىغان بولاتتىم ... ئوغرىلاپ يېگەن نەرسىلەرنى ئەجەپ سېغىندىم، بالىلىقىم! ئەسلى ئوغىرىلىغان نەرسىلىرىم يەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ! مەن نەرسە ئوغرىلاپ يۈرگەن چاغدا، يىللار مېنىڭ بالىلىقىمنى ئوغرىلىۋالغانىكەن. مەن بىلەن بىرگە ئات چېپىشىپ يۈرگەن، شورىلارنى ئاتلاپ يۈرگەن ئاشۇ دوستلىرىمنى ئەجەپ سېغىندىم، يۈرىكىم بالىلىقىنى ئىزدىمەكتە ....

ئىز تورى بەك ياخشى


   بالىلىق نېمىدېگەن گۈزەل، نېمىدېگەن شېرىن پەسىل ھە! مەھەللەمدە قالغان ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...