ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنى يوقلىدى
چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: 18 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى شىنجاڭ ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپى ۋە پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ، ‹‹شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى››دە ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن، قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يوقلىدى.
شىنجاڭ ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى مەنزىرىلىك رايونغا جايلاشقان، ئازادە، بۈك – باراقسان مەكتەپ قورۇسىدا رەڭدار گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەكتەپ مۇھىتى ئىنتايىن پاكىز ئىدى. ئوخشاشمىغان ياش قۇرامىدىكى بىرنەچچە 100بالا بىر خىل كۆك، قىزىل كىيىم كىيىپ، مەيداندا ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ئويناۋاتاتتى.
بالىلار جاڭ شۇجىنى كۈتۈۋالدى
- جاڭ بوۋا بىزنى يوقلاپ كەپتۈ!
- جاڭ بوۋا، ياخشىمۇ سىز! ئالتە ياشلىق ئالىم بىر نەچچە بالا بىلەن جاڭ چۈنشيەنگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئالىم جاڭ چۈنشيەننىڭ قولىنى تۇتقىنىچە دەرسخانىغا كىردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شيامېندىن قايتۇرۇپ كېلىنگىنىگە تۆت كۈن بولغان 13 ياشلىق قۇربان ئىمىنغا تەسەللىي بەرمەكتە
بۇ يىل 4 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىدە ‹‹شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى››نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مەركەز، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە يېقىندىن ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، شىنجاڭلىق 394 بالا قايتۇرۇپ كېلىندى. ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش جەريانىدا، ئالاقىدار تارماقلار بىر يۈرۈش تەربىيەلەش، پىسخىك ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق بالىلارنىڭ پىسخىك ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پاناھلاندۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، بالىلارنى ئىللىق، ساغلام تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈردى ۋە ئۇلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن بۇ بالىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بۈگۈن، جاڭ چۈنشيەن نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىللە ھازىر قايتۇرۇپ كېلىنگەن، سەرگەردان بالىلارنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتىدا ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ كەمپۈتلىرىنى شۇجى جاڭ چۈنشيەنگە سوۋغا قىلدى
جاڭ چۈنشيەن ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپىنىڭ پاكىز، ئازادە ياتاق بىناسىنى ئايلىنىپ كۆردى. مەكتەپ بالىلارغا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تولۇق ھازىرلاپ بەرگەن، ياتاقتا تېلېۋىزورمۇ بار ئىكەن.
- بۇ مەكتەپنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلىدىڭلارمۇ؟ تامىقىڭلار ياخشىمۇ؟ جاڭ چۈنشيەن كۆيۈمچانلىق بىلەن بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى.
بالىلار جاڭ چۈنشيەنگە بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئوبدانلا كۆنۈپ قالدۇق، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى، تاماقلارنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ، پولۇ، توخۇ گۆشى قوردىقى قاتارلىق ھەممە تاماق بار، بۈگۈن ھەر خىل سوغۇق سەي ۋە ئەتكەنچاي بىلەن ناشتا قىلدۇق.
بالىلار مۇنداق دېدى: بۇ يەردە، ھەممىمىز يېڭى كىيىم كىيەلەيمىز، ھەر كۈنى بىلىم ئالالايمىز، ئوقۇتقۇچىلار ئاتا – ئانىمىزغا ئوخشاش بىزگە بەكلا كۆيۈنىدۇ، ھەممىمىز بۇ يەرنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدۇق.
12 ياشلىق ئىمام ھەسەن بەش يىل ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىپ، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ھەمىشە تىل – ئاھانەت ئىشىتكەن ۋە دۇمبالانغان. ئالدانغان بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بەدىنىدە جاراھەت ئىزلىرى ھېلىھەم بار. جاڭ چۈنشيەن بۇ بالىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تولىمۇ ئېچىندى، ئۇ بالىلارغا تەسەللى بېرىپ: كەچۈرمىشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، كۆڭلىمىز بەكلا ئازابلاندى، سىلەر ئاتا – ئاناڭلارنىڭ يۈرەك پارىسى، شىنجاڭنىڭ پەرزەنتى، شۇنداقلا بىزنىڭمۇ پەرزەنتىمىز! دېدى.
جاڭ چۈنشيەن بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش جەريانىدا نۇرغۇن تاغا – ھەدىلىرىڭلار ناھايىتى كۆپ جاپا چەكتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىلەرنى ياخشى تەربىيە ئېلىش، ئاتا – ئانىنىڭ مېھرىگە قاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش. سىلەر ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ماھارەت ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىڭلار، ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭلار كېرەك.
ئىككى ئاي ئىلگىرى، 15 ياشلىق ئوراز شىنجاڭ ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن جاڭ چۈنشيەنگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەكتەپتىكى يېڭى تۇرمۇشىنى بايان قىلغان. ئوراز بۈگۈن جاڭ بوۋىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ ئۆزلىرىنى يوقلايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئوراز: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە يېتەكلىشى بىلەن بىز ئۆتكەن زۇلمەتلىك كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ، نۇرلۇق، كۆڭۈللۈك يېڭى تۇرمۇشنى باشلىدۇق.
ئاپتونوم رايونلۇق پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتى سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش مەركىزىدە، بەش ياشلىق ئايگۈزەل خۇشال – خۇرام ھالدا رەسىم سىزىۋاتاتتى، ئايگۈزەل بەك كىچىك بولغاچقا، ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيتتى. خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئىزدەشكە پائال ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جەمئىيەتكە، سەرگەردان بالىلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، بىز ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى بايقىساقلا، ئۇلارنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمىز. ‹‹شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى›› قانات يايدۇرۇلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ، ئەدلىيە، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ خىزمەت ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بولدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تىزگىنلىۋېلىش، ئالداپ ئېلىپ قېچىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ۋە جىنايەت شايكىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھازىرقى باسقۇچتىكى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ، بايلىق مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەر خىل شەرت – شارائىت ھازىرلاپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش، پاناھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيە كۆرۈش، ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىش پۇرسىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن فۇ چياڭ، بەي جىجيې ھال سوراشتا بىللە بولدى.