21–ئىيۇل، ‹‹ئاق قۇ كۆلى›› بالېتى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئوينالدى
چايكوۋسكىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ ئاق قۇ كۆلى›› ياڭرىدى، قىپقىزىل پەردە ئاستا–ئاستا تارتىلدى، قويۇق ‹‹ئورمان››، زۇمرەتتەك ‹‹بۇلاق سۈيى››، ياۋروپاچە ‹‹ئوردا ئىمارىتى››... بىردىنلا تاماشىبىنلارنى شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈردى، ‹‹ئوردا›› دىكى بىر توپ دېدەك ۋە نەۋكەرلەر شوخ بالېت ئۇسسۇلىغا چۈشتى...
21–ئىيۇل، موسكۋا دۆلەتلىك ‹‹رۇس بالېتى›› تىياتىر ئۆمىكىنىڭ تاماشىبىنلار كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقان بالېت ئۇسسۇلى — ‹‹ئاق قۇ كۆلى›› شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئوينالدى، بۇ، چەت ئەل بالېت ئۇسسۇلى ‹‹ئاق قۇ كۆلى›› نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئوينىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى، ‹‹1–ئاۋغۇست›› تىياتىرخانىسى قاتارلىق يەتتە تىياتىرخانىدىمۇ ئېسىل نومۇرلار ئورۇندالدى، بۇ يەنە 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە، 15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى توققۇز كەسپىي ئۇسسۇل ئۆمىكى ئەڭ يۇقىرى سەھىيەدىكى ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە 80 مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويىدۇ.
بالېت تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ خىيالىدا ئەڭ ئالدى بىلەن ‹‹ ئاق قۇ كۆلى›› ئەكس ئېتىدۇ. بۇ قېتىم رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك ‹‹رۇس بالېتى›› تىياتىر ئۆمىكى ئوينىغان ‹‹ ئاق قۇ كۆلى›› رۇسىيە بالېتىنىڭ ئەنئەنىسى، كەسپىيلىكى ۋە ئۆلچەملەشكەن سەنئەت شەكلىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە نەپىس ۋە گۈزەل ئۇسسۇل ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندا يەنە كۆپ كۆچ چىقاردى، ئېسىل كىيىملەر، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئۆزگىچە ئىجادىيلىق تاماشىبىنلارنى گۈزەل سەنئەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى.
بالېتتىن باشقا، چايكوۋسكىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئاق قۇ كۆلى›› مۇ مەيداندىكى يارقىن نۇقتىلاردىن بولۇپ قالدى. مۇزىكا بالېتنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەسەرنىڭ كومېدىيە تۈسىنى قويۇقلاشتۇردى، توقۇنۇشلارنى گەۋدىلەندۈردى.