چيۇ يۆفېڭ
ئېلىمىزدىكى مەشھۇر روزغار باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى جۈننىڭ قارىشىچە، ئالتۇن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى قورال ئىكەن. ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى توختىماي ئۆرلىدى، ئېلىمىز ئالتۇن بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالتۇننى خەلققە يۈزلەندۈرۈشى؛ خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. يېقىندا خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆرلەپ، بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1600 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ تاشلىدى.
پۇل قىسلىقى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، پاي چېكى بازىرىدىن كۆپ پۇل تېپىش قىيىن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتىنى قىسىشقا باشلىدى، بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىمۇ %21كە ئۆرلەپ، بانكىلارنىڭ ئوبوروت مەبلىغى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. لى جۈن مۇنداق دېدى: بازاردا كۆچمە مەبلەغ كەمچىل ئەھۋالدا، پاي چېكىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەش شارائىتى پېشىپ يېتىلمەيدۇ، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي چېكى بازىرىدىن كۆپ پۇل تېپىشى قىيىن بولىدۇ.
بۇ قېتىم مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى قىسىشىدىكى مەقسىتى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش، ۋاھالەنكى پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئاساسلىقى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىدۇ.
لى جۈن مۇنداق دېدى: پۇل پاخاللىقى بېسىمى تۆۋەنلەپ، مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى بوشاپ، بازار يېتەرلىك كۆچمە مەبلەغكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن پاي چېكى ئۆرلەيدۇ.
ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىمۇ خەۋپتىن ساقلىنىش، تۆۋەنلىشىمۇ خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر
بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولدى، باھا نېمە ئۈچۈن ئۆرلىدى؟ لى جۈن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالتۇن باھاسى ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، پۈتۈنلەي خەۋپتىن ساقلىنىش ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. 28 – يانۋار، خەلقئارادا بىر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1308 دوللاردىن 1346 دوللارغا ئۆرلىدى، بۇنىڭغا مىسىردىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەب بولدى. 19 – مارت ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆرلىدى، سەۋەبى فىرانسىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئامېرىكا لىۋىيەنى بومباردىمان قىلدى.
لى جۈن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش، تېررورلۇق، پارتلىتىش ۋە قەستلەش ۋەقەلىرى سادىر بولغان ھامان قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىشنى ئوڭشايدىغانمۇ ئالتۇن، بۇزىدىغانمۇ ئالتۇن، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى خەۋپتىن ساقلىنىش، تۆۋەنلىشىمۇ خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. 2 – ماي، دۇنيا تېررورچىلىرىنىڭ كاتتىبېشى بېن لادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بۇ مەزگىلدە بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى.
ئېلىمىز ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ
لى جۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى 1090 توننىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ ئالتۇن زاپىسى كۆلىمىنى ئېلىمىزنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا، بەكمۇ ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن زاپىسىمۇ بەلگىلىك نىسبەتتە ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە ماس كېلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى 6000 توننىغا يېتىدىكەن، سەككىز يىلدىن ئون يىلغىچە ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى 10 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.
لى جۈن مۇنداق دېدى: بەلگىلىك ئالتۇن زاپىسى بولمىسا، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ؛ بەلگىلىك ئالتۇن زاپىسى بولمسا، خەلق پۇلىنى ھەقىقىي خەلقئارالاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئېلىمىز خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
لى جۈننىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن كېلەر يىلى يىل بېشىغىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشمىسىلا، بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1690 دوللارغا يېتىدىكەن.
لى جۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ 35 يىللىق ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئالتۇن سېتىۋېلىشنىڭ ئىككى ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولىدۇ، بىرى، چاغاننىڭ ئالدى – كەينى، يەنە بىرى، 7 –، 8 – ئايلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەر يىلى ئالتۇن سېتىۋېتىشنىڭ ئىككى ئەڭ ياخشى مەزگىل بار، بىرى، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرى بىلەن ئىيۇننىڭ باشلىرى، يەنە بىرى، 10 – دېكابىردىن بۇرۇن. ھەر يىلى 10 – دېكابىردىن بۇرۇن ئالتۇننى چوقۇم سېتىۋېتىش كېرەك، بولمىسا زىيان چوڭ بولىدۇ.
لى جۈن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، سودىغا بەك بېرىلىپ كەتمەي، ۋاقتىدا قول ئۈزۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك، بىر ئۇنسىيە ئالتۇندا 10، 20 دوللار پايدا چىقسىلا، سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى پۇرسەتنى كۈتۈش كېرەك.