ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئۆزبېكىستاندا 6.2 بال يەر تەۋرەپ 13 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇل خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋال تارمىقى 20-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 20-ئىيۇل ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىدىكى فەرغانىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 6.2 ب
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇل خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋال تارمىقى 20-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 20-ئىيۇل ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىدىكى فەرغانىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا  6.2 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 13 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، 86 ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 01:35 ئۆتكەندە، ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 42 كىلومېتىر جايدا 6.2 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدە ئىكەن.
ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋال تارمىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، يەر تەۋرەش فەرغانە رايونىدا قىسمەن كونا ئۆيلەرنى ۋەيران قىلغان. دەسلەپكى سىتاتىستىكىدا 13 ئادەم بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان، 86 ئادەم يارىدار بولغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!