گاۋ فاڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ 2011 – يىللىق تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قۇرۇپ بېرىدىغان نىلقا ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق چېنىقىش پائالىيەت مەركىزىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى يىقىندا نىلقا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پىلانلىغان 22 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، بۇ يىلقى تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ناھىيە دەرىجىلىك ئون ئومۇمىي خەلق چېنىقىش مەركىزى، 32 يېزا – بازاردىكى دېھقانلار چېنىقىش مەركىزى ۋە 200 مەمۇرىي كەنتتىكى دېھقان – چارۋىچىلار چېنىقىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايون 42 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ناھىيە دەرىجىلىك ئون ئومۇمىي خەلق چېنىقىش مەركىزىگە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قۇرۇپ بېرىدۇ. يېقىندا نىلقا ناھىيەسىدە ئۇل سېلىنغان ئومۇمىي خەلق چېنىقىش مەركىزى ئۇلار قۇرۇپ بېرىدىغان ئون تۈرنىڭ بىرى.
ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ چۈەن مۇنداق دېدى: ئىدارىمىز شىنجاڭغا تەنتەربىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇلتۇر ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا تەنتەربىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بەش يىللىق پىلان تۈزۈلۈپ، بەش يىلغىچە 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ 65 ناھىيە، رايونىدا ئومۇمىي خەلق چېنىقىش مەركىزى سېلىپ بېرىش پىلانلاندى، بۇ يىل ئىش باشلانغان ناھىيە دەرىجىلىك ئون چېنىقىش مەركىزى بۇ پىلاندىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىدارىمىز يەنە كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ، شىنجاڭغا تەنتەربىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش پىلانىنى تەدرىجىي يولغا قويىدۇ.