شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 21-ئىيۇل تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 21-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە كامېرۇن زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن كۆرۈشتى.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامېرۇن ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى بەخت–سائادەتكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا جۇڭگو–ئافرىقا دوستلۇق تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشتى.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقئارا ئىقتىسادىي كىرىزىس تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە زور زىيان ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ جەنۇب بىلەن جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش ئىرادىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو كامېرۇن قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىستېراتىگىيەلىك ھەمراھى دەپ قارايدۇ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق تەرەپلەردىن داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىكى تۈرلۈك ئورتاق تونۇشتىكى مەزمۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ب د ت قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردى ماسلىشىشنى زىچلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كامېرۇن، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بىيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامېرۇن-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان كامېرۇنغا ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، كامېرۇننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو كامېرۇننىڭ قەدىناس دوستى ۋە ئىشەنچلىك ئىستېراتىگىيەلىك ھەمراھى، كامېرۇن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن دېمىڭ، جۇڭگونىڭ كامېرۇندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈەن جىنۋېي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.