ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت توختى خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت ، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى ۋە كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2- قېتىملىق ساياھەت ، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى 14-ئىيۇل كۇچا ناھىيەسىدە باشلاندى . بايرامغا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرنىڭ داڭلىق يېمەكلىكلىرى قاتناشتۇرۇلغاندىن سىرت ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تونۇر كاۋىپى ، قوۋۇرغا كاۋاپلىرى ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېمەكلىكى بولۇپ باھالانغان بىجاق نانلىرى ، ئۆزگۈل راڭپىزىلىرى ، قويۇق يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان كۇچانىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ، كىشمىش ئۆرۈك ، چىلان ، ياڭاق قاتارلىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتناشتۇرۇلدى .
بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار كشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ
بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان يەرلىك مەھسۇلاتلار
ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەلنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرى