ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋال قىلالمىغان ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈشۈم كېرەققۇ، دەپ ئويلىدىم. ئۇشتۇمتۇت، ئوغلۇمغا ئىلگىرى تىزگىنەكلىك ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن، دەپ قويۇپ، ئالدىراغلىقىمنى باھانە قىلىپ، تا ھازىرغىچە ئېلىپ بەرمىگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ ھەر قېتىم ئۆيگە قۇرۇق قول كىرگىنىمنى كۆرۈپ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتەتتى. شۇڭا، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئوغلۇمغا ئاشۇ ماشىنىنى ئېلىپ بېرىپ رازى قىلىشىم كېرەك، بولمىسا، ئۇ دۇنياغا كۆزۈم كەينىدە كېتىپ قالىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يەنە ئۆيگە قايتىپ ئاپامنى يوقلىشىم كېرەك. ئۇ بۇ يىل 89 ياشقا كىردى، سول قۇلىقى ئاڭلىمايدىغاننى ئاز دېگەندەك، كۆزىگىمۇ ئاق چۈشتى، كۆزۈم يۇمۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاپام بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشىم كېرەك. ھەر قىشتا ئاپامنىڭ قوللىرى يېرىلىپ چاك-چاك بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان قولقاپتىن بىر قاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش مېيىدىنمۇ ئېلىپ بېرەي.
ھىم، خوتۇنۇممۇ ئىلگىرى مەن بىلەن خۇاشەن تېغىغا ساياھەتكە چىققۇسى بارلىقىنى ئېيتقان، بىراق مەن ئۇ ئىش، بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئېلىپ بارمىغان، كۆڭلۈمدە ۋاقىت ئۇزۇنغۇ، قاچانلا ئېلىپ بارسام بولىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. ھالبۇكى، ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىكىن، ئەتە خۇاشەن تېغىغا چىقىپ، خوتۇنۇمنىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قويۇپ ئولتۇرۇپ، خۇددى ئۇيقۇغا كەتكەندەك ئاستا-ئاستا نەپەستىن قالاي.
ئۆتكەندە دوستۇم ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ مەندىن 20 مىڭ يۈەن قەرز سوراپ كەلسە، قايتۇرماسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، قەرز بېرىپ تۇرماپتىكەنمەن. شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ كۆزى كىچىكلىك قىلغىنىمنى بىلدىم. ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان تۇرسام، ئەمدى مال-دۇنيانىڭ نېمە كېرىكى بولسۇن؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلاي، بولمىسا روھىم قانداقمۇ ئەمىن تاپسۇن، ئۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم تۇرسا.
مەن يەنە رەھبىرىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ. سەمىمىي-كەمتەرلىك بىلەن:< ئەپۇ قىلىڭ.> دېيىشىم كېرەك. مېنىڭ تەمىنات مەسىلەم ھەل قىلىنمىغاندا، رەھبىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ھاقارەتلەپتىكەنمەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇ باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ، خىزمىتىگىمۇ زور قولايسىزلىق تۇغۇلغانىدى. مەن ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىكىن، يۈزۈمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ كەچۈرۈم سوراي، يەنە ئۇنىڭغا، ئۇنى تىللىغان كۈندىن تارتىپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ ئۆتكىنىمنى ئېيتاي. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەلۋەتتە، پويىز ئىستانسىسىدا پېشىمغا ئېسىلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغان قىزچاققا قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا يېنىمدىكى تەڭگە پۇللارنى بېرىپ، يەنە ئۇنىڭغا، سىڭلىم، بۇ پۇلغا يېمەكلىك سېتىۋىلىپ يەڭ، دەيمەن.
تەڭرىم، شۇ تاپتا قەلبىم تىنىق كۆل سۈيىدەك تىنچ، قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن، ئەمما قىلالمىغان ئىشلار كەينى-كەينىدىن كاللامغا كەلمەكتە. شۇنى بىلىپ يەتمەكتىمەن.بۇ دۇنيادا، سۆيگەن ئادىمىمگە، ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىنىلىرىمگە شۇنچىلىك قەرزدار بوپتىمەن.
ئاخىر چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋالدىم. ھەر نېمە دىگەن بىلەن پەقەت ئۆلۈمۈمنى ئەسلىدىم، خالاس. ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتاي، ئەتىدىن باشلاپ قەرزىمنى ئادا قىلىشقا تۇتۇش قىلاي.