ئابابەكرى ئابدۇقادىر
ئەنۋەر بىلەن ماھىرەنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھەببىتى بىر تالاي قۇربان بېرىشلەردىن كېيىن ئاخىرى ۋىسال تاپتى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى بولدى. توي ئاخىرلىشىپ ماھىرە ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە نەغمە - ناۋا ساداسى ئىچىدە كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئىككەيلەننىڭ دوستلىرى ئەنۋەرنىڭ باھار ھىدى گۈپۈلدەپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ھويلىسىدا يېرىم سائەتتەك ئۇسسۇل ئويناشتى. كەچ كىرىپ كۈن غەربكە ئاستاغىنە باش قويدى. گۇگۇم قان رەڭلىك شەپەق بىلەن بىردەم ئويناشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نۇرىنى ئەتراپقا يايدى. ئەنۋەرنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە قىز تەرەپتىن كەلگەن يەڭگىلەر بىلەن بىللە بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت، شادلىق ۋە خەيرلىك تىلىدى. ئەنۋەر بىلەن ماھىرە قول تۇتۇشۇپ ھۇجرىغا قەدەم باستى. ھۇجرا بەخت نۇرىغا پۈركىنىپ تۆت تەرەپتىن قۇياشتەك نۇرلۇق دىدار دەملىرى قىز بىلەن يىگىتكە كۆز قىساتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىگە تەلپۈنۈپ، يۈرىكى تاتلىق سوقۇۋاتقان ئەنۋەر نى - نى قىزلارنى بېسىپ چۈشىدىغان چىرايلىق قىز بىلەن توي قىلغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر بەختلىك ئادەم قاتارىدا سانايتتى. قەلب دۇنياسى ئېيتقۇسىز لىرىك كۈيلەر قوينىدا يەڭگىل ناۋا قىلاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ ئاپئاق توي كۆڭلىكى ئىچىدە بەئەينى ئالما چېچەكلىرىدەك جۇلالاپ تۇرغان سېھرىي لاتاپىتىگە قانماي قارايتتى.
ئۇ ماھىرەگە بىردەم زوقلىنىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنى قىممەتلىك بىر بۇيۇمنى ئاۋايلىغاندەك ئاۋايلاپ ئاستاغىنە قۇچاقلاپ باغرىغا باستى. ماھىرەمۇ تېتىملىق تەبەسسۇم ۋە ئوماق نازلىنىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئەنۋەرنىڭ ئېتىبارىغا ھەدىيە ئەتتى. ئەنۋەر ماھىرەنىڭ چۆچۈرىدەك ئوماق قۇلاقلىرىغا پىچىرلىغاندىن كېيىن تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىگە ئاستا لېكىن ئىشتىياق بىلەن لەۋلىرىنى باستى.
ئەنۋەر ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى. ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن دېرىزە ئالدىغا كەلدى. ئۇ دېرىزىدىن قاراڭغۇلۇققا چۈمكەلگەن سىرتقا خېلى ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى. بىرەر سائەتلەردىن كېيىن پۇتى سىرقىراپ تېلىپ ئاغرىشقا باشلىغاندا ئاندىن يان تەرەپتىكى سافاغا كىلىپ ئولتۇردى. يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ بىر تال تۇتاشتۇرۇپ كۈچ بىلەن شوراشقا باشلىدى. كۆكۈش تاماكا ئىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ماناندەك لەيلەپ ئاستا - ئاستا قاياقلارغىدۇر يوقايتتى. ئەنۋەرنىڭ كاللىسىدىكى بىر - بىرىدىن چىگىش خىياللارمۇ بەئەينى تاماكا ئىسىدەكلا ئۇيان - بۇيان لەيلەپ يۈرەتتى.
