جۇڭگو ئاخبارات تورى ئۈرۈمچى 20-ئىيۇل تېلېگراممىسى : 19-ئىيۇل ، قەشقەر شەھىرىدە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىر كىرا ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىشتەك زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى ، ئىككى ئادەم يارىلاندى . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ، قاتناش ، داۋالاش تارماقلىرى نەق مەيداندا تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى .
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:20 ئەتراپىدا ، ئۈچ يولۇچى ئولتۇرغان كىرا ئاپتوموبىلى قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن شەھەر رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ ، قەشقەر ئايرودۇرۇم يولى قاتناش تارماق ئەترىتىنىڭ ئالدىدىكى يول ئېغىزىغا كەلگەندە ، بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ، دەل شۇ ۋاقىتتا كېلىپ قالغان يەنە بىر يۈك ئاپتوموبىلى تورمۇز تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۇدۇل كىرا ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن كىرا ئاپتوموبىلى ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى جىددىي سۈرۈشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ .