ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

2–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى

2011-يىلى07-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     ئېچىلىش مۇراسىمىدا، داڭلىق چولپانلاردىن سۇڭ زۇيىڭ، سۇن يۆ، ۋىتاس قاتارلىقلار نادىر نومۇرلارنى ئورۇندىدى

     ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى، فوتوسى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 20–ئىيۇل كەچ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ شاۋخۇا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، ۋاڭ جيەنمىن ، فۇ چياڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار، شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    كېچىلىكتىن كۆرۈنۈشلەر

   شۇ كۈنى كەچ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى ناخشا ــ ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلاندى.تۆت قىتئە ،15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ، ئوخشىمىغان ئىرىق ، ئوخشىمىغان تىلدىكى 2000 غا يېقىن ئۇسسۇلچىلار تەڭرىتاغ باغرىغا جەم بولدى. ئۇلار ەۈزەل نەپىس ئۇسسۇل ،جۇشقۇن روھىي قىياپەت بىلەن بۇ كاتتا ئۇسسۇل بەزمىسىگە ھۆسۈن قوشتى ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈش ۋە قىزغىنلىقىنى ئىزھار قىلدى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 6:30 دا، ‹‹2–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› نىڭ باشلانغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي چېگرىسىغا، ياۋرو–ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، يىپەك يولىدىن ئىبارەت مەدەنىيەت ۋە دوستلۇق تارقىتىدىغان بۇ تۈگۈن جۇڭگونى دۇنيا بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى كەڭ سەھنىگە ئايلانغان. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا، شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى، مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇشقۇن روھىي كەيپىيات ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن شىنجاڭ ئۈنۈمى بىلەن ئىلمىي ھالقىش، كېيىن باشلاپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب–شىمالىدا يېڭى مۆجىزە يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچماقتا.

      كېچىلىكتىن كۆرۈنۈشلەر
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!