ئەنۋەر تاڭ ئاتارغا يېقىن ئورنىدىن تۇردى. كرىسلو ئۈستىدىكى كۈلدان تاماكا قالدۇقى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مۇنچىغا كىردى. مۇنچىنىڭ جۆمىكىنى تولۇق ئېچىۋېتىپ بەدىنىنى مۇزدەك سوغۇق سۇغا تۇتۇپ خېلى ئۇزاق تۇردى. سوغۇق سۇ ئۇنىڭ تاماكا چېكىۋىرىپ گاراڭلىشىپ كەتكەن مېڭىسىنى سەل سەگىتكەندەك بولدى. ئۇ يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرا ئۆيىگە كىردى. ماھىرە ئويغاق بولۇپ، ئەنۋەرنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ تويىغا ئاتاپ تىكىپ بەرگەن قىزىل تاشلىق يوتقاننى يېرىم يېپىنغىنىچە كارىۋاتقا يۆلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ قۇياشقا تىمسال شەھلا كۆزلىرى ئۇيقۇسىزلىقتىن قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. چىرايى بولسا تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەنۋەرنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ گەۋدىسىنى ئازراق تىكلىدى. ئۇ ئەنۋەرنىڭ چىڭ تۈرۈلگەن چىرايىغا ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئەندىكتى. ئەنۋەر ئىشىكتىن كىرگەن پېتى كارىۋاتنىڭ ئايىغىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە بىر - بىرىدىن غەلىتە، قورقۇنچلۇق ۋە زىددىيەتلىك خىياللار گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقايتتى. قوللىرى پات - پات كەمىرىگە كېتەتتى. لېكىن كۆزلىرى ئۇدۇلىدا بەئەينى ئوماق ئاسلاندەك تۈگۈلۈپ تىترەپ تۇرغان ماھىرەگە چۈشكەندە قوللىرى يەنە ئۆز ئەسلىگە قايتاتتى. www.iz.la
ئەنۋەر ماھىرەگە تەخمىنەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئېغىر ئەمما زەردىلىك ئاۋاز بىلەن ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، كىيىملىرىنى كىيىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى. ئۇ سافاغا كىلىپ ئولتۇرۇپ يەنە تاماكا تۇتاشتۇردى.
ماھىرە مۇنچىدىن چىقتى. ئەنۋەر ماھىرەنىڭ ئۆزىنى تالاي كېچە ئۇيقۇسىز قويغان، گىرىمسىز، ساپ ، تەبىئىي پارلاپ تۇرغان ئايدەك سېيماسىغا قاراپ سەل دېلىغول بولدى. لېكىن روھىي دۇنياسىدا بەئەينى قارا بوراندەك قۇتراپ تۇرغان بىر خىل ئېچىنىشلىق تۇيغۇ ئۇنىڭ قارارىدىن يېنىشىغا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋالدى. ئەنۋەر ئىشىكنى ئېچىپ پەسكە چۈشتى. ئىككەيلەن ماشىنىغا ئۈن - تىنسىز چىقتى. ئەنۋەر ماشىنىنى قوزغىتىپ ماھىرەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قارىتىپ ھەيدىدى. ئۇلار يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. ئەنۋەر يول بويى بىر - بىرىدىن قورقۇنچلۇق خىياللارنى قىلاتتى. ماھىرە ئەنۋەرنى توختىتىپ ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆز گۇناھىنى تىلەشنى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنۈشنى ئويلايتتى. لېكىن ئەنۋەرنىڭ چىرايىغا قاراپ دېمەكچى بولغانلىرىنى مەجبۇرىي يۇتۇۋېتەتتى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇلار ماھىرەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەنۋەر ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشتى. كەينىدىن ماھىرەمۇ چۈشتى. ئەنۋەر بېرىپ دەرۋازىنى قاقتى. دەرۋازا ئېچىلىپ ماھىرەنىڭ ئانىسى سىرتقا چىقتى. ئۇ كۈيۆئوغلى بىلەن قىزىنى كۆرۈپ دەقىق ئىچىدە خىيالىدىن كەچمىگەن ئىش قالمىدى. ئەنۋەر ماھىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ قېينىئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. يۈرىكى تۇيغۇن ئانا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي خۇددى قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك جىم تۇراتتى. ئەنۋەر ئېغىر ئەمما ئاچچىق بىر تىنىقتىن كېيىن كەينىگە قايرىلىپ ھارغىن قەدەملەر بىلەن ماشىنا تەرەپكە ماڭدى. ئۇ ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئۆيى تەرەپكە ماڭغاندا دەرۋازىسى ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئانىسى يېنىدا يەرگە قاراپ تۇرغان ماھىرەگە قاراپ يۈرىكى پىژىلداپ ئېچىشتى. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش ئاستاغىنە سىيرىلىپ چۈشتى. ماشىنا نېمىشقىدۇر سىلكىنىپ توختاپ قالدى. ئەنۋەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا تاللاش كەسكىن جەڭگە چۈشكەن ئىدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى. ئۈچ يۈرەك بىر يۈرەكنىڭ ئاخىرقى قارارىغا زارۇ - زار ئىدى. شۇ بىر نەچچە دەقىق ئىچىدە ئۈچ ئادەمنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئاخىرى ئەنۋەرنىڭ ماھىرەنىڭ ماڭار يوللىرىدا تالاي ئىزلارنى قالدۇرغان ئوڭ پۇتى ماشىنىنىڭ ماي تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىدى. يېزىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا ماشىنا چاقىدىن كۆتۈرۈلگەن سۇس تۇمانلار لەيلەپ يۈرەتتى. ماھىرەنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش خۇددى شەبنەمگە ئوخشاش ئاستا سىيرىلىپ چۈشۈپ مەڭزىدە توختاپ قالدى.
www.iz.la