ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايون 20–ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ‹‹مېھمان كۈتۈش›› سارىيىدا 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئېچىپ، ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلارنى دوستانە كۈتۈۋالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىزغىن سۆز قىلدى.نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ‹‹ئىناق جۇڭگو، گۈزەل دۇنيا›› نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، مەزمۇنى مول، نادىر نومۇرلار كەينى–كەينىدىن ئورۇندىلىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان ۋاستىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چەت ئەللەردىن كەلگەن دوستلارنىڭ ‹‹ناخشا–ئۇسسۇل ماكانى›› دا، ئۇسسۇل ئارقىلىق دوستلىشىپ، ئۇسسۇل ئارقىلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە قىزغىنلىقىنى ئورتاق ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى لۇ شياۋفېڭ قاتارلىقلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ شاۋخۇا، جۇڭگو ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى لى يى، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم چەت ئەل ئۆمەكلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.