ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹مۇقام باھارى›› سەنئەت كېچىلىكى قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى، فوتوسى:  21–ئىيۇل كەچتە، شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى قورۇسى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، بۇ يەرگە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى — ‹‹مۇقام باھارى›› نى كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار كېچىلىك باشلانغۇچە قورۇ ئىچىدە سەيلە قىلدى ھەمدە كېچىلىكنىڭ باشلىنىشىنى كۈتكەچ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كېچىلىك باشلىنىدىغانغا يېرىم سائەت قالغاندا، تاماشىبىنلار رەتلىك تىزىلىپ خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ زالغا كىردى. كېچىلىك شىنجاڭ ۋاقتى دەل سائەت 7:00 دە باشلاندى.

    ‹‹مۇقام باھارى›› سەنئەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈشلەر 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!