ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

‹‹ئاتلانتىس›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ‹‹پىنسىيەگە›› چىقتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئامېرىكا شەرقىي قسىم ۋاقتى 8-ئىيۇل سائەت 11 دىن 30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا (ئۈرۈمچى ۋاقتى 21 دىن 30 مىنۇت)، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئاتلانتىس›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم ئايروپىلانى مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلىپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قاراپ ئۇچتى بۇ ئامېرىكا ئالەم ئايروپلانىنىڭ 135-قېتىم ئۇچۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى پىلانىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق ئۇچۇش بولۇپ قالدى. ‹‹ئاتلانتىس›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئامېرىكا ئۆزى ياساپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن تۆتىنچى ئالەم ئايروپىلانى بولۇپ، بۇ ئايروپىلان 1980-يىل 30-مارتتا ياسىلىشقا باشلىغان، 1985-يىل مارتتا كالىفورنىيەدىكى قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا پۈتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىسىمى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى ۋۇدىس ھول ئوكيان تەتقىقات مەركىزى 1930-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئىشلەتكەن قوش ماچتىلىق يەلكەنلىك كېمىدىن كەلگەن. بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈگۈچى كېمە ئەينى دەۋرىدىكى تۇنجى بولۇپ ئوكيان تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلگەن كېمە ئىكەن.

1985-يىل 3-ئۆكتەبىر، «ئاتلانتىس» نىڭ تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلىشى

1985-يىل 8-سېنتەبىر، «ئاتلانتىس» نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىدىكى ئايروپىلان خادىملىرى

1989-يىل 18-ئۆكتەبىر، «ئاتلانتىس» ئالەم ئايروپىلانى «گالىلېي» ناملىق يۇپىتېر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى يۈكلەپ ئۇچماقتا

2009-يىل 16-ماي، «ئاتلانتىس» نىڭ ئايروپىلان خادىملىرى ھاببېل ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم رېمونىت قىلماقتا

1990-يىل 20-نويابىر، «ئاتلانتىس» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى كېننىدى ئالەم ئايروپىلانى مەركىزىگە تۇنجى قېتىم بىۋاستە قوندى

1991-يىل 5-ئاپرېل، «ئاتلانتىس» ئالەم ئايروپىلانى «كامپتون» ناملىق گامما نۇرى ئالەم تېلېسكوپىنى يۈكلەپ ئۇچماقتا

1995-يىل 4-ئىيۇل، «ئاتلانتىس» رۇسىيەنىڭ «تنىچلىق» ناملىق ئالەم ئوربېتىسى پونكىتى بىلەن تارىخىي خاراكتېرگە ئىگە چېتىشىشىنى تاماملىدى

1996-يىل 23-مارت، رۇسىيەنىڭ «تنىچلىق» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىدىن تارتىلغان «ئاتلانتىس» نىڭ سۈرىتى

1999-يىل 9-ئاپرېل، «ئاتلانتىس» ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھەيدەش بۆلىمى

2010-يىل 26-ماي، «ئاتلانتىس» ئالەم ئايروپىلانى بىخەتەرلىك ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا كېننىدى ئالەم ئايروپىلانى مەركىزىگە قوندى

2009-يىل 24-نويابىر، «ئاتلانتىس» تىكى ئاپروپىلان خادىملىرى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا كوللكتىپ سۈرەتكە چۈشتى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!