ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە 300مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مۇخبىرنىڭ 13 – ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى يېقىندا مال – مۈلۈكنى يۆتكەپ ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دېلوسىنى سوت قىلىپ تاماملىغان، شىنجاڭ ‹‹شېنيۈەن›› ئۆي مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، مەزكۇر شىركەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ليۇ X ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان.

    بۇ يىل 1 – ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى ‹‹چېنگوڭ›› چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹شېنيۈەن›› ئۆي مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توختام ماجىرا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ ئىجرا قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن پىچەتلەنگەن مال – مۈلكىنى يەنە بىر ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ نامىغا يۆتكەپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسى ئىجرا ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ بانكا ھېسابىنى تەكشۈرۈش، توڭلىتىش بىلەن بىللە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلنىڭ يۇقىرى ئىستېمال قىلىشىنى چەكلىدى، شۇنداقلا ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئارقىلىق ئۇنى نازارەت قىلدى. ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىجرا قىلغۇچىلار ئاخىرى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ليۇ X نى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كەلدى، قانۇن بويىچە ليۇ X ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدى، ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇن شىنجاڭ ‹‹شېنيۈەن›› ئۆي مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

    كۈچلۈك ئىجرا ئالدىدا، ئىجرا قىلىنغۇچى 3 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دېلو سوممىسى بىلەن 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە سوممىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر دېلو ئىجرا قىلىنىپ تاماملاندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!