ئىلھام ئىمىن، ئىمىنجان داۋۇت، نىجات ئىمىن خەۋىرى : 2011 – يىللىق ‹‹ۋېييې كانچىلىقى›› لوڭقىسى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى 21 – ئىيۇل كەچتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، جۇڭگو شىنجاڭ كوماندىلىرىدىن كەلگەن 50 كە يېقىن تەنھەرىكەتچى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بوكسچىلىرىنىڭ 2012 – يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنداق خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىنى جايلاردا ئۆتكۈزۈش تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش – ئۆسمۈرنىڭ بوكس ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى، جايلاردا بوكس ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئاساس سالغىلى بولىدىكەن.
مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ مۇسابىقە 24 – ئىيۇل ئاخىرلىشىدۇ.