ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹گۇاڭدا››بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى تىجارەت باشلىدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

نۇر بەكرى ، تاڭ شۇاڭنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى

    ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋىرى : ‹‹گۇاڭدا›› بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ‹‹گۇاڭدا›› بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى جۇڭگو ‹‹گۇاڭدا››بانكىسى شىنجاڭدا تەسىس قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك شۆبە بانكا، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ماكانلاشقان پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە ‹‹گۇاڭدا›› بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ شۇاڭنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ‹‹گۇاڭدا››بانكىسى مەملىكىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختا، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى كۈچلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى، خەلقئارالاشقان تىجارەت تەجرىبىسىگە، بازار قانۇنىيىتىنى پىششىق بىلىش ۋە خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىشتەك ئۈستۈنلۈكلەرگە ئىگە. ‹‹گۇاڭدا›› بانكىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ماكانلاشقان پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەخش ئېتىدۇ.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە كەسپىگە تىرىشىپ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىپ، جۇڭگو‹‹ گۇاڭدا›› بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا تىجارەت ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى پائال قوللاپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدىغا ئېرىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو ‹‹گۇاڭدا›› بانكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىچكى جەھەتتە باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    جۇڭگو‹‹گۇاڭدا›› بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى : يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!