ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يول قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا 6 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋىرى: 9-ئىيۇل، مەكىت ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ كۈنى بۇ يەردە جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى مەكىت ناھىيەسىگە ياردەم قىلغان تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش، «جەنۇب ئېلېكتىر تورى چوڭ يولى» قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە«قوش تىل»مائارىپىغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

   جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دېرىكتورى جياڭ شياۋدۇڭ، باش ئېنژىنىرى شۈ چياۋيىڭ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيا لىشىن ھەمدە مەكىت ناھىيەسىنىىڭ تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما مۇراسىمغا قاتناشتى. مۇراسىمدا، جەنۇب ئېلېكتىر تور شىركىتىنىىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مەكىت ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىگە جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىىڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ «جەنۇب ئېلېكتىر تورى چوڭ يولى» قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان 4 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلى ۋە شىركەتنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ «قوش تىل» مائارىپى بويىچە مۇكاپاتلاشقا ئاجراتقان 2 مىليون 27 مىڭ 900 يۈەن ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

   بۇ كۈنى يەنە بۇ ناھىيەنىڭ بازارجەمى يېزا چامغۇرلۇق كەنتىدە جەنۇب ئېلېكتىر تور شىركىتىنىىڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، سەككىز مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ ياساپ بەرگەن 72 كۆز زامانىۋى قۇدۇقنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش بويىچە مۇراسمىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ،جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى بۇ ئەمەلىي نەتىجىسىگە تەنتەنە قىلىندى.

   مۇراسىم ئاخىرىدا مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دوڭ جيەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق كارخانىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھىيەمىزگە نىشانلىق ياردەم قىلىشقا تۇتۇش قىلغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق خادىملارنى ناھىيەمىزگە ئەۋەتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، تۈرلەردە ھەمكارلىشىش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

   بازارجەمى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئانارگۈل راخمان مۇنداق دېدى: جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى ياساپ بەرگەن بۇ زامانىۋىي قۇدۇقلار يېزىمىزنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇش مەسلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!