ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى ›› يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار 18-ئىيۇل مارالبېشىى ناھىيەسىگە كېلىپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى.
ئۆمەك ئەزالىرى ۋىلايەت ۋە ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ، بۇ ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت مەركىزى، سانائەت باغچا رايونىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە ئاناركۆل يېزىسىنىڭ تالاشۇ كەنتىدىكى «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» ئەھۋالى ھەمدە دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ كېۋەزلىك كەنتىنىڭ 2-قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا نەق مەيداندا ئەمەلىي تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش ۋە ئۆگۈنۈشتە بولدى.
18-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسى، سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە «خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئۆمەك ئەزالىرىغا ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، 2-قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە «خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك دوكلات قىلدى، شۇنداقلا يەنە ئۆمەك ئەزالىرى سورىغان سوئاللارغا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا جاۋاب بەردى.
بۇ قېتىمقى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق بېيجىڭ ئۇنىۋېرستىتى ‹‹ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى ›› يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇتلۇقلاپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ياراتقان يېڭىلىقلارنى ‹يېڭىلىق يارىتىش تۈرى مۇكاپاتى›غا ئىلتىماس قىلىش›› توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، ئەل – ئاۋامنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ تونۇشقاندىن باشقا، دۆلەت، جەمئىيەت، خەلق ئەھۋالىغا قارىتا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇپ، ئەڭ قىممەتلىك 1-قول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىچكى تەپەككۇرىنى بېيىتتى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرستىتى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى تەتتقىق قىلىش جەمئىيىتى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .