لىۋىيە رەھبىرى كازافى (ماتېرىيال سۈرەت)
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 20-ئىيۇل تېلېگراممىسى: لىۋىيە رەھبىرى كازافى 19-ئىيۇل پايتەخت تىرىپولىغا يېقىن جايدىكى بىر ھەربىي لاگېردا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا داۋاملىق قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن ھەمدە لىۋىيە خەلقىنى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوزغىلىپ، ‹‹تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تېمىم قېنى قالغۇچە›› كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، كازافى شۇ كۈنى لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەزىزىيادىكى ھەربىي لاگىردا قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ: ‹‹مىليونلىغان ئامما مېنى قوللاۋاتىدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىدە، شان-شۆھرىتىمىز، نېفىت ۋە بايلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تېمىم قېنىمىز قالغۇچە كۈرەش قىلىمىز›› دېگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىزنى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىز — كۈرەش قىلىش. مېنىڭ قوللىغۇچىلىرىم، قوللىرىڭلارغا قورال ئېلىڭلار، بىز قولىمىزغا قورال ئېلىپ ئۆكتىچىلەرنىڭ بازىسى قىلىنغان بىنغازى، مىسۇراتا ۋە پايتەختنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى نەفۇسەھ تاغلىق رايونىنى ئازاد قىلايلى.
كازافى يەنە مۇنداق دېگەن: بىز خائىن ۋە ش ئا ئە ت نىڭ قوللىغۇچىلىرى كونترول قىلىۋالغان شەھەرلەرگە ئىلگىرىلەپ كىرىپ، ئۇ رايونلارنى قايتۇرۇۋالايلى. ش ئا ئە ت نىڭ بومباردىمانى بىزنى قورقۇتالمايدۇ.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە، غەرب بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر كازافىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كازافى ئۆزىنىڭ لىۋىيەدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.