كەپتەر

ۋاقتى:2011-06-10 19:34مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

مەن تۈز بىر دۆڭدە تۇراتتىم، كۆز ئالدىمدا پىشىپ قالغان قارا بۇندايزارلىق،ئۇ بىر تۇرۇپ ئالتۇن رەڭدە،بىر تۇرۇپ كۈمۈش رەڭدە چاقناۋاتقان دېڭىزدەك رەڭدە تۈس ئالغانىدى.
بىراق،ئۇ دېڭىز مەۋج ئۇرمايتتى.ھاۋا دىمىق،سامالدىن ئەسەرمۇ يوق، قاتتق بوران-چاپقۇن شەپىسى بار ئىدى.قۇياش ئوتتەك قىزىق،ئەمما سۇس نۇر چېچىپ تۇراتتى.لېكىن، ئۇپۇقنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك قاپساپ تۇراتتى.
جان-جانىۋارلار نەگىدۇر مۆكۈۋېلىشىقان...ئۇلار قۇياشىنىڭ شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىپ تۇرغان نۇرلىرى قاتتىق ئازابلانماقتا ئىدى.قۇشلارنىڭ سايراشلىرى توختىغا ھەم سايسىمۇ يوق،ھەتتا قۇشقاچلارمۇ مۆكۈنۈۋالغان.پەقەت يېقىن بىر جايدا يېگانە تۇرغان يوغان بىر توپ قېرىقىزىنىڭ يوپۇرماقلىرىلا شىلىدىرلاپ تۇراتتى.ئېتىز قىرىلىدىن ئاچچىق ئەمەن ھىدى گۈپۈلدەيتتى،ھېلىقى كۆكۈچ بولۇتقا تىكىلىپ...كۆڭلۈم بىردىنىلا ئەنسىزلىككە تولدى.(ھە، قېنى كېلە، تىز كەلمەمسەن!-دەپ ئويلىدىم مەن،ھە-ئالتۇن يىلان،ئوتۇڭنى چاچ،ھە گۈلدۈر دۇمباق،راسا گۈلدۈرلە! ھەي ياۋۇز بۇلۇت،تىز ئۇچقىن،يامغۇرۇڭنى شارقىرات!يۈرەكنى سىقىدىغان بۇ دىمىقىچىلىقىنى تېز تۈگەت!)

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئەمما،قارا بۇلۇت قىمىرلاپمۇ قويمىدى.ئۇ تېخچىلا تىمىتاسلىققا چۆمگەن زىمىننىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇراتتى...پەقەتلا تېخىمۇ ئۇلغىيۋاتقاندەك بارغانسېرى قارىداپ كېتىۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز بۇلۇتنىڭ كۆرۈمسىز،كۆكۈچ گەۋدىسىنىڭ كەينىدە ئاپئاق قولياغلىق ياكى كاللەك قارغا ئوخشايدىغان قانداقتۇر بىر نەرسە تەكشى ۋە بىمالال قىمىرلاشقا باشلىدى.سىنىچلاپ قارىغانىدىم،ئۇ مەھەللە ياقتىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بىر ئاق كەپتەر ئىكەن.ئۇ ئۇچا،ئۇچا،تۈپتۈز ئۇچقانچە ئاخىر ئورمانلىقىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كۆزدىن غايىب بولدى.
قانچىلىك قاراپ تۇرغانلىقىمنى بىلىمەيمەن،ئەتراپ يەنىلا گۆردەك تىمتاس ئىدى...تۇيۇقسىز ئىككى ئاق قولياغلىق،يەنى ئىككى كاللەك قارا پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇلار قايتىقان ئىككى ئاق كەپتەر بولۇپ، ئۆز ئۇۋىسىغا ئۇچۇپ مېڭىشىقانىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاخىر بوران-چاپقۇن يېتىپ كەلدى-دە،سۈر-ھەيۋىسىنى كۆرسەتكىلى تۇردى!
مەن مىڭ بىر تەستە ئۆيگە ئاران قايتىپ كېلىۋالدىم.بوران غالجىرلىقى تۇتقاندەك ھەدەپ ھۇۋلىماقتا،پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن غويۇلداپ ئارىلاشماقتا،شارىلىداپ يېغىۋاتقان يامغۇرلار يەرگە سانسىز نەيزىلەردەك سانجىلىماقتا،يېشىل چاقماقلار كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ۋال-ۋۇل چېقىلىماقتا،گۈلدۈرمامىلار ھېلىدىن-ھېلىغا زەمبىرەكتەك گۈمبۈرلىمەكتە،ھاۋا گۈڭگۈرت ھىدى بىلەن قاپلانماقتا...
بىراق،ئۆينىڭ لەمپىسىدە،تۈڭلۈكنىڭ قېشىدا،بىر تۈپ ئاق كەپتەر قاتارلىشىپ تۇراتتى،بىرى جۈپتىنى ئىزدەپ چىققان كەپتەر،يەنە بىرى ئۇ قايتۇرۇپ ئەكەلگەن،بەلكىم قۇتقۇزۇپ ئەكەلگەن كەپتەر ئىدى.
www.iz.la

ئۇلار پەيلىرنى ھۈرپەيتىشىكە،قاناتلىرىنى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇرغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى...
ئۇلار نېمىدىگەن خاتىرجەم-ھە! ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ مېنىڭ كۆڭلۈممۇ ئارامىغا چۈشتى...گەرچە مەن يەككە-يىگانە...مەڭگۈ مۇشۇنداق تەنھا بولساممۇ... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئاپتۇرى؛تۈرگېنېف

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
75%
ناچار
(1)
25%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